تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 751|ئىنكاس: 3

شاپائەت ئوسماننىڭ سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

4

تېما

0

ئەگەشكۈچى

113

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
16
مۇنبەر پۇلى
85
ئىشەنىچ
16
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-29 17:53:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىشتىن سىرتقى ناخشىچى شاپائەت ئوسماننىڭ سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى

  «قەشقەر گېزىتى» مۇخبىرى ئابدۇشۈكۈر راشىدىن، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مەمەتتۇرسۇن ئابلىمىت خەۋىرى، فوتوسى:
   12-ئاينىڭ 28- كۈنى قەشقەر شەھىرىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ئىشتىن سىرتقى ناخشىچى شاپائەت ئوسمان يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىش مۇناسىۋىتى بىلەن سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزدى.  قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ھەرقايسى ناھىيە (شەھەر) ، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە ئۈرۈمچى شەھەرىدىكى بىر قىسىم كۆزگە كۆرۈنگەن كەسپىي سەنئەتكارلار ۋە ئىشتىن سىرتقى ناخشىلار  سەنئەت كېچىلىكىگە قاتناشتى.
  « كەيىپ»، «سىغىنىش»،« دىلىمنى ئاغرىتتىكى دىلىمدىكىلەر» ،«گەر سىغىنسام سېنى نە قىلاي» قاتارلىق400 گە يېقىن ئىجادىي ۋە ئۆزلەشتۈرمە ناخشىلىرى بىلەن جامائەتنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ كەلگەن شاپائەت ئوسمان بۇ قېتىمقى كېچىلىكتە ئۆزىنىڭ يېقىندىن بۇيان تەييارلىغان مەزمۇنى چوڭقۇر، ئاھاڭى ئۆزگىچە بىر قىسىم ئىجادىي ناخشىلىرىنى ئاممىغا تەقدىم قىلدى، كېچىلىكتە يەنە جايلاردىن ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان بىر قىسىم كەسپىي ۋە ئىشتىن سىرتقى ناخشىچىلارمۇ ئۆزلىرنىڭ يېڭى ئىجادىي ناخشسا ۋە ئۇسۇللىرىنى ئورۇنداپ ، كېچىلىكنى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈردى.
  شاپائەت ئوسمان كىچىكىدىن سەنئەتكە قىزغىن ئىشتىياق باغلىغان بولۇپ، 2008- يىلى « شۈكۈر قىلىڭ» دېگەن ئىجادىي ناخشىسى ئارقىلىق سەنئەت ساھەىسىگە قەدەم قويغان. شۇنىڭدىن بۇيان ئۇ قەشقەر شەھىرىدىكى «ئوسكار»، « ۋىتاس» قاتارلىق ڭۆڭۈل ئېچىش ئورۇنلىرىدا قۇرۇلغان كۇلۇپلاردا ناخشا ئوقۇپ ئۆزىنىڭ سەنئەتتىكى ئىقتىدارىنى نامايەن قىلىپ كەلگەن. ئۇنىڭ «دىلىمنى رەنجىتتىكى دىلىمدىكىلەر»، « كەيىپ» قاتارلىق ناخشىلىرى «چولپانلار قەلبى» قاتارلىق خەير- ساخاۋەت كېچىلىكلىرىدە ئوقۇلغان ۋە بىرلەشمە ناخشا پىلاستىنكىلارغا كىرگۈزۈلگەن، شۇنداقلا  بۇ ناخشىلارنىڭ جۇڭگودىكى  ئەڭ نوپۇزلۇق « يۈكو»،«56.com» قاتارلىق تور بېكەتلىرىدىكى كۆرۈلۈش نىسبىتى 1مىليوندىن ئاشقان. بۇ قېتىمقى كېچىلىك ئۇنىڭ تۇنجى قېتىملىق مۇستەقىل ئۆتكۈزگەن ناخشا كېچىلىكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
   سۈرەتتە: شاپائەت ئوسمان ناخشا ئوقۇماقتا.
   سۈرەتتە:  شاپائەت ئوسماننىڭ   « دىلىمنى ئاغرىتتى دىلىمدىكىلەر» ناملىق MTVدىن بىر كۆرۈنۈش









5

تېما

0

ئەگەشكۈچى

1373

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
304
مۇنبەر پۇلى
1059
ئىشەنىچ
304
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-1 05:11:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۆمۈر ئەپەندى،سۈرەت كۆرۈنمەيدىغۇ؟قايتا يوللىسىڭىز بولغىدەك.

0

تېما

0

ئەگەشكۈچى

6

جۇغلانما

يېڭى ئەزا

Rank: 1

تۆھپە
2
مۇنبەر پۇلى
4
ئىشەنىچ
2
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-1 10:35:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ قىزنىڭ ناخشىلىرىنى بەكمۇ ياقتۇرىمەن. ئەگەر بۇ خەۋەرنى بالدۇرراق ئاڭلىغان بولسام نەق مەيداندىن كۆرەتتىم.
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2015-4-27 06:32, Processed in 0.103198 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش