چۈشۈمدە
(شېئىر)
ئامانگۈل تۇرسۇن ئاقىن
چۈشۈمدە چاقىردى گۈزەل بىر قىز،
شۈنچە تونۇش،شۈنچە يېقىملىق.
نېمىلەرنى ئېيتماقچىدۇ ماڭا ئۇ قىز،
قالدىم ئەجەپ ئىشارەتسىز،جاۋاپسىز.
ئويغانسام چۈشۈمدىن،سوغۇق شاماللار،
ئۇرۇلار شىۋىرلاپ مىسكىن جىسمىمغا.
شۇ شامالدىن بىشارەتتۇر چۈشۈم سىماسى،
ئويغانمىسام،قايتىپ كىرسەم شۇ چۈش قوينىغا.
خىيال كەپتەرلىرىم ئىزدەيدۇ چۈشتىكى قىزنى،
ھەر نەپەستە قىز سىماسى ئۆرتەيدۇ دىلنى.
شۇ شامالدىن سوراپ كۆردۇم ئىسمى-زاتىڭنى،
جىمجىت كېچە ھېچ كىرمىدى شامالنىڭ ھېدى.
چۈش قوينىدا سۇرۇپ خىيال يۈردۈم ئارالدا،
ئەشۇ قىزنىڭ خۇش ھېدىنى كۈتۈپ،شامالدا...!
2014-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى ئۈرۈمچى
|