پاقالچىقىڭىز ئىنچىكە بولسا خوش بولۇپ كەتمەڭ
ئاياللار پۇتىنىڭ ئىنچىكە، بەدىنىنىڭ زىلۋا بولۇشى ئۈچۈن توختىماي ئورۇقلاشقا بەل باغلايدۇ. لېكىن يېقىندا بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا قارىغاندا، پۇتى ئىنىچىكە بولۇش كىشىلەرنىڭ ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن - قىسقىلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. شۇنداقلا پۇتى ئىنىچىكلەرنىڭ ئۆمرى قىسقا بولىدىكەن. تەتقىقاتچىلار 12 يىل ۋاقىت سەرىپ قىلىپ 3000دىن ئاتۇق ئەر ۋە ئايالنى تەتقىق قىلغان، نەتىجىدە تۈرلۈك كېسەللىك سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ پاچىقىنىڭ ئايلانمىسى 30 سانتىمېتىردىن تۆۋەن ئىكەن. چوڭ پاچىقىنىڭ ئايلانمىسى 46 سانتىمېتىردىن كىچىك بولغانلارغا نىسبەتەن ئۇلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە باراۋەر بولغان. دېمەك، پۇتى سېمىزرەك كەلگەن ئاياللار ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەلەيدىكەن. ئادەتتە ئاياللارنىڭ بەل ئايلانمىسى نورمال بولۇپ، چوڭ پاقالچىقى تومراق بولسا، بۇنىڭدىن بەك ئەنسىرەپ كەتمىسىمۇ بولىدىكەن، بۇ سالامەتلىككە پايدىلىق ئىكەن. مەنبە:توغراق تورى
|