1.باشقىلارنى كۆرگەندە چۇقۇم ئاۋۋال سالام قىلىش، باشقىلارنىڭ ئىلتىپاتى ياكى ياردىمىگە  ئىرىشكەندە چۇقۇم ئاغزاكى ياكى يازمىچە مىننەتتارلىق بىلدۇرۇش ، باشقىلارغا ئاۋارىچىلىق تىپىپ بەرگەندە چۇقۇم كەچۇرۇم سوراش . 
     2.ئاممىۋى سورۇنلاردا ، بەك يۇقىرى ئاۋازدا گەپ قىلماسلىق . 
     3.ئاپىسىغا دېيىشنى خالىمىغان ئىشلارنى دادىسىغا دىيىش ،داداىسىغا دىيەلمىگەننى ئاپىسىغا دېيىش كىرەك ، لىكىن ئىككىلا تەرەپكە دىمەي سۈكۈتتە تۈرۈۋىلىشقا بولمايدۇ . 
     4.يالغان سۆزلەپ ھەر قانداق بىرسىنى ئالداشقا بولمايدۇ ، بولمىسا ئەتىراپىدىكىلەرنىڭ ئىشەنچىسىدىن ئايرىلىپ قىلىپ مەڭگۈلۈك پۇشايماندا قالىدۇ . 
     5.باشقىلار بىلەن ئۇرۇشۇپ قالغاندا، چىشىنى ۋە باشقا نەرسىلەرنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ ،لىكىن ئالدىنقى شەرت چۇقۇم يىڭىشى كىرەك . 
     6.يەردىن تىپىۋالغان پۇلنى ئۆيىگە ئەكىلىپ ساقلاپ قويوشقا بولىدۇ لىكىن ئۆزىنىڭ قىلىۋىلىشقا بولمايدۇ . 
     7.باشقىلار سەمىمىيلىك بىلەن سىزنى بىر نەرسە يىيىشكە تەكلىپ قىلغاندا، ئەگەر ياقتۇرمايدىغان يىمەكلىك بولسا چۇقۇم "قورسۇقۇم توق"دېيىش كىرەك "ياقتۇرمايمەن " دىيىشكە بولمايدۇ . 
     8.ھەر قانداق شەيئي ۋە نەرسىنىڭ ھاياتى بولىدۇ شۇڭا خالىغانچە ئىرىشۋىلىشكە ياكى تاشلىۋىتىشكە بولمايدۇ .   
     9.كوللىكتىپنىڭ پىكىرى ۋە قارارىغا بويسۇنۇس كىرەك ، لىكىن كۆڭلىدە يەنە ئۆزىنىڭ ئويلىغىنى بولىشى كىرەك . 
     10.ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقى بولىدۇ ، باشقىلار بىلەن سىلىشتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق . لىكىن ، خەتەرگە يۇلۇققاندا، قارشى تەرەپنى تىللىسىڭىزمۇ ، يۇقىرى ئاۋازدا ۋاقىرىسىڭىزمۇ ، يالغان ئىيتىپ ئالدىسىڭىزمۇ ، چىشلىسىڭىزمۇ ،كۆزىڭىزنى چەكچەيىتسىڭىزمۇ ، ھەر قانداق قىممەتلىك بۇيۇمنى بۇزىۋەتسەڭىزمۇ ،بۇرۇن  ئاڭلىغان ھەر قانداق قائىدە تۈزۈمنى بۇزسىڭىزمۇ بۇلىدۇ ،ئىسىڭىزدە بولسۇن ،ھاياتىڭىز ھەممىدىن مۇھىم .  |