قاغا بىلەن چوشقا ئۆز-ئارا زادى چىقىشالمايدىكەن، بىر كۈنى ئىككىسى ئايرۇپىلانغا بىرگە چىقىپ قاپتۇ. قاغا:- كۈتكۈچى قىز، ماڭا بىر ئىستاكان قەھۋە بېرىڭە. چوشقىمۇ:- ئاكاڭ قارىغايغىمۇ بىر ئىستاكان قەھۋە بېرە. كۈتكۈچىنىڭ غەزىپى تۇتۇپ، قاغا بىلەن چوشقىنى ئايرۇپىلاندىن تاشلىۋېتىپتۇ. ئاسماندىن يەرگە قاراپ چۈشۈپ كېتىۋاتقان قاغا چوشقىغا: -قانداق بىرادەر، مېنىڭ قانىتىم بار، سەن قانداق قىلارسەن-دېگۈدەك... بىر توشقان تازا تېرىكىپ تۇرغان ئاشخانا خوجايىننىڭ يېنىغا كېلىپ:
-سەۋزە بارما؟!-دەپ سوراپتۇ، خوجايىن: -يوق!-دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ. بىردەمدىن كېيىن توشقان يەنە كېلىپ:-سەۋزە بارما؟!-دەپ سوراپتۇ، خوجايىن تېرىكىپ: - يوق دېدىمغۇ، يوق!-دەپتۇ. بىردەم ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈپ توشقان يەنە كېلىپ: -سەۋزە بارما؟-دەپ سورىسا، خوجايىن ئاچچىقىنى باسالماي: -يەنە كەلسەك قايچا بىلەن ئۇزۇن قۇلىقىڭنى كېسىۋاتىمەن-دەپتۇ. ئون مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن توشقان يەنە كېلىپ خوجايىندىن: -قايچا بارما؟!-دەپ سورىسا، خوجايىن:-ھەي، بۇ دېگەن سەيپۇڭخانا بولمىسا، قايچا نېمىش قىلىدۇ-دېسە، توشقان خۇجايىننىڭ جاۋابىغا ئۇلاپلا:-ئۇنداقتا سەۋزە بارما؟!-دېگۈدەك. بىر چىشى بۆرە قۇرسىقى ئېچىپ كېتىپ بىر قوينىڭ ئۆيىگە بېرىپتۇ، ئىشىك تۈۋىگە كەلسە ئۆي ئىچىدىن ئەركەك قوينىڭ قوزىسىغا:
-يىغلىما بولدى، يەنە يىغلاۋەرسەڭ تالاغا ئېپ چىقىپ تاشلىۋېتىمەن سېنى-دېگەن ئاۋازى ئاڭلىنىپتۇ، چىشى بۆرە سىرتتا تۇرۇپ سوغۇقتا بىر كېچە ساقلاپتۇ. لېكىن ئەركەك قوي قوزىنى سىرتقا تاشلىۋەتمەپتۇ. ئاچچىقى كەلگەن چىشى بۆرە: -دۇنيادىكى ئەرلەرغۇ بىرسىمۇ راست گەپ قىلمايدۇ-دېگۈدەك... يالغان پۇل ياسايدىغان ئىككەيلەن ئېھتىياتسىزلىقتىن بىرمۇنچە 15 سوملۇق پۇل ياساپ قويۇپتۇ، ئىككىسى بۇ پۇلنى يىراق بىر يېزىغا ئاپىرىپ خەجلىۋاتايلى دەپ، يىراق بىر تاغلىق يېزىغا بېرىپتۇ، 15 سوملۇق پۇلغا دۇكانچىدىن بىر تال سېغىز سېتىۋېلىپ، پۇل قايتۇرۇپ بېرىشىنى كۈتۈپ تۇرسا، 7 سوملۇق پۇلدىن ئىككىنى قايتۇرۇپ قاراپ تۇرغىدەك، ئىككەيلەن يىغلىۋاتقىلى تاس قاپتۇ. ئەكبەر «119»غا تېلېفۇن قىلدى...
ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى: قايەرگە ئوت كەتتى؟! ئەكبەر: ئۆيىمگە... ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى: دېگىنىم ئوت كەتكەن جاي قايەردە؟! ئەكبەر: ئۆيۈمنىڭ ئاشخانىسىدا ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى: مېنىڭ دېگىنىم بىز قانداق بارىمىز ئۇ جايغا؟! ئەكبەر: ئوت ئۆچۈرۈش ماشىناڭلار بارغۇ؟! ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى: ... ؟؟!!؟؟!! |