بىر كۈنى ئۇسساپ دۇكانغا كىردىم، دۇكاندا ئايال كىشى بار ئىكەن… مەن: - ھەدە، ئابىدە بارمۇ؟ ئايال خوجايىن ئىچكىدىكى ئۆيگە كىرىپ كەتتى، مەن ئىچىمدە «ئامبار ئۆيى ئىكەندە» دەپ ئويلىدىم. ئىچىدىن ئىككى ئايال زاتىنىڭ پاراڭلىشىپ چىقىۋاتقان ئاۋازى ئاڭلاندى... -بولۇڭە قىزىم، بالىغۇ سەت، تاز ئىكەن، بىراق ساددا، ئاقكۆڭۈل كۆرۈنىدۇ... -ئاپا... ھەجەپ بىر... كەلسە-كەلمەس بالىلارنى تونۇشتۇرۇپ... -بالام، ئۆزى ئىزدەپ كەپتۇ، جۈرىڭە چىقىڭە... ئىچكىر ئۆيدىن ئايال خوجايىن بىلەن بىر سېمىز قىز چىقتى. ئايال خوجايىن: - مانا بالام، قىزىم ئابىدە... -ئەمسە، سەل ساقلاڭ، مەن چېچىمنى تۈزەشتۈرۈۋالاي... -مەن، مەن، ئابىدە سودا سۈيى بارمۇ؟ دېمەكچىتىم... ئىككىيلەننىڭ تەرى بۇزۇلدى. - بالدۇر دىسەڭ بولمامدا ۋا ئاكا... ھېسسىياتنى ئۆلتۈرۈپ.....!!! سىرتقا چىقىپ كەتتىم، توختىغىنە! سەت، تاز دېگەن مەنما؟ ئەجەپ ئاچچىقىم كەلدى دېسە....... بەك قورسىقىم ئېچىپ كەتكەنلىكتىن يەنە بىر دۇكانغا كىردىم، دۇكاندا بەستلىك بىر قىز بار ئىكەن. - ھە، مەن شۇ. مېنى ئىزدەمتىڭىز؟ ۋۇي، بىز تونۇشامدۇق؟ سىزنى مەن بىر يەردە كۆرگەندەك... مەن: - ئامىنە... تەييار چۆپى... بارمۇ؟... قىز زەردە بىلەن جاۋاب قايتۇردى... شۇ ئاچچىقىمدا سۇمۇ ئىچمىدىم... بۈگۈن چېچىم كېپەكلىشىپ كېتىپتىكەن سوپۇن ئالاي دەپ يەنە بىر دۇكانغا كىردىم، بۇ دۇكاندا تېخىمۇ بەستلىك بىرقىز بار ئىكەن. مەن ئەمدىلا ئېغىز ئېچىپ: - سەنەم...- دېيىشىمگە، ئۇ قىز: مەن: - ...چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقى بارمۇ؟ قىز: - ئۆتتۈرىمەن سېنى!!!! مەن: - قۇتۇلدۇرۇڭلار...... ۋاي ئاللا، مەن شۇ قورقۇپ كەتكەنچە قىزلاردىن قېچىپ يۈرۈۋاتىمەن ھازىر... مەنبە:توغراق تورى |