- تىزىملاتقان
- 2014-12-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-6-17
- ھوقۇقى
- 70
- جۇغلانما
- 1468
- نادىر
- 5
- يازما
- 292
 
- تۆھپە
- 644
- مۇنبەر پۇلى
- 757
- ئىشەنىچ
- 644
| مەن سىزگە رەھمەت ئېيتىمەن...
(بالىلار ئېتوتى)
ئاپتورى:تۇرسۇن ھۈسەيىن بۇژغۇن
قاتناشقۇچىلار مەرھابا.......25ياش.......ئوقۇتقۇچى مۇنەۋۋەر.......12ياش.......ئوقۇغۇچى رائىلە.......12ياش.......ئوقۇغۇچى ئالىيە.......13ياش.......ئوقۇغۇچى ۋاقتى : يازنىڭ مەلۇم بىر كۈنى چۈش ئورنى :مەكتەپ ھويلىسىدىكى گۈللۈكنىڭ بىر چېتى،گۈللۈك يېنىدا 3-4قىز ئوقۇغۇچى قىزغىن سۆزلىشىۋاتقاندا پەردە ئېچىلىدۇ. مۇنەۋۋەر : رائىلە ئاداش سەن بۈگۈن بىر خاتا ئىش قىلدىڭ جۇمۇ...!؟ مەرھابا مۇئەللىمنى بۈگۈنكى ئوچۇق دەرستە نۇرغۇن مۇئەل- لىملەرنىڭ ئالدىدا يەرگە قاراتتىڭ،ئەمدى مۇئەللىم سەندىن ئۆچ ئالىغان بولدى-دە...!؟ ئالىيە : ( گەپكە ئارىلىشىپ) –مۇنەۋۋەر بۇ نېمە دېگىنىڭ؟رائىلەدە نېمە گۇناھ!؟ گۇناھ مەرھابا مۇئەللىمنىڭ ئۆزىدە تۇرسا...! مۇنەۋۋەر : نېمە...؟ مۇئەللىمدە قانداقسىگە گۇناھ بولسۇن...!؟سەنمۇ جۆيلىگىلى تۇردۇڭغۇ ئەمدى...!؟ ئالىيە : ئاڭلاپ تۇر دوستۇم،مەرھابا مۇئەللىم ئالدىنقى كۈنى نۇرشات، گۈلپىيە ۋە ئازاتلارنى سىلەر ياخشى ئۆگىنىپ كىلىڭلار،كىلەر سائەتتە ئوچۇق دەرس ئۆتىمىز،سىلەردىن سورايمەن...!قال- غانلار كۆرۈپ قويساڭلار بولىدۇ...سىلەردىن سوراشقا بەلكىم ۋاقىت يېتىشمەسلىكى مۇمكىن...دېگەن تۇرسا...!يۇقارقى بالىلار جاۋاپ بىرەلمىسە،رائىلەدىن سورىغىنى نېمىسى...؟ نېمىشكە رائىلەنى تەنقىتلەپ،ئۆزى ئورۇنلاشتۇرۇپ جاۋاپ بىرەلمىگەنلەرگە گەپ قىلمايدۇ...؟شۇنداق تۇرسا رائىلە مەرھابا مۇئەللىمنىڭ ساختىپەزلىكىنى ئاشكارىلىماي تۇرا- لامدۇ...؟ رائىلە : بولدى تالاشماڭلار...!گۇناھ ئەسلىدىمۇ مەندە،چۈنكى، ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇش مەجبۇرىيتى،ئۆتكەن مەزمۇنلارنى ئۆگىنىش ۋە تەكرار قىلىش مەسئۇلىيتى بولىدۇ. ئەكسىچە مەن ئويۇنغا بېرىلىپ،دەرسكە قارىماي،مۇئەللىمنى پىشقەدەم ئۇستازلار ئالدىدا يەرگە قارىتىپ،ناھايىتى ئەدەپسىزلىك قىلىپ قويۇپتىمەن...!(شۇ پەيتتە مەرھابا مۇئەللىم بۇلارنىڭ يىنىغا پەيدا بولىدۇ.) مەرھابامۇئەللىم: (كۈلۈمسىرەپ)-نېمىنى مۇنازىرىلىشىۋاتىسىلەر؟ مۇنازىرەڭلەرگە مېنىمۇ قوشۇۋىلىشنى خالامسىلەر؟ (رائىلەنىڭ يىنىغا كىلىدۇ.) مۇنەۋۋەر : ئەلۋەتتە خالايمىز مۇئەللىم...!بىزنىڭ سۆھبىتىمىزدە سىزلا كەم مۇئەللىم...! رائىلە خىجىل بولغان ھالدا...)-مېنى كەچۈرۈڭ مۇئەللىم...! مەن سىزگە بۈگۈن تولىمۇ ئەدەپسىزلىك قىلىپ قويدۇم.(يۈزلىرى ئاناردەك قىزىرىپ ،تىرنىقىنى تاتىلاپ تۇرىدۇ...) مەرھابا مۇئەللىم : ئۇنداق دېمەڭ سىڭلىم،مەن سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا چوڭ خاتالىق سادىر قىلدىم،ۋەدەمدە تۇرالمىدىم،مېنى كەچۈ- رۈڭلار...!مەن بىر قىتىملىق ئوچۇق دەرسنىڭ شەكلىنىلا قوغ- لۇشۇپ،سۈپىتىگە،ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلالمىدىم،ئاقىۋىتىنى ئويلاشماپتىمەن...!شۇ سەۋەپلىك رائىلە دەل ۋاقتىدا يېتەرسىز- لىكىمنى كۆرسۈتۈپ بېرىپ،بۇنىڭدىن كېيىنكى ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرىمنىڭ ساغلام ئىلىپ بېرىلىشىغا زور ياردەم قىلدى...! بۇ مەن ئۈچۈن چوڭ ياردەم.شۇڭا مەن سىڭلىم رائىلەگە كۆپتىن- كۆپ تەشەككۈر ئىيتىمەن...!رەھمەت سىڭلىم رائىلە...! رائىلە : (چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرتۈپ...)-مۇئەللىم...سىز مەندىن راستىنلا رەنجىمەمسىز...؟!( ھاياجانلىنىدۇ...) مەرھابا مۇئەللىم : (رائىلەنىڭ چېچىنى سىلاپ تۇرۇپ...)-ھەرگىزمۇ رەنجىمەيمەن...سىزدىن نېمە دەپ رەنجىگۈدەكمەن سىڭلىم؟ تېخىمۇ تېرىشىپ،ياخشى ئۆگىنىڭ...بىلەلمىگەن مەزمۇنلار بولسا يېنىمغا كىرسىڭىز چۈشەندۈرۈپ قويۇشقا مەن ھەر ۋاقىت تەييارمەن...!بۈگۈنكى ئىشلارنى ئۆزىڭىزگە ھەرگىزمۇ يۈك قىلىۋالماڭ...بولامدۇ...؟(بۇ چاغدا مۇنەۋۋەر،ئالىيە قاتارلىقلارمۇ مەرھابا مۇئەللىمنى ئوراپ،بىرلىكتە ناخشا ئېيتىدۇ )
ناخشا قىزلار بىرلىكتە: تەر تۆكۈپ ئىشلىگەچ ئىشچان باغۋىنىم، ئېچىلدى ئەجرىدىن خۇشپۇراق غۇنچە. قىلمىسا يەڭ تۈرۈپ ئەمگەك ھەر كىشى، قانداقچە سۈزۈلسۈن دېڭىزدىن ئۈنچە...!؟ قاراڭلار بىزمۇ شۇ باغدا غۇنچىمىز، باغۋەندىن تىنىمىز ياشناپ تۇرىدۇ. پۆرەكلەپ ئېچىلىپ ھايات غۇنچىمىز، ئانىجان قوينۇڭدا پۇراق –چاچىدۇ...! ( مەرھابا مۇئەللىم بۇ ناخشىنى ئاڭلاپ،يىراقلارغا كۆز تاشلايدۇ، ساۋاقداشلار بوينىدىكى گلاستۇكلىرىنى ئوڭشايدۇ ۋە خۇشال ھالدا مەرھابا مۇئەللىمگە تىكىلىشىدۇ....مۇزىكا مۇڭى ئىچىدە پەردە يىپىلىدۇ...)
|
|