- تىزىملاتقان
- 2014-12-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-22
- ھوقۇقى
- 50
- جۇغلانما
- 885
- نادىر
- 0
- يازما
- 216

- تۆھپە
- 425
- مۇنبەر پۇلى
- 405
- ئىشەنىچ
- 425
| ناغرا ئاۋازى
(ئىككى كىشىلىك لەپەر)
ئاپتورى:تۇرسۇن ھۈسەيىن بۇژغۇن
(ساۋاقداش ب سومكىسىنى ئاسقان ھالدا كېتىۋاتقاندا،ساۋاقداش ئا بىلەن ئۇچرۇشۇپ قالىدۇ...) ئا :...دوستۇم توختاش،توختا...،قاياققا ماڭدىڭ ؟ ب :...بىر سېھرى كۈچنىڭ تۈرتكىسى بىلەن گۈزەل باغچامغا...! ئا :...باغچامغا؟...سەن يەسلى بالىسىمىدىڭ؟ ب :...نېمىلەرنى دەيدىغانسەن مەتداش،مەكتەپكە ماڭدىم،مەكتەپكە...! ئا :...نېمىشقا بۇنچىۋالا ئەتىگەندە ماڭدىڭ...؟ ب :...بۈگۈن سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسەتمەكچى ئىدۇق،شۇڭا... ئا :...سەنئەت نومۇرلىرىنى...؟ ب :...ھە..ئە....سەنئەت نومۇرلىرىنى...! ئا :...مۇنداق دە...ئۇنداقتا سەن قايسى نومۇرنى تەييارلىدىڭ؟ ب :...ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەشھۇر مۇزىكىسى«ناغرا ئاۋازى»نى تەييارلىدىم. قارا ئاداش،ناغرا-ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى چالغۇ ئەسۋابلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇزاق تارىخىي جەريانلارنى ئۆز بېشىدىن كۆچۈرۈپ،ئەنئەنىۋىيلىكى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ شانۇ-شۆھرىتىنى دۇنياغا تونۇتقان،خەلقىمىزنىڭ توي مۇراسىملىرى، سەنەملىرى،ھېيت-ئايەملىرى مانا مۇشۇ ئەنئەنىۋىي چالغۇ سازىمىز بىلەن كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزىلىدۇ ئەمەسمۇ؟! ئا :...(كۆڭلى سۆيۈنگەن ھالدا...)-نېمە بىلەن تەييارلىدىڭ...؟ ب :...ئېغىز ناغرىسى،قول چوكىسى بىلەن....! ئا :...قىززىق گەپ قىلىدىكەنسەن توختاش،ئېغىزدا قانداقمۇ ناغرا چالغىلى بولسۇن...؟ ب :...بۇ ناھايىتى ئاسان مەتداش،كۆڭۈل قويساڭلا ئۆگىنىپ كېتەلەيسەن...! ئا :...قىنى،ئۆزەڭ ئېيتقاندەك،ماھارىتىڭنى بىر كۆرسۈتۈپ باقە،كۆرۈپ باقاي...؟! ب :...ۋاقىت ئۆتۈپ كېتىپ،مەكتەپكە كېچىكىپ قالمامدىم...؟ ئا :...ئورۇنلاپ بەر دىسەم ئەمدى ،ھال پەيدا بولدى ساڭىمۇ...ئاغىنە دېگەن سەندەك بولامدۇ؟...خەپ....! ب :...ئۇنداق بولسا ئاڭلاپ تۇر ئەمىسە...(«نوزۇگۇم»غا چېلىشقا باشلايدۇ...) ئا :...توختاش،ھۈنىرىڭ قالتىسقۇ...؟(خۇشاللىقىدا سەكرەپ كېتىدۇ...)-ئەمدى «دولان مەشرىپى»گە چېلىپ باقە...؟ ب :...بولىدۇ مەتداش...(ھەركەتلىرى بىلەن ماسلاشتۇرۇپ«دولان مەشرىپى»گە چالىدۇ) ئا :...ياخشى،ناھايىتى ياخشى...ئەمدى«قەشقەر ساماسى»غا......... ب :...پەرمان بەردارمەن،(يېقىملىق «قەشقەر ساماسى»غا چېلىشقا باشلايدۇ...) ئا :... ئەمدى «ئېلى سەنىمى»گە......... ب :...(لەرزان ھالدا تەمكىن تۇرۇپ،«ئېلى سەنىمى»گە چېلىشقا باشلايدۇ...) ئا :...(قاتتىق ھاياجانلىنىدۇ...)-كۆردۈڭلارمۇ قىرىنداشلار...بىزنىڭ يېقىملىق بۇ ناغرىمىزنىڭ مۇڭلۇق ئاۋازىنى...؟...دوستۇم،ماھارىتىڭگە بارىكاللا،ساڭا كۆپتىن-كۆپ تەشەككۈر.....! ب :...سەنمۇ ئۆگىنىشنى خالامسەن...؟ ئا :...ئىنتايىن خالايمەن،توختاش...! ب ۋە ئا (بىرلىكتە) :...«قىيىن ئىش يوق ئالەمدە،كۆڭۈل قويغان ئادەمگە...»! (توختاش بىلەن مەتداش كۈلۈمسىرىگەن ھالدا يەڭگىل ناغرا مۇزىكىسى ئىچىدە دكلىماتسىيە قىلىدۇ...) ب،ئا :... ئانىجان قاراپ باق قوينۇڭغا شۇتاپ، ناغرىمىز ئاۋازى يەتتى پەلەككە...! ئاق سۈتۈڭ ۋە ئەجرىڭ بەردى كۈچ-قۇدرەت، تېنچلىق سۆيگۈسى تولدى يۈرەككە...!
(ئۇلار پىئونىرلار سالىمىنى بېرىدۇ،پەردە يېپىلىدۇ...)
@ بۇ لەپەر 1988-يىلى 11-ئاينىڭ 28-،29-ۋە 30-كۈنلىرى «شىنجاڭ تىلىۋىزىيە ئىستانسىسى» تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان ئوتتۇرا –باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ «غۇنچە مۇكاپاتى» دراما،ئېتوت ۋە لەپەر مۇسابىقىسىدە 3-دەرىجىلىك ئىجادىيەت ۋە ئورۇنلاش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن...
|
|