تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 451|ئىنكاس: 4

دوست دېگەن شۇنداق بولسا...(بالىلار ئىتوتى)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

24

تېما

4

ئەگەشكۈچى

885

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

تۆھپە
425
مۇنبەر پۇلى
405
ئىشەنىچ
425
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-21 23:39:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


دوست دېگەن شۇنداق بولسا...
(بالىلار ئىتوتى)
ئاپتورى:تۇرسۇن ھۈسەيىن بۇژغۇن
قاتناشقۇچىلار:
ئەكرەم:ئوقۇغۇچى،13ياش
دىلشات:ئوقۇغۇچى،14ياش
ئەركىن:ئوقۇغۇچى،13ياش
(مەكتەپ دەرۋازىسىنىڭ ئالدى،دەرۋازىنىڭ ئىككى تەرىپىگە ئىسىلغان «مەكتەپ ئىستىلى،ئوقۇتۇش ئىستىلى،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئىستىلى....» دېگەن ھۆسنىخەتلەر كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدۇ.ئەكرەم دەرۋازىدىن يىغلىغان پېتى چىقىدۇ. ئالدىدا كېتىۋاتقان دىلشات كەينىگە بۇرىلىدۇ...)
دىلشات:ئەكرەم ئاداش ،نىمە بولدى ساڭا؟ بىرەرسى بوزەك قىلدىمۇ سىنى؟(قول ياغلىقىنى چىقىرىپ ئەكرەمنىڭ يىشىنى سۇرتىدۇ.)
ئەكرەم:ھىچكىم بوزەك قىلمىدى.
دىلشات:ئەمىسە نىمىشقا يىغلايسەن؟
ئەكرەم:پۇل قاپچۇقۇمنى يىتتۇرۇپ قويدۇم.
دىلشات:پۇل قاپچۇقى دىدىڭما؟(جىددىيلىشىپ سورايدۇ.)
ئەكرەم:پۇل قاپچۇقۇمدا ئاپام گۆش ئالغاچ كەلگىن،دەپ بەرگەن پۇل بار ئىدى.(ئۆكسۈپ يىغلايدۇ.)
دىلشات:يىغلىما ئاداش،بىز ئىزدەپ باقايلى.(ئەكرەم بىلەن دىلشات ئۇ يەر بۇ يەرنى ئىزدەپ پۇل قاپچۇقىنى تاپالمايدۇ.)
ئەكرەم:ئەمدى ئاپامغا نىمىمۇ دەرمەن...!؟
دىلشات:كۆڭلۈڭنى يىرىم قىلما ئاداش،تىپىلىپ قالار...
              (ئۇلار تىت-تىت بولۇپ تۇرغان چاغدا ئەركىن خۇشال كەيپىياتتا ئۇلار يىنىغا كىلىدۇ.)
ئەركىن:قاراڭلار،يولدىن بىر پۇل قاپچۇقى تىپىۋالدىم.(ئۇ ئەكرەم بىلەن دىلشاتقا ھەيرانلىق بىلەن قارايدۇ...)
دىلشات ۋە ئەكرەم(بىرلىكتە):قىنى ئۇ پۇل قاپچۇقى؟
ئەركىن:مانا...!(ئەركىن يانچۇقىدىن بىر قارا رەڭلىك پۇل قاپچۇقىنى چىقىرىپ ئۇلارغا كۆرسىتىدۇ.)
ئەكرەم:ۋاي! بۇ دەل مىنىڭ پۇل قاپچۇقۇمكەن!؟ رەھمەت ساڭا ئاداش!نەدىن تىپىۋالدىڭ؟(ئەكرەم خۇشاللىقىدىن قىن-قىنىغا پاتماي قالىدۇ.)
ئەركىن:تار كوچىدىن...
دىلشات:يارايسەن ئاداش،ئەكرەمنىڭ كۆڭلى ئەمدى جايىغا چۈشىدىغان بولدى.سەن راستىنلا دوستلۇققا يارايدىكەنسەن جۇمۇ...!؟(ئۇلار خۇشاللىقىدىن قوللىرىنى چىڭ سىقىشىپ ناخشا ئىيتىدۇ>)
                                 بىلىم ئىلىپ ھەر كۈنى،
                                 ئەلگە يۆلەك بولايلى.
                                ئۇيۇلتاشتەك دوست بولۇپ،
                                مەڭگۈ ئىناق ئۆتەيلى.
                                يىڭنىچىلىك نەرسىگە،
                                كۆزىمىزنى سالمايلى.
                               گۈزەل-ئەخلاق ،خىسلەتتىن،
                               قەلبىمىزنى بىزەيلى....!

24

تېما

4

ئەگەشكۈچى

885

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

تۆھپە
425
مۇنبەر پۇلى
405
ئىشەنىچ
425
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-22 17:43:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت.....!
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2015-4-27 07:10, Processed in 0.102123 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش