قاراقاش ئەدىبلىرىنىڭ بالىلار ئەدەبىياتى ئىجادىيەتلىرىگە نەزەر
ئەخمەتجان ئابدۇللا
(قاراقاش ناھىيە توخۇلا يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىن)
ئۆتكەن ئەسىرنىڭ باشلىرى مەرىپەتپەرۋەر ئالىم ئابدۇقادىر داموللا بىننى ئابدۇۋارىس قەشقەرىينىڭ 1910 -يىللاردىكى «تەئلىمى سەبىييان» («گۈدەكلەر تەلىمى») ناملىق بالىلار ئوقۇشلۇقىدىن باشلانغان ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى ئالدىنقى يىلى تىرىشچان بالىلار ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىسى، ياش شائىر ياسىن ئابدۇقادىر تەرىپىدىن «ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتىنىڭ 100 يىلى» ناملىق تەتقىقات ماقالىسىدە خۇلاسە قىلىنىپ، ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتىنىڭ دەۋرلەر ئارا ئومۇملىشىپ كەلگەن شوئارۋازلىق، قېلىپبازلىق ئاسارىتىدىن قۇتولۇپ تەربىيەچانلىقتىن سەنئەتچانلىققا قاراپ يۈزلىنىپ سان ۋە سۈپەت جەھەتتە قايىل قىلارلىق ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشكەنلىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى. مەلۇمكى، ئۇيغۇر بۈگۈنكى دەۋر بالىلار ئەدەبىياتى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 20ـ30-يىللىرىدىن باشلاپ نەزەر غوجا ئابدۇسەمەتنىڭ «كىچىككىنە رىزا» ناملىق ھېكايەسى، ئۆمەر مۇھەممىدىنىڭ «ئېغىر كۈنلەردە» ناملىق ھېكايەسى، مەمتىلى ئەپەندىنىڭ «بالىلار ناخشىسى» ۋە لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ «بىزنىڭ مۇھەممەد» ناملىق بالىلار شېئىرلىرى بىلەن ئۆزىنىڭ بىخلىنىش، شەكىللىنىش دەۋرىنى يارىتىپ، يوقلۇقتىن بارلىققا كەلدى، شەكىل ۋە مەزمۇن خاسلىقىدا رەڭدارلىققا يۈزلەندى. شۇنداقلا يىلسېرى مۇكەممەل بولغان ئىجادىيەتچىلەر قوشۇنى تەشكىللەش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ، تۇرسۇنمۇھەممەد پەخرىدىن، تۇرسۇن قۇربان، توختاش بەكرى، ھەسەن تېلىۋالدى، تۇرسۇنئاي ھۈسەيىن قاتارلىق تۇنجى ئەۋلاد ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتى يازغۇچىلىرى توپىنى شەكىللەندۈردى. 1990 -يىللاردىن كېيىن، ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتى يازغۇچىلىرى ئەسىر ھالقىش ھارپىسىدا ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتى ئاپتورلار قوشۇنى ۋە ئىجادىيەت خاسلىقىدا بۆسۈش يارىتىپ، ئابلىكىم ھەسەن، پەرھات ئىلياس، زامانىدىن پاكزات، جاسارەت جاپپار، ئەخمەتجان قۇربان سابىرى، پەرھات كازىم... قاتارلىق يېڭى بىر تۈركۈم ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتى يازغۇچىلىرى ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتىدا مەزمۇن ۋە شەكىل جەھەتتىن ئۆزگىچە بۇرۇلۇش ياسىدى. قاراقاش بالىلار ئەدەبىياتى ئىجادىيەت قوشۇنىمۇ شۇنىڭغا ماس ھالدا ئۆزىنىڭ ئالتۇن دەۋرىنى يارىتىشقا ئاساس سالدى. 1980-يىللاردىن باشلاپ شائىر مەمتىمىن بارىنىڭ شېئىرلىرى ۋە جاپپار رەھىم روھلانىنىڭ بىر بۆلۈك شېئىر-تېپىشماقلىرى ئوماق بالىلارنىڭ زېھنىنى ئويغاتسا، يازغۇچى ئايمۇھەممەد ساھىبىنىڭ بالىلار ھېكايىلىرى بىلەن شائىر جاسارەت جاپپارنىڭ تېتىملىق بالىلار شېئىرلىرى كىچىك دوستلارنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالدى. يازغۇچى ئايمۇھەممەد ساھىبىنىڭ «تارىم» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «يۈك» ناملىق بالىلار ھېكايەسى بىلەن شائىر جاسارەت جاپپارنىڭ «تۇرپان» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «مېنىڭ سىڭلىم» ناملىق بالىلار شېئىرى 12- قېتىملىق «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ئېرىشىپ قاراقاش بالىلار ئەدەبىياتى ئىجادىيىتىنى يەنىمۇ جانلاندۇردى. شۇنىڭدىن كېيىن قاراقاش بالىلار ئەدەبىياتى ئىجادىيەت قوشۇنى كۈنسېرى زورىيىپ، يېڭىدىن بالىلار ئەدەبىياتى يازغۇچىلىرى يېتىشىپ چىقتى ۋە ئىجاد قىلىنغان بالىلار ئەدەبىياتى ئەسەرلىرىنىڭ سان ۋە سۈپىتى جەھەتتىكى ئۆزگىچىلىكى بىلەن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بالىلار ئەدەبىياتى يازغۇچىلىرى ئارىسىدا ئۆز ئورنىنى نامايان قىلدى. 2012-يىلى 5-ئايدا شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى بىلەن شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتىنىڭ ساھىبخانلىقىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ جەنۇبىي تاغدىكى تەربىيەلەش نۇقتىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى نۆۋەتلىك «بالىلار ئەدەبىياتى ياش ئاپتورلار سېمىنارىيەسى»گە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن يېغىلغان 18 نەپەر بالىلار ئەدەبىياتى يازغۇچىسى قاتارىدا قاراقاش ناھىيەسىدىن جاسارەت جاپپار، ئۆمەر مەتنۇرى قۇتيار، ياسىن ئابدۇقادىر، ئەخمەتجان ئابدۇللا قاتارلىق تۆت نەپەر بالىلار ئەدەبىياتى يازغۇچىسى قاتنىشىپ قاراقاش بالىلار ئەدەبىياتى ئىجادىيەت قوشۇنىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى نامايان قىلدى. سېمىنارىيەدە يازغۇچى جاسارەت جاپپار «بۆرە قىز» رومانىنى يېزىش جەريانىدىكى تەجرىبىلىرىدىن مەخسۇس تېمىلىق لېكسىيە سۆزلىدى. شائىر ياسىن ئابدۇقادىرنىڭ ئوقۇغان شېئىرلىرى ۋە «بالىلار ئەدەبىياتىمىزنىڭ 2011-يىلى» ناملىق ماقالىسى بىلەن يازغۇچى ئەخمەتجان ئابدۇللانىڭ «بالىلار ھەرپلىك قوشاقلىرى» كۇرسانتلارنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى. (ئوسمان زاھىرنىڭ «جەنۇبىي تاغ باغرىدىكى ‹18 بالا›» دېگەن ماقالىسىگە قارالسۇن). سېمنارىيەدىكى سۆھبەتتە ئۇيغۇر بۈگۈنكى دەۋر بالىلار ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسچىلىرىنىڭ بىرى بولغان تۆھپىكار ئەدىب، ئۇستاز تۇرسۇنمۇھەممەد پەخرىددىن قاراقاش ئەدىبلىرىنىڭ ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتىدىكى ئورنىغا باھا بېرىپ مۇنداق دېدى: «...قاراقاشتا ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتىنىڭ ھەممىلا ژانىرىدا يېزىش خاسلىشىپ، يېڭىدىن بىر تۈركۈم تىرىشچان بالىلار ئەدەبىياتى يازغۇچىلىرى يېتىشپ چىقىپ، خېلىلا مۇكەممەل بولغان ئىجادىيەت قوشۇنى شەكىللىنىپتۇ. مەتبۇئاتلىرىمىزغا نەزەر سالساق، جاسارەت جاپپارنىڭ ئۆزگىچە تېمىدىكى رومان ئىجادىيىتى، ياسىن ئىنىمىزنىڭ بالىلار شېئىرلىرىدىكى يۇمۇرىستىك ھالقىش، ئەخمەتجان ئابدۇللانىڭ چۆچەكلىرىدىكى نەسرىي جىلتىغا ئورالغان يەڭگىل نەزمىي مىسرا قىيمىلىرى، قۇتيارنىڭ تېتىملىق قىسقا نەسىرلىرى، يەنە بىر بالا بار ھەممىلا گېزىتكە مەسەلى چىقىدىغان (تۇختى مۇھەممەد تۇراجاننى دېمەكچى) بۇلارنىڭ ئىجادىيىتى ھەممىمىزنى ھاياجانغا سالىدۇ. ھەممىسى ئۆزىگە خاس ئىجادىيەت خاسلىقىنى، ئۆزلىرى ئىشتىياق باغلىغان ژانىرلارنىڭ سان ۋە سۈپەتتىكى يۇقىرى پەللىسىنى ياراتتى. قاراقاشتىكى مۇشۇ بالىلارنىڭ ئىجادىيەت ئىزچىللىقى بىلەن ژانىرلار بويىچە ئۆز خاسلىقىنى يارىتىشقا بولغان ئىزدىنىشى مېنى بەكمۇ قايىل قىلىدۇ. بايا ئابلىكىم دېگەندەك نۆۋەتتىكى بالىلار ئەدەبىياتىدا بىز يازغان مەزگىلدىكىگە قارىغاندا، دەۋر خاراكتېرلىك ھالقىش بارلىققا كەپتۇ. قارىسام، بۇنىڭدا يەنىلا 32 چىشلىق بالىلارنىڭ تۆھپىسىمۇ ئاز ئەمەسكەن. بۇ تاغقا يېغىلغان ‹18 بالا› نىڭ تۆتى ئانا يۇرتۇم قاراقاشتىن كەپتۇ. مېنىڭمۇ ئاتا-بوۋام ماۋۇ «چۆچەكچى بالا» ئەخمەتجاننىڭ چۆچىكىدە تولا تىلغا ئېلىنىدىغان بەھرام ئۆستىڭى بويىدا ياشاپ ئۆتۈپتىكەن، بۈگۈن بۇ بالىلارنى كۆرۈپ ئاتا-بوۋامنىڭ كىندىك قېنى تۆكۈلگەن ئانا ماكانىمنى سېغىنىشىم سەل بېسىقتى-يۇ، بالىلار ئەدەبىياتىغا بولغان ئىشق ئوتۇم تېخىمۇ ئۇلغايدى. مەن بۇلاردىن پەخىرلىنىمەن،.. تەنلىرىم ئامان بولسا قاراقاشقا بىر بارغۇم بار. بېرىپ قالسام قېچىپ كەتمەڭلار، بالىلار جۇمۇ (چاقچاق)»... يۇقىرىقىلار قاراقاش ئەدىبلىرىنىڭ ئۇيغۇر بۈگۈنكى دەۋر بالىلار ئەدەبىياتى ئىجادىيىتىدىكى كۆلەملەشكەن نەتىجىلىرىنىڭ ئەمەلىي ئىپادىلىرى بولۇپ، مەن بۇ ماقالىدە، قاراقاش ئەدىبلىرىنىڭ بالىلار ئەدەبىياتى ئىجادىيىتىدە ياراتقان يېقىنقى ئون يىللىق ئىجادىيەت نەتىجىلىرىنى خۇلاسىلەپ ئۆتمەكچىمەن: 1. مەمتىمىن بارى پېشقەدەم مۇھەررىر، تەلەپچان شائىر مەمتىمىن بارى ئۇيغۇر بۈگۈنكى دەۋر بالىلار ئەدەبىياتىنىڭ 1960-يىللاردىكى تۇرسۇنمۇھەممەد پەخرىدىن، تۇرسۇن قۇربان، توختاش بەكرى، تۇرسۇنئاي ھۈسەيىن قاتارلىق ئۇستازلار بىلەن بىر قاتاردا تۇرىدىغان ئىجادىيەت ئاساسچىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، 1939-يىلى قاراقاش ناھىيەسىنىڭ پۇرچاقچى يېزىسىدا تۇغۇلغان. 1964-يىلدىن 2001–يىلغىچە «تارىم» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمىدە ئۇزۇن يىل مۇھەررىر بولۇپ ئىشلەپ ئارامغا چىققان. ئۇنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا «گۈل»، «ئاي بۇزدى»، «بوشاڭلارنى دورىما»، «ئاسلىنىم» قاتارلىق 100 پارچىدىن ئارتۇق بالىلار شېئىرى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، «ئۈمىد غۇنچىلىرى»، «بىزنىڭ ئەۋلاد»، «سالام يۇلتۇزلار»، «دام-دام-دام»، «ئۇيغۇر بالىلا ئەدەبىياتىدىن نەمۇنىلەر» ناملىق تاللانما بالىلار ئەسەرلىرى توپلاملىرىغا كۆپلىگەن نادىر شېئىرلىرى كىرگۈزۈلگەن. «مەن مۆكۈشمەك ئوينىدىم» ناملىق بالىلار شېئىرى 1988ـ1991- يىللىق مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى باھالاشتا «مۇنەۋۋەر ئەسەر» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. «باغچە بالىلىرى»، «داپچى بالا»، «كەپتىرىم» ناملىق بالىلار شېئىرلىرى باشلانغۇچ مەكتەپ مۇزىكا دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلگەن. گەرچە ئۇستازنىڭ بالىلار شېئىرلىرى ھازىرغىچە مۇستەقىل توپلام بولۇپ نەشر قىلىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشمىگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر بۈگۈنكى دەۋر بالىلار ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا قوشقان تۆھپىسى چېچەن كىچىك دوستلارنىڭ قەلبىدىن مەڭگۈ كۆتۈرۈلمەيدۇ. 2 . جاسارەت جاپپار جاسارەت جاپپار ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان بالىلار ئەدەبىياتىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىللىرىنىڭ بىرى، شۇنداقلا قاراقاش بالىلار ئەدەبىياتى ئىجادىيەت قوشۇنىنىڭ سەركىسى بولۇپ، 1972- يىلى 12- ئايدا قاراقاش ناھىيەسىنىڭ زاۋا يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئۇ ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتى ئىجادىيەت قوشۇنىدىكى كۆپ قىرلىق، مول ھوسۇللۇق قەلەم ئىگىسى بولۇپ، ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتىنىڭ ھەممىلا ژانىرىدا ئىزچىل قەلەم تەۋرىتىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئۈلگىلىك بالىلار ئەدەبىياتى يازغۇچىلىرىمىزنىڭ بىرى. جاسارەت جاپپارنىڭ تۇنجى بالىلار ئەدەبىياتى ئىجادىيىتى 1988-يىلى «خوتەن گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان «گۈلدەستە» ناملىق بالىلار شېئىرى بىلەن باشلانغان، ئۇنىڭ 2000-يىلى 5-ئايدا شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن «ئوينايدىغان بالا بارمۇ» ناملىق بىرلەشمە بالىلار شېئىرلىرى توپلىمى، 2004-يىلى 5-ئايدا شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن «قۇشقا ئايلانغان بالا» ناملىق بالىلار ھېكايە-چۆچەكلىرى توپلىمى، 2005-يىلى 6-ئايدا قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن «شوخباش بىلەن چوغباش» ناملىق بالىلار چۆچەكلىرى توپلىمى، 2006-يىلى 10-ئايدا شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن «سالام مۇئەللىم» ناملىق بالىلار ھېكايىلىرى توپلىمى ۋە قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن «ئوسما ئوغرىسى» ناملىق بىرلەشمە بالىلار ھېكايىلىرى توپلىمى، 2007-يىلى 6-ئايدا شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن «ياغاچ قۇلاق» ناملىق بالىلار رومانى نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى. «ياغاچ قۇلاق» ناملىق بۇ بالىلار رومانى نەشردىن چىقىپ ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتى تارىخىدا رومان بولماسلىقتەك بوشلۇقنى تولدۇرۇشقا تۆھپە قوشتى. («يېڭى قاشتېشى» ژۇرنىلىنىڭ 2007- يىللىق 4- سانىغا قارالسۇن). بۇ رومان ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىپادىلەش دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى، ۋەقە مەزمۇنىنىڭ چوڭقۇرلۇقى، مائارىپ سەنئىتىنىڭ ئۇچۇرچانلىقى، بالىلارچە قىلىق، خىيالىي تەسەۋۋۇرىنىڭ موللىقى جەھەتتىن بىرقەدەر ئۈلگىلىك نەمۇنە يارىتىلغان. شۇنداقلا روماندا ئەكس ئەتكەن مەزمۇنلار كۆپ خىل مەدەنىيەت ئامىللىرىنى تېما قىلىشتەك زامان، ماكاندىن ھالقىغان چۆچەكسىمان ئالاھىدىلىككە ئىگەبولۇپ، روماننىڭ بەدىئىي مۇۋەپپەقىيىتى ياش ئوبزورچى تۇردى سۇلتان ئىزچىنىڭ قەلىمى ئاستىدا «قۇمۇل ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ 2008-يىللىق 1-سانىدا مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى. ئەدەبىي مۇلاھىزىچى سادىر تۇرسۇننىياز ئۇدۇنلۇقمۇ «يېڭى قاشتېشى» ژۇرنىلىدا خوتەندىكى يازغۇچىلار ئىجاد قىلغان رومانلارغا باھا بەرگەندە «ياغاچ قۇلاق» رومانىدا يازغۇچىنىڭ پىشقان بەدىئىي ماھارىتىنىڭ نامايان قىلىنغانلىقىنى تەرىپلىدى. بۇ روماننىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ھەققىدە شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «مەدەنىيەت بوستانى» پىروگراممىسىدا 2007-يىلى 12- ئايدا مەخسۇس سۆھبەت ئۇيۇشتۇرۇلدى. ئۇيغۇر بۈگۈنكى دەۋر بالىلار ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىسى ئايتىللا ھېبىبۇللا قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلىنىڭ 2012- يىللىق 1–سانىدا «جاسارەت جاپپار بالىلار ھېكايىلىرىنىڭ تەسۋىر ئالاھىدىلىكى توغرىسىدا» ناملىق ماقالىسىنى ئېلان قىلىپ، يازغۇچىنىڭ بالىلار ھېكايە ئىجادىيىتىدىكى بەدىئىي دىتىنى نامايان قىلدى. 2008-يىلدىن 2012-يىلى يىل بېشىغىچە يازغۇچى جاسارەت جاپپار ئۆزىنى تېخىمۇ تاۋلاش باسقۇچىنى كۈتۈۋېلىپ، 2012-يىلى «بۆرە قىز» ناملىق بالىلار رومانى بىلەن «قار ئاۋازى» ناملىق بالىلار شېئىرلىرى توپلىمى بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن ئارقا-ئارقىدىن نەشر قىلىنىپ يازغۇچىنىڭ بەدىئىي تالانتى يەنە بىر قېتىم ئۆز ئىپادىسىنى تاپتى. 2013-يىلى 5-ئايدا ئۇنىڭ يەنە «چۆچەكلىرىم، نەدە سەن» ناملىق بالىلار شېئىرلىرى توپلىمى شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى. يازغۇچى جاسارەت جاپپارنىڭ «ئاق بولۇت، قارا بولۇت»، «دەرەختىكى قۇش»، «كېپىنەك قىز» قاتارلىق 20 پارچىدىن ئارتۇق بالىلار ئەسەرلىرى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكى ۋە باشلانغۇچمەكتەپلەرنىڭ ئەدەبىيات، مۇزىكا دەرسلىكلىرىگە كىرگۈزۈلدى. «بىر تال ئۇرۇق»، «قونچاق بالا»، «بالىلىق ئەسلىمىسى»، «بۆرە قىز» قاتارلىق بالىلار شېئىرلىرى ئاھاڭىغا سېلىنىپ بالىلار ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان يېقىملىق ناخشىلارغا ئايلاندى. 100 پارچىدىن ئارتۇق بالىلار ئەسەرلىرى باشقىلار تۈزگەن بالىلار سۆيۈپ ئوقۇيدىغان ئوقۇشلۇقلارغا كىرگۈزۈلۈپ، بۇ كىتابلارنى مەزمۇن ۋە شەكىل جەھەتتىن جانلاندۇردى. ئۇنىڭ «يىراقتىكى بالىلار» ناملىق بالىلار شېئىرى 1999-يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر بالىلار ئەدەبىياتى ئەسەرلىرىنى باھالاشتا 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. «تۇرپان» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «مېنىڭ سىڭلىم» ناملىق بالىلار شېئىرى بىلەن «تارىم غۇنچىلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2008-يىللىق 4-سانىدا ئېلان قىلىنغان «ئوغۇزخان» ناملىق بالىلار شېئىرى 12-، 16-قېتىملىق «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى. ئۇ يەنە بالىلار ئەدەبىياتى شېئىرىيەت تەرجىمە ئىجادىيىتى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، چەت ئەل بالىلار ئەدەبىياتى يازغۇچىلىرىنىڭ نادىر بالىلار شېئىرلىرىدىن 50 پارچىدىن ئارتۇق تەرجىمە قىلىپ، ئۇيغۇر بالىلىرىغا سوۋغا قىلدى. يازغۇچىنىڭ ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتى ئىجادىيىتىدىكى ئىجادىيەت نەتىجىلىرى «تارىم غۇنچىلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2003-يىللىق 3-سانىدا، «پەرۋاز» ژۇرنىلىنىڭ 2011-يىللىق 11-سانى «بىزنىڭ بالىلار ئەدەبىياتى يازغۇچىلىرىمىز» سەھىپىسىدە، «خوتەن مائارىپى» ژۇرنىلىنىڭ 2012-يىللىق 4-سانىدا ۋە مۇناسىۋەتلىك بالىلار ئەدەبىياتى ئىجادىيەت مۇنبەرلىرىدە تونۇشتۇرۇلدى. يېقىندا جاسارەت جاپپارنىڭ يەنە «ئۈچ پۇتلۇق تايغان» ناملىق بالىلار چۆچەكلىرى توپلىمى شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن ئوقۇرمەنلەرگە سۇنۇلۇش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ. 3 . ئۆمەر مەتنۇرى قۇتيار ئۆمەر مەتنۇرى قۇتيار ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتىنىڭ بالىلار شېئىر، نەسىرلىرى، بالىلار ھېكايە-چۆچەكلىرى ژانىرلىرىدا قەلەم تولپارىنى توختاۋسىز چاپتۇرۇۋاتقان تىرىشچان بالىلار يازغۇچىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ 1967-يىلى 3-ئايدا قاراقاش ناھىيەسىنىڭ توخۇلا يېزىسىدا تۇغۇلغان. گەرچە يازغۇچى ئۆمەر مەتنۇرى قۇتيار بالىلار ئەدەبىياتى ئىجادىيەت قوشۇنىغا 2006-يىللىرى قوشۇلغان بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ زور تىرىشچانلىقى بىلەن بالىلار ئەدەبىياتى ئىجادىيىتىدىمۇ ئاز بولمىغان ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلدى. ئۇنىڭ ھازىرغىچە «تارىم غۇنچىلىرى» ژۇرنىلى، «پەرۋاز» ژۇرنىلى، «شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى» گېزىتى قاتارلىق بالىلار ئەدەبىياتى ئىجادىيەت مۇنبەرلىرىدە «ئالىم قاپاق»، «توكۇر قۇشقاچ» قاتارلىق 30 پارچىغا يېقىن بالىلار ھېكايەسى، «ھۇقسوپى»، «خىيالپەرەس پاقا» قاتارلىق 28 پارچە بالىلار چۆچەكلىرى، «نان»، «سالام مۇئەللىم» قاتارلىق 32 پارچە بالىلار نەسرى، «ئۇر توقماق»، «شەھەردىكى بالىلار» قاتارلىق 25 پارچە بالىلار شېئىرى ئېلان قىلىندى. ئۇنىڭ بالىلار ئۈچۈن ئىجاد قىلغان ئەسەرلىرىدىن2008-يىلى 9-ئايدا شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن «مۇزدوز بالا» ناملىق بالىلار ھېكايە–چۆچەك، نەسىرلەر توپلىمى، 2010-يىلى 5-ئايدا قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى، شىنجاڭ ئۈن-سىن نەشرىياتى تەرىپىدىن «ئەخلەت يەيدىغان كۈچۈك» ناملىق بالىلار ھېكايە–چۆچەك، نەسىرلەر توپلىمى، 2011-يىلى 11-ئايدا شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن «قىش بوۋاي» ناملىق بالىلار ھېكايە –چۆچەك، نەسىرلەر توپلىمى نەشر قىلىندى. ئۆمەر مەتنۇرى قۇتيار ئۆزىنىڭ بالىلار كىتابلىرىغا ئەسەر ئۇيۇشتۇرۇشتا بالىلار ھېكايە–چۆچەك، نەسىرلىرىدىن ئىبارەت ئۈچ خىل ژانىرنىڭ بالىلارنى تەربىيەلەشتىكى رولىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئورتاق ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ بالىلار ئەدەبىياتى ئىجادىيەت ئالاھىدىلىكىدە بالىلار ھېكايە-چۆچەكلىرىنى ئالتۇن ئۈزۈك دېسەك،بالىلار نەسىرلىرى ئۇنىڭ ياقۇت كۆزىدۇر. ئۇنىڭ ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتى ئىجادىيىتىدىكى نەتىجىلىرى «پەرۋاز» ژۇرنىلىنىڭ 2013-يىللىق 3- سانى «بىزنىڭ بالىلار ئەدەبىياتى يازغۇچىلىرىمىز» سەھىپىسىدە تونۇشتۇرۇلدى. 2011 -يىلى قاراقاش ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، ناھىيەلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى تەرىپىدىن «ئىجادىيەت تۆھپە مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى. 2013-يىلى 3- ئايدا ئۇنىڭ «قىش بوۋاي» ناملىق بالىلار ھېكايە–چۆچەك، نەسىرلەر توپلىمى قاراقاش ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، ناھىيەلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى تەرىپىدىن «مۇنەۋۋەر ئەدەبىي ئەسەر» مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ مۇكاپاتلاندى. ئۆمەر مەتنۇرى قۇتيار يېقىندا «خىيالپەرەس پاقا» ناملىق بالىلار ھېكايە–چۆچەك، نەسىرلەر توپلىمىنى نەشرگە تاپشۇردى. 4 . ئابدۇلھەمىد ياسىن ياش يازغۇچى ئابدۇلھەمىد ياسىن «مۇھەببەتنىڭ تىنىقى» ناملىق ھېكايە-پوۋېستلار توپلىمى ۋە «ئابدۇراخمان خان خوجا» ناملىق تارىخىي رومانى (نەشردىن چىقىش ئالدىدا) بىلەن قاراقاش ئەدىبلىرى ئىچىدە پىروزا ئىجادىيىتىدە نىسبەتەن كۆزگە كۆرۈنگەن ياش قەلەمكەشلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ يەنىلا ئۆز نۆۋىتىدە كىچىك دوستلارنىڭمۇ سىرداش دوستىدۇر. يازغۇچى ئابدۇلھەمىد ياسىن 1974-يىلى 12-ئايدا قاراقاش ناھىيەسىنىڭ ئۇرچى يېزىسىدا تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ بالىلار ئەدەبىياتى ئىجادىيىتى1993-يىللىرى «تارىم غۇنچىلىرى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «پارىخورنىڭ بالىسى» ناملىق بالىلار ھېكايەسى بىلەن باشلانغان. ئۇنىڭ ھازىرغىچە «تارىم غۇنچىلىرى» ژۇرنىلى، «شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى» گېزىتى قاتارلىق بالىلار ئەدەبىياتى ئىجادىيەت مۇنبەرلىرىدە «يېڭى ئويۇن»، «قارلىغاچنىڭ يېڭى ئۇۋىسى» قاتارلىق 20 پارچىغا يېقىن بالىلار ھېكايەسى، «ئاق قۇ رىۋايىتى»، «ئېشەكنىڭ دەردى» قاتارلىق 30پارچىدىن ئارتۇق بالىلار چۆچەك-مەسەللىرى ئېلان قىلىندى. ئۇنىڭ بالىلار ئەسەرلىرى 2010-يىلى 5-ئايدا قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى، شىنجاڭ ئۈن-سىن نەشرىياتى تەرىپىدىن «يولۋاسقا ئايلانغان بالا»، «بىتەلەي توشقان» نامىدا بىراقلا بازارغا سېلىنىپ، كىچىك دوستلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. يازغۇچى ئابدۇلھەمىد ياسىننىڭ بالىلار ئەدەبىياتى ئىجادىيىتىنىڭ فانتازىيەلىك خۇسۇسىيىتى بىرقەدەر كۈچلۈك بولۇپ، بۇ خىل ئالاھىدىلىك ئۇنىڭ «دوختۇر بولىدىغان ئەختەم»، «مۈشۈكنىڭ ئۆپكە كېسىلى»، «شاپاق بۆكلۈك توختامەت» قاتارلىق بالىلار ھېكايە-چۆچەكلىرىدە ئۆز ئىپادىسى تاپتى. ئۇنىڭ تىپىك خىيالىي تەسەۋۋۇر ئۇسۇلىدا يېزىلغان «ئايدىن كەلگەن بالا» ناملىق فانتازىيەلىك بالىلار رومانى پات ئارىدا بالىلار بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ. ئۇنىڭ بالىلار ئەدەبىياتى ئىجادىيەت نەتىجىلىرى «خوتەن مائارىپى» ژۇرنىلىنىڭ 2012-يىللىق 5-سانىداۋە «پەرۋاز» ژۇرنىلىنىڭ 2013-يىللىق 7- سانى «بىزنىڭ بالىلار ئەدەبىياتى يازغۇچىلىرىمىز» سەھىپىسىدە تونۇشتۇرۇلدى. ئۇ 2011-يىلى قاراقاش ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، ناھىيەلىك ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى تەرىپىدىن «ئىجادىيەت تۆھپە مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى. 5. ياسىن ئابدۇقادىر ياسىن ئابدۇقادىر قاراقاش بالىلار ئەدەبىياتى ئىجادىيەت قوشۇنىدا ئۆزىنىڭ بالىلىق تەسەۋۋۇرىغا تويۇنغان بىر تۈركۈم يۇمۇرىستىك يېڭىچە بالىلار شېئىرلىرى بىلەن بالىلارنىڭ ئەرمەك دوستىغا ئايلانغان ئۈمىدلىك بالىلار شائىرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، 1977-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى قاراقاش ناھىيەسىنىڭ قاراساي يېزىسىدا ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ 2000-يىلى «خوتەن گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان «بەخت» ناملىق بالىلار نەسرى بىلەن ئىجادىيەت سېپىگە قوشۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ شۇنىڭدىن بۇيان «تارىم»، «تەڭرىتاغ»، «ئىلى دەرياسى»، «يېڭى قاشتېشى»، «تارىم غۇنچىلىرى»، «پەرۋاز»، «شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى» قاتارلىق گېزىت-ژۇرناللاردا «ئورمان بالا»، «تۇغۇلۇپ ئويناش»، «سەن نۇزۇك، مەن سادىر»، «بالام بولغىن ئەمدى سەن ئانا»، «كېچىدىكى مەشرەپ»، «سىيگەك قار»، «مەن قەلەم ئوغرىسىمۇ؟» قاتارلىق 200 پارچىدىن ئارتۇق بالىلار شېئىر، ھېكايىلىرى ئېلان قېلىندى. 2009-يىلى «رەسسام چاشقان» ناملىق بالىلار شېئىرى 17-نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى. 2013-يىلى 1-ئايدا «رەسسام چاشقان» ناملىق بالىلار شېئىرلىرى توپلىمى بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى. ئۇنىڭ شېئىر مىسرالىرى كەپسىز بولۇپ، گاھ كىتابتىن چىقىپ نەگىدۇر يوشۇرۇنۇۋالىدۇ؛ گاھ بالىلار بىلەن قوغلاشماق ئويناپ، يۇمۇرىستىك قىلىقلىرى بىلەن سەبىي قەلبلەرنى كۈلدۈرىدۇ. ئۇنىڭ شېئىرلىرى قىزىقارلىق كارتون فىلىملەرنى ئەسلىتىدۇ. بالىلار ئەدەبىياتى يازغۇچىسى ئابلېكىم ھەسەن دېگەندەك «ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا ھالقىش بار». (ئوسمان زاھىرنىڭ «جەنۇبىي تاغ باغرىدىكى 18 ‹بالا›» دېگەن ماقالىسىگە قارالسۇن). ياسىن ئابدۇقادىر پەقەت بالىلار ئەدەبىياتى شائىرى بولۇپلا قالماستىن، تىرىشچان بالىلار ئەدەبىياتى تەتىقىقاتچىسىدۇر. ئۇ كۆپ ئىزدىنىش ئارقىلىق ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتىنىڭ ئومۇمىي كاتالوگىنى ئىشلىدى. بۇ كاتالوگ: ئۇيغۇر يازغۇچى-شائىرلىرىنىڭ بالىلار ئۈچۈن يازغان كىتابلىرى كاتالوگى، ئۇيغۇر بالىلار خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىكى كىتابلار كاتالوگى، ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتىغا ئائىت ماقالىلەر كاتالوگى، جۇڭگو ۋە چەت ئەل بالىلار ئەدەبىياتى ئەسەرلىرىنىڭ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان كىتابلار كاتالوگى، بالىلار ئەدەبىياتىمىزنىڭ مۇكاپاتلىنىش ئەھۋالى قاتارلىق مەزمۇنلار بويىچە مۇكەممەل ئىشلەنگەنلىكتىن، كەڭ بالىلار ئەدەبىياتى يازغۇچىلىرىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. بالىلار ئەدەبىياتى يازغۇچىسى پەرھات ئىلياسىنىڭ ئىنكاسى: «ھەقىقەتەن ئالقىشلاشقا تېگىشلىك ئىلمىي ئىزدىنىش بوپتۇ. بالىلار ئەدەبىياتى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئىنتايىن مۇھىم، لېكىن تەتقىقاتتا ئېتىبارغا ئېلىنمىغان ساھە. ئىمكان بولسا، مۇشۇ جەھەتتە يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ ئىزدىنىپ كۆرۈشىڭىزگە تىلەكداشمەن. » بالىلار ئەدەبىياتى يازغۇچىسى ئابلېكىم ھەسەننىڭ ئىنكاسى: «ماتېرىيال مەنبەيېڭىز ناھايىتى تولۇق بولۇپتۇ، سىزگە ئاپىرىن!» ئۇيغۇر بۈگۈنكى دەۋر بالىلار ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىسى ئايتىللا ھەبىبۇللانىڭ ئىنكاسى: «سىزنىڭ بۇ ئەمگىكىڭىزنىڭ ماڭىمۇ كۆپ پايدىسى تەگدى، رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن. » ئۇنىڭ زور ئەمگىكى بولغان «ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتىنىڭ 100 يىلى» (1910- يىلىدىن 2010- يىلغىچە) ناملىق ماقالىسى جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى، مەدەنىيىتى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ 5- نۆۋەتلىك ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنىدا 1-دەرىجىگە ئېرىشتى. (بۇ ئەسەر ئايرىم كىتاب بولۇپ چىقىش ئالدىدا). ئۇ يەنە 2011- يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتىمىزنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى «2011-يىلىدىكى بالىلار ئەدەبىياتىمىزغا نەزەر»، «2012- يىلىدىكى بالىلار ئەدەبىياتىمىزغا نەزەر»... دېگەن ماۋزۇ ئاستىدا خۇلاسىلەپ مېڭىۋاتىدۇ. ئۇ يەنە ئۆز نۆۋىتىدە پائالىيەتچان ئۇستاز بولۇپ، ئوقۇغۇچىلىرىنىمۇ يېزىشقا يېتەكلەپ، مەكتەپ گېزىتى چىقىرىپ ئۇلارغا مەيدان ھازىرلىدى. ئۇنىڭ يېتەكلىگەن ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نۇرغۇن ئەسەرلىرىنى «تارىم غۇنچىلىرى»، «پەرۋاز»، «شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى» قاتارلىق گېزىت-ژۇرناللاردا ئېلان قىلدۇردى. ئوقۇغۇچىسى تۇرسۇنمۇھەممەد نەمەدنىڭ «كىم ئەڭ چىرايلىق» ناملىق بالىلار ھېكايە-چۆچەكلىرى كىتابى شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى. بالىلار شائىرى ياسىن ئابدۇقادىرنىڭ بىر قىسىم ئەسەرلىرى زامانىدىن پاكزات تۈزگەن «ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتى ئەسەرلىرىدىن تاللانما» (بالىلار ھېكايىلىرى)، (بالىلار نەسىرلىرى)، (بالىلار قوشاقلىرى) ناملىق كىتابلارغا كىرگۈزۈلدى. ئۇ ئۆزىمۇستەقىل «لاي پادىشاھ» («خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن بالىلار ئەدەبىياتى ئەسەرلىرىدىن تاللانما)، «ئۇيغۇر ئەدىبلىرىنىڭ نادىر بالىلار ھېكايىلىرىدىن تاللانما»، «ئۇيغۇر ئەدىبلىرىنىڭ نادىر بالىلار شېئىرلىرىدىن تاللانما» ناملىق كىتابلارنى تۈزۈپ نەشرگە تاپشۇردى. «ئۇيغۇر ئەدىبلىرىنىڭ نادىر بالىلار چۆچەكلىرىدىن تاللانما» ناملىق كىتابلارنى تۈزۈشكە قاتناشتى. ئۇنىڭ بالىلار ئەدەبىياتى ئىجادىيەت نەتىجىلىرى «تارىم غۇنچىلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2008-يىللىق 1-سانىدا، «خوتەن مائارىپى» ژۇرنىلىنىڭ 2010-يىللىق 1-سانىدا، «پەرۋاز» ژۇرنىلىنىڭ 2013-يىللىق 4- سانى «بىزنىڭ بالىلار ئەدەبىياتى يازغۇچىلىرىمىز» سەھىپىسىدە ۋە «شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى»نىڭ «ياش قەلەم سەھىپىسى»دە تونۇشتۇرۇلدى ھەمدە 2011- يىلى قاراقاش ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، ناھىيەلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى تەرىپىدىن «ئىجادىيەت تۆھپە مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى. 2013-يىلى 3- ئايدا ئۇنىڭ «رەسسام چاشقان» ناملىق بالىلار شېئىرلىرى توپلىمى قاراقاش ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، ناھىيەلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى تەرىپىدىن «مۇنەۋۋەر ئەدەبىي ئەسەر» مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ مۇكاپاتلاندى. 6 . ئەخمەتجان ئابدۇللا ئەخمەتجان ئابدۇللا ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتىنىڭ چۆچەك ژانىرىدا شەكىل جەھەتتىن ئۆزىنىڭ ئىجادىيەت خاسلىقىنى يارىتىپ، بالىلار ئەدەبىياتى چۆچەك ئىجادىيىتىدە سەمەرىلىك ئىجادىيەتلەرنى ۋۇجۇدقا چىقارغان بالىلار ئەدەبىياتى يازغۇچىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، 1981-يىلى7-ئايدا قاراقاش ناھىيەسىنىڭ توخۇلا يېزىسىدا تۇغۇلغان. ھەممە ئالقىشلاۋاتقان بۇ «چۆچەكچى بالا»نىڭ تۇنجى بالىلار ئەدەبىياتى ئىجادىيىتى 1999-يىلى 11-ئايدا «شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «ئۆردىكىم» ناملىق بالىلار شېئىرى بىلەن باشلانغان. ئۇنىڭ «تارىم غۇنچىلىرى» ژۇرنىلى، «شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى» گېزىتى قاتارلىقبالىلار ئەدەبىياتى ئىجادىيەت مۇنبەرلىرىدە «مېكىياننىڭ ھېكايەسى»، «قار ئەسلىدە ئۇن ئىدى»، «ئېشەك مىنگەن پادىشاھ»، «ئىچى قىزىل كېپىنەك»، «ئوت يېمەيدىغان توشقان»، «ئاغرىماقنىڭ پاراسىتى» قاتارلىق 150 پارچىدىن ئارتۇق بالىلار چۆچەكلىرى ئېلان قىلىندى. ئەخمەتجان ئابدۇللانىڭ بالىلار ئۈچۈن يازغان بىر بۆلۈك چۆچەكلىرى 2006-يىلى 9-ئايدا شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن «چۆچەك ئېيتالايدىغان قاپاق» دېگەن نام بىلەن ئۇيغۇر ئۆسمۈر ئوقۇرمەنلىرىگە سۇنۇلۇپ، ئوماق بالىلارنىڭ سۆيۈملۈك ئوقۇشلۇقىغا ئايلاندى. شۇنىڭدىن بۇيان ئۇنىڭ 2009-يىلى 5-ئايدا شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن «مۇنەججىم توشقان» ناملىق بالىلار چۆچەكلىرى توپلىمى، 2011-يىلى 1-ئايدا شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت-فوتو سۈرەت نەشرىياتى تەرىپىدىن «ئۇر توقماقنىڭ ئاقىۋىتى» ناملىق بالىلار چۆچەكلىرى توپلىمى، 2011-يىلى 12-ئايدا شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن «يۇلتۇز قىز» ناملىق بالىلار چۆچەكلىرى توپلىمى، 2012-يىلى 10-ئايدا قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن «چېچەن ئوغلاق» ناملىق بالىلار چۆچەكلىرى توپلىمى قاتارلىق بەش پارچە بالىلار كىتابى نەشر قىلىندى. ئۇ يەنە بالىلار ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىسى ياسىن ئابدۇقادىر بىلەن «ئۇيغۇر ئەدىبلىرىنىڭ نادىر بالىلار چۆچەكلىرىدىن تاللانما»، «ئۇيغۇر ئەدىبلىرىنىڭ نادىر بالىلار ھېكايىلىرىدىن تاللانما» ناملىق يۈرۈشلۈك بالىلار ھېكايە-چۆچەكلىرى كىتابىنى تۈزۈپ ئۇيغۇر بالىلىرىغا سوۋغا قىلدى. ئەخمەتجان ئابدۇللانىڭ بالىلار چۆچەكلىرى بالىلارغا خاس يۇمۇرىستىك خۇسۇسىيەتكە، تىپىك يەرلىك پۇراققا تويۇنغان بولۇپ، مول خىيالىي تەسەۋۋۇر ۋە قىزىقارلىق ۋەقەلەر بىلەن بالىلارنىڭ ئۆتمۈشتىن بۈگۈننى، بۈگۈندىن كەلگۈسىنى تېپىش خىيالىنى ئەركىن قاناتلاندۇرىدۇ. بالىلار ئەدەبىياتى يازغۇچىسى جاسارەت جاپپار ئەخمەتجان ئابدۇللانىڭ بالىلار چۆچەكلىرى ئىجادىيەت ئەھۋالى ھەققىدە توختىلىپ: «ئەخمەتجان ئابدۇللا يېقىنقى يىللاردىن بېرى بالىلار چۆچەكلىرى ئىجادىيىتى بىلەن ئىزچىل شۇغۇللىنىپ، ئۆزىنىڭ ئۈزۈكسىز ئىزدىنىش بەدىلىگە بالىلارنىڭ مەنىۋىيەت گۈلىستانىنى بېيېتىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇپ كەلدى، ئەخمەتجان ئابدۇللانىڭ بالىلار چۆچەكلىرىدىن سۆيۈنگەن كىچىك دوستلارنىڭ خۇشال چۇرقىراشقان ساداسى ئىچىدىكى ئۈمىد چوقانلىرى مېنىمۇ راستتىنلا ھاياجانغا سالىدۇ. ئۇنىڭ چۆچەكلىرىنىڭ ۋەقەلىكى قىزىقارلىق، شېئىرىي مىسرالار ئارقىلىق بالىلارنىڭ ئاكتىپ پىكىر يۈرگۈزۈشىگە، تىنىۋېلىشىغا ئەسەرلىرىدىن ئورۇن بېرىش ئۇسلۇبى يېڭى، قۇرۇلمىسى مۇكەممەل بولۇپ، بالىلار ئەخمەتجان ئابدۇللانىڭ چۆچەكلىرىنى ئوقۇش ئارقىلىق چۆچەكتىن ئىبارەت سۈزۈك، كەڭ دېرىزىدىن چەكسىز گۈزەل دۇنيانى كۆرىدۇ. ئەخمەتجان ئابدۇللانىڭ بالىلار چۆچەكلىرى - تارام-تارام تارىخ ئېقىنىدىن سۇ ئىچىپ پاك ئەخلاق زېمىنىدا كۆكلىگەن، مۇنبەت ھەققانىيەت تۇپرىقىدىكى باراۋەرلىك گۈلزارىدا چوكىدەك تەكشى ئېچىلغان خۇشپۇراق گۈلدۇر. ئۇنىڭ چۆچەكلىرى ئىچىدە ئەپسانە، رىۋايەت بار. سىز، مەن؛ سىزنىڭ ۋە مېنىڭ گۈزەل بالىلىقىمىز بار. بالىلارنىڭ نەزىرىدە كائىناتتىكى ھەممە نەرسە جانلىق ھەرىكەت قىلىدۇ. قونچاق يىغلايدۇ. ئالتۇن كۈزدىكى غازاڭلار غۇر-غۇر شامالدا غال-غال تىتىرەيدۇ. گۈللەر ئۇسسىسا ئىسقىرتىپ شەبنەم، يامغۇرنى چاقىرىپ كېلەلەيدۇ. دەرەخلەر قۇياشقا قاراپ چاۋاك چالالايدۇ. ئەخمەتجان ئابدۇللانىڭ بالىلار چۆچەكلىرىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان بۇ خىل تەپەككۇر ماھىيەتتە ئوماق بالىلارنىڭ گۈزەل دۇنياغا بولغان ئۈمىدۋار تەلپۇنۈشىنىڭ بىخلىنىشىدۇر، » دەيدۇ. تىرىشچان بالىلار ئەدەبىياتى يازغۇچىسى ئەخمەتجان ئابدۇللا يېقىندا ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى شېئىرىيەت ژانىرىدىكى شائىر جاپپار رەھىم روھلانى ۋەكىللىكىدىكى سانائىل ھەرپىيەلىك شېئىرىيەت شەكلىنى ئىجادىي قوبۇل قىلىپ، تۇنجى بولۇپ «شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى» گېزىتىنىڭ سەھىپە ھازىرلىشى تۈرتكىسىدە 30 پارچىدىن ئارتۇق شەكىل جەھەتتىن ئۆزگىچە بولغان «بالىلار ھەرپلىك قوشاقلىرى»نى كىچىك دوستلارغا تەقدىم قىلدى. بۇ خىل قوشاق شەكلىنىڭ تەركىبىدىكى سۆزلەر ئوخشاش ھەرپتىن باشلىنىدىغان بولغاچقا، ئاھاڭدارلىقى كۈچلۈك، مەزمۇنى قىزىقارلىق، تىلى يۇمۇرىستىك بولۇپ، ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتىنىڭ شېئىرىيەت ژانىرىغا يېڭىدىن قوشۇلغان بۇ قوشاق شەكلى كىچىك دوستلارنىڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇشىغا مۇيەسسەر بولۇپلا قالماستىن، ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتىنىڭ شېئىرىيەت ژانىرىنى شەكىل جەھەتتىن بېيىتتى. ياش بالىلار ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىسى ياسىن ئابدۇقادىر بۇ ھەقتە: «يېڭىلىق ئېلىپ كەلگەن ‹چاپتىكەش چاشقان›» نامىدا باھا ماقالىسى يېزىپ «شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى» گېزىتىدە ئېلان قىلدۇردى. «تارىم غۇنچىلىرى» ژۇرنىلى 2012- يىللىق 10-سانىدا بۇ خىل شەكىلدىكى بىر بۆلۈك قوشاقلارنى مەخسۇس ئىزاھات بىلدۈرگۈسى بىلەن ئېلان قىلىپ، بۇ خىل قوشاق شەكلىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. يازغۇچى ئەخمەتجان ئابدۇللانىڭ بالىلار ئەدەبىياتى ئىجادىيەت نەتىجىلىرى «يېڭى قاشتېشى» ژۇرنىلىنىڭ 2005-يىللىق 5-سانىدا، «تارىم غۇنچىلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2008-يىللىق 4-سانىدا، «خوتەن مائارىپى» ژۇرنالىنىڭ 2010- يىللىق 1-سانىدا، «پەرۋاز» ژۇرنىلىنىڭ 2012-يىللىق 7-سانى «بىزنىڭ بالىلار ئەدەبىياتى يازغۇچىلىرىمىز» سەھىپىسىدە ۋە «شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى»نىڭ «ياش قەلەم سەھىپىسى»دەتونۇشتۇرۇلدى. ئۇ 2011- يىلى قاراقاش ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، ناھىيەلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى تەرىپىدىن «ئىجادىيەت تۆھپە مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى. 2013-يىلى 3-ئايدا ئۇنىڭ «چېچەن ئوغلاق» ناملىق بالىلار چۆچەكلىرى توپلىمى قاراقاش ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، ناھىيەلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى تەرىپىدىن «مۇنەۋۋەر ئەدەبىي ئەسەر» مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ مۇكاپاتلاندى. 7. تۇرسۇنمۇھەممەد نەمەد قاراقاش بالىلار ئەدەبىياتى ئىجادىيەت قوشۇنىدىكى ئۈمىدلىك بالىلار ئەدەبىياتى يازغۇچىسى، شائىر تۇرسۇنمۇھەممەد نەمەد 1990- يىلى 9- ئايدا قاراقاش ناھىيە قاراساي يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئۇ2003-يىلى «تارىم غۇنچىلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 12- سانىدا ئېلان قىلىنغان «خاسىيەتلىك قار» ناملىق بالىلار شېئىرى بىلەن ئىجادىيەت سېپىگە قوشۇلغان، ئۇنىڭ ھازىرغىچە «تارىم غۇنچىلىرى» ژۇرنىلى، «شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى» گېزىتى، «مائارىپ گېزىتى» قاتارلىق گېزىت-ژۇرناللاردا «ھېلىمنىڭ مۈڭگۈزى»، «ئاق مۈشۈك»، «تەكلىماكان - شەھەر»، «جەڭگە بارغان قونچاق» قاتارلىق 100 پارچىدىن ئارتۇق بالىلار شېئىر، ھېكايىلىرى ئېلان قىلىنىپ، كىچىك ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. 2012-يىلى 7-ئايدا بالىلار ئەدەبىياتى يازغۇچىسى، شائىر تۇرسۇنمۇھەممەد نەمەدنىڭ «كىم ئەڭ چىرايلىق» ناملىق تۇنجى بالىلار ھېكايە-چۆچەكلىرى توپلىمى شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ بۇ كىچىك ئىجادىيەتچىنىڭ ئىجادىيەت نەتىجىلىرىنى نامايان قىلدى. «شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى»دىكى تورداش دوستىمىز مۇھەممەد ئەمىن بالىلار ئەدەبىياتى يازغۇچىسى، شائىر تۇرسۇنمۇھەممەد نەمەدنىڭ ئىجادىيىتىدىن سۆيۈنۈپ مۇنداق يازغان: «پاك قەلبلەردىن تۆكۈلگەن ئۈنچىلەر سەبىي قەلبلەرگە چېچىلىدۇ. ئوتلۇق يۈرەكلەردىن تارىغان ئۇچقۇنلار ئوخشاشلا ئوتلۇق سەبىي يۈرەكلەرگە تۇتىشىدۇ. سەن ئانا تۇپراقنىڭ باغرىدا گۈل بولۇپ ئۈندۈڭ. بالدەك تاتلىق تىللىرىڭ بىلەن سەبىي قەلبلەرگە قىممەتلىك گۈل ئۇرۇقلىرىنى چاچتىڭ. ئۇرۇقلار كەلگۈسىدە گۈل بولۇپ ئۈنگەن چاغدا كىممۇ سېنى بالىلار مەنىۋىيىتىنىڭ پەرۋىشكارى دېمەي تۇرالىسۇن! بالىلارغا بەرگەن مۇھەببىتىڭدىن مۇھەببەت تۇغۇلغاندا، ئەجىر-مېھنەتنىڭ شەرەپ تاجىنى تاقاشقا ھەقلىقسەن! چۈنكى، شېئىرلىرىڭلا ئەمەس، سېنىڭ ئۆزگىچە تەبىئىيتىڭمۇ ئۇلارغا تەسىر قىلغان. شېئىرلىرىڭدىكى فانتازىيە، بالىلارچە تەسەۋۋۇر ئۇلارنىڭ يىراقتا قالغان گۈزەل ئۆتمۈشىنى يادىغا سېلىپ بالىلىق ھۈجەيرىلىرىنى غىدىقلىغان، بالىلىق تۇيغۇسىنى ئويغاتقان. شېئىرلىرىڭغا مۇجەسسەملەنگەن ساددىلىق، يارقىنلىق، تەبىئىيلىك بالىلارنىڭ تەسەۋۋۇرىدىلا ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. شېئىرلىرىڭدىكى كارۋان تارتىپ كېلىدىغان قوشكېزەكقاپىيەلىرىڭ بالىلارنىڭ ئېغىزىدا قوشاققا ئايلىنالايدۇ. بالىلار قوشاقلىرىدەك تەبىئىي ئاھاڭدارلىق بولغاچقا، ناخشا بولۇپ ئېيتالايدۇ. ئادەمنى جەلپ قىلارلىق ۋەقەلەر بالىلارغا كۈلكە بىرەلەيدۇ. بالىلارچە تەسەۋۋۇرلار بالىلارنىڭ قەلبىگە ئاسانلا يىلتىز تارتىپ، روھ گۈلشىنىدە تەپەككۇر گۈلىگە ئايلىنالايدۇ. مانا بۇ سېنىڭ غەلىبەڭ. پاك قەلبىڭنى، سەمىمىي تىلەكلىرىڭنى مەڭگۈ بالىلارنىڭ، شۇنداقلا بالا بولۇشنى ئىستەيدىغانلارنىڭ يۇمران قەلبىگە تۆك، بىخ بولۇپ ئۈنسۇن!» («شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى»نىڭ «ياش قەلەم سەھىپىسى»گە قارالسۇن) مانا بۇ ئوقۇرمەنلەرنىڭ بالىلار ئەدەبىياتى يازغۇچىسى، شائىر تۇرسۇنمۇھەممەد نەمەدكە بەرگەن باھاسى. بالىلار ئەدەبىياتى يازغۇچىسى، شائىر تۇرسۇنمۇھەممەد نەمەدنىڭ بالىلار ئەدەبىياتى ئىجادىيەت نەتىجىلىرى «شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى»نىڭ «ياش قەلەم سەھىپىسى»دە تونۇشتۇرۇلۇپ، 2013- يىلى 3-ئايدا ئۇنىڭ «كىم ئەڭ چىرايلىق» ناملىق بالىلار ھېكايە-چۆچەكلىرى توپلىمى قاراقاش ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، ناھىيەلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى تەرىپىدىن «مۇنەۋۋەر ئەدەبىي ئەسەر» مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ مۇكاپاتلاندى. پات ئارىدا ئۇنىڭ «چۈش يەيدىغان قوزا» ناملىق بالىلار شېئىرلىرى توپلىمى كىچىك دوستلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنىلىدۇ. 8. توختى مۇھەممەد تۇراجان يازغۇچى توختى مۇھەممەد تۇراجان قاراقاش بالىلار ئەدەبىياتى ئىجادىيەت قوشۇنىدىكى بالىلار مەسەلچىلىكى بىلەن ئۆز خاسلىقىنى يارىتىۋاتقان ئىجادىيەتچىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، 1981-يىلى6-ئايدا زاۋا يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ھازىرغىچە «شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى» گېزىتى، «تارىم غۇنچىلىرى» ژۇرنىلى، «خوتەن گېزىتى» قاتارلىق گېزىت-ژۇرناللاردا «توخۇ ھەققىدە رىۋايەت»، «كالىنىڭ پۇشايمىنى»، «ئۆچكىنىڭ ئوغرى تۇتۇشى» قاتارلىق 50 پارچىدىن ئارتۇق بالىلار مەسەللىرى ئېلان قىلىندى. ئۇنىڭ بالىلار مەسەللىرىنىڭ رىۋايەت تۈسى بىر قەدەر قويۇق بولۇپ، بالىلارنىڭ سەبىي تەسەۋۋۇرلىرىنى ئۆتمۈش بىلەن كەلگۈسى ئوتتۇرىسىدا قاناتلاندۇرىدۇ. مەزمۇنىنىڭ قىزىقارلىق، تەربىيەچانلىقىنىڭ كۈچلۈك بولۇشى ئۇنىڭ بالىلار مەسەللىرىنىڭ ئوقۇشچانلىقىنى ئاشۇرۇشتىكى يەنە بىر ئارتۇقچىلىقتۇر. ئۇ يېقىندا «ئاچكۆز كېپىنەك» ناملىق بالىلار مەسەللىرى توپلىمىنى نەشرگە تاپشۇردى. قاراقاش ناھىيەسىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن، ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا خىزمەت قىلىۋاتقان يازغۇچى، تەتقىقاتچىلىرىمىز ئەزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىن، نۇرمۇھەممەد ئۆمەر ئۇچقۇنلارمۇ ئۇيغۇر بالىلىرىغا ئاز، ئەمما ساز بولغان ئىجادىيەت مېۋىلىرىنى سۇندى. ياش تەتقىقاتچىمىز نۇرمۇھەممەد ئۆمەر ئۇچقۇننىڭ 2000-يىللاردا «شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى» گېزىتى، «تارىم غۇنچىلىرى» ژۇرنىلىدا بىر تۈركۈم بالىلار ھېكايە-چۆچەكلىرى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، 2003-يىلى 5-ئايدا بۇ ئىككى تەتقىقاتچىمىزنىڭ «ساتىرىك شائىرـ ئەھمەدشاھ قاراقاشى» ۋە «مەرىپەت مەشئىلى- مەمتىلى ئەپەندى» ناملىق مەشھۇر شەخسلەر ھەققىدىكى بالىلار پوۋېستلىرى توپلىمى ئېلان قىلىنىپ، قاراقاش بالىلار ئەدەبىياتى ئىجادىيىتىنى تېخىمۇ بېيىتتى. قاراقاش ئەدىبلىرىدىن ئەزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىن، مۇھەممەد تۇرسۇن سىدىق، ئابابەكرى جاپپارقاتارلىقلار ئۇيغۇر خەلق بالىلار چۆچەكلىرىدىن تاللانغان «ھۈنەرنىڭ خاسىيىتى ھەققىدىكى چۆچەكلەر»، «ئەقىللىك قىز ھەققىدىكى چۆچەكلەر»، «ئەقىللىك تاز ھەققىدىكى چۆچەكلەر»، «ئۈچ ئوغۇل ھەققىدىكى چۆچەكلەر»دىن ئىبارەت تۆت پارچە ‹بالىلارغا سوغا› مەجمۇئەسىنى تۈزۈپ، بالىلىرىمىزغا سوۋغا قىلدى. يۇقىرىقىلاردىن باشقا يازغۇچى ئۆمەر مەتنۇرى قۇتيارنىڭ بىر جۈپ قىزى نۇربىيە ئۆمەر بىلەن زۇلپىيە ئۆمەر، ياۋا يېزىسىدىن مۇتەللىپ ئابدۇخالىق نۇرلان قاتارلىق ئىز باسار ھەۋەسكارلارنىڭ «ئەخمەق دادام»، «يەتتە پاپىنىڭ سەرگۈزەشتىسى»، «پوچى جىگدە» قاتارلىق بىر تۈركۈم بالىلار ئەسەرلىرى «شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى» گېزىتى، «تارىم غۇنچىلىرى» ژۇرنىلى، «پەرۋاز» ژۇرنىلى قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىنىپ، قاراقاش بالىلار ئەدەبىياتىنىڭ كەلگۈسى ئۈمىد يۇلتۇزىنى چاقناتتى. قاراقاش ئەدىبلىرىنىڭ يېقىنقى ئون يىل (2003-2013)دىن بۇيانقى بالىلار ئەدەبىياتى ئىجادىيەت نەتىجىلىرى نىسبەتەن كۆرۈنەرلىك بولۇپ، گېزىت-ژۇرناللاردا يەككە ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەر مىڭ پارچىدىن ئاشىدۇ. بۇ يىللاردا ئىككى پارچە بالىلار رومانى، ئىككى پارچە بالىلار پوۋېستى، ئالتە پارچە بالىلار چۆچەكلىرى توپلىمى، ئۈچ پارچە بالىلار ھېكايە-چۆچەك، نەسىرلەر توپلىمى. بىر پارچە بالىلار ھېكايىلىرى توپلىمى، تۆت پارچە بالىلار ھېكايە-چۆچەكلىرى توپلىمى،ئۈچ پارچە بالىلار شېئىرلىرى توپلىمى بولۇپ، جەمئىي 20 پارچە كىتاب مۇستەقىل نەشر قىلىندى. 10 پارچىدىن ئارتۇق بىرلەشمە توپلام كىچىك ئوقۇرمەنلەرگە سۇنۇلدى. ھازىرغىچە قاراقاش ئەدىبلىرىنىڭ بالىلار ئەدەبىياتى ئەسەرلىرىدىن نەشرىياتلارغا يوللانغان كىتاب سانى 20 پارچىدىن ئاشىدۇ. كېلەر يىل ئاخىرغىچە يەنە ئون نەچچە پارچە كىتاب ئۇيغۇر بالىلار ئوقۇرمەنلىرىنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنىلىشى مۇمكىن. ماقالىنىڭ ئاخىرىدا شۇنى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدۇكى، قاراقاش ئەدىبلىرى ئارىسىدىن يېتىشىپ چىققان ياش تەتقىقاتچى ئەزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىننىڭ ئۇيغۇر بۈگۈنكى دەۋر بالىلار ئەدەبىياتى كىتابچىلىقىغا قوشقان تۆھپىسى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، ئۇ ئۆزى باش بولۇپ بىر تۈركۈم نادىر بالىلار ئەسەرلىرىنى كەينى-كەينىدىن نەشر قىلدۇرۇپ، ئۇيغۇر بۈگۈنكى دەۋر بالىلار ئەدەبىياتىنىڭ يېڭىچە تەرەققىياتىنى نامايان قىلدى. ئۇنىڭ ئۇيۇشتۇرۇپ مەبلەغ سېلىشى تۈرتكىسىدە يازغۇچى جالالىددىن بەھرامنىڭ «ئەقىللىق قىز» ناملىق بالىلار رومانى، يازغۇچى ئايبېك ئۆمەر ئۇيغۇرىنىڭ «بادام دوپپىلىق بۇلبۇل» ناملىق بالىلار چۆچەكلىرى توپلىمى، ئەخمەتجان ئابدۇللانىڭ «ئۇر توقماقنىڭ ئاقىۋىتى» ناملىق بالىلار چۆچەكلىرى توپلىمى، ئۆمەر مەتنۇرى قۇتيار، ئابدۇلھەمىد ياسىن، ئادىل ئىمىن قاتارلىق يازغۇچىلارنىڭ «ئەخلەت يەيدىغان كۈچۈك»، «يولۋاسقا ئايلانغان بالا»، «ئاققۇ مەلىكە» قاتارلىقيۈرۈشلۈك بالىلار ھېكايە-چۆچەكلىرى توپلىمى نەشر قىلىندى. ئۇنىڭ ئۆزى باش بولۇپ تۈزگەن «قىزىل خوراز»، «قىسقۇچ پاقىنىڭ قىساس ئېلىشى»... قاتارلىق «چەت ئەل يازغۇچىلىرىنىڭ دۇنياغا داڭلىق بالىلار چۆچەكلىرىدىن تاللانما» ناملىق يۈرۈشلۈك بالىلار چۆچەكلىرى، ئۇ تۈزگەن ۋە تۈزۈشكە قاتناشقان «قارا-قارا قۇشلارىم» قاتارلىق يۈرۈشلۈك بالىلار قوشاقلىرى ئۇيغۇر بۈگۈنكى دەۋر بالىلار ئەدەبىياتىنىڭ مەزمۇنىغا ھۆسن قوشتى. يېقىندا ئۇ يەنە ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەلىكىدىكى 30 نەچچە نەپەر يازغۇچىنىڭ ئۇيغۇر خەلق بالىلار ئويۇنلىرىنى چۆچەكلەشتۈرۈش ئاساسىدا يېزىپ چىققان 80 يۈرۈش بالىلار كىتابىنى بازارغا سېلىش تىرىشچانلىقىدا ئىزدىنىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ بۇ زور ئىجادىي ئەمگىكى ئۇيغۇر بۈگۈنكى دەۋر بالىلار ئەدەبىياتى بازىرىنى تېخىمۇ ئاۋاتلاشتۇرغۇسى. ياش ژۇرنالىست روزىمۇھەممەد مۇتەللىپ 2013-يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتىنىڭ پەرۋىش سەھنىسى بولغان «تارىم غۇنچىلىرى» ژۇرنىلىدا ئۇيغۇر بالىلىرى ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ ئىزدىنىۋاتىدۇ. دېمەك، قاراقاش ئەدىبلىرىنىڭ ئۇيغۇر بۈگۈنكى دەۋر بالىلار ئەدەبىياتىدىكى ئورنى سان ۋە سۈپەتتە خېلىلا يۇقىرى باسقۇچقا يەتكەن بولۇپ، ماقالىدە، قاراقاش ئەدىبلىرىنىڭ ئۇيغۇر بۈگۈنكى دەۋر بالىلار ئەدەبىياتى ئىجادىيەت نەتىجىلىرىنى ئوقۇرمەنلەرگە ئۇچۇر خاراكتېردە يەتكۈزۈش مەقسەت قىلىنغاچقا، يازغۇچىلرىمىزنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ بەدىئىي مۇۋەپپەقىيەتلىرى ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈلمىدى. پەقەت ئەدەبىي تەنقىدچىلىك ساھەسىنىڭ ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىغا، بولۇپمۇ قاراقاش ئەدىبلىرىنىڭ ئۇيغۇر بۈگۈنكى دەۋر بالىلار ئەدەبىياتى ئىجادىيىتىدىكى ئورنى ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىگە بولغان دىققىتىنى قوزغاش مەقسەت قىلىندى.
مەنبە : مائارىپچىلار تورى
|