تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 827|ئىنكاس: 1

ئۇنتۇلماس ۋەدە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

دوست

23

جۇغلانما

يېڭى ئەزا

Rank: 1

تۆھپە
1
مۇنبەر پۇلى
19
ئىشەنىچ
1
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-12 05:00:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنتۇلماس ۋەدە

رۇزتوختى ئادىل
مەن كىچىكىمدىن بىر گە ئويناپ چوڭ بولغان بىردوستۇم بارئىدى. كۆڭلى تۈز ئاددىي ساددا پوچىلىقنى ياقتۇرۇپ كەيمەيدىغان ئىسىللىكنى ئۈزىگە ئادەت قىلغان ئىدى.
بىزنىڭ بالىلىق چاغلىرىمىزدا ئۇ كىچىك تۇرۇپلا دادىسى قازاقىلدى، ئۇۋاقىتلادا ئەقىلسىز چاغلىرىىمىز بولسا كىرەك، پەرۋاسىز ئويناپ يۈرۈپتىكەنمىز خۇددى ھىچ ئىش بولمىغاندەك كۈندىلىك مەشغۇلاتىمىز بۇيىچە ئەتتىگەن سائەت 8 دە مەكتەپكە چىقىپ چۈشتىن كىيىن سائەت بەشتە ئۆيگە قايتىپ تاپشۇرۇق ئىشلەپ، بىللە تەكرار قىلىپ ،ئوينايدىغان ئۇيۇنلىرىمىزنىمۇ بىللە ئويناپ، باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 6- يىللىقىغىچە بىللە ئۇقۇدۇق. شۇچاغداكۈنلىرىمىز شۇنداق كۆڭۈللۈك ئىدى.
تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 7- يىللىقىغا چىققاندا قايسى سەۋەپلەردىندۇربىر سەۋەپلەر بىلەن ئانىسى ئۇ دوستۇمنى باشقا بىر مەكتەپكە يۆتكەپ كەتتى. مەن باشقا دوسلۇرۇمغا قارىغاندا ئۇ دوستۇمغا بەك ئامراق ئىدىم چۈنكى بىز كىچىكىزدىنلا بىرگە ئويناپ چوڭ بولغان بىرسى – بىرسىمىزدىن يۇشۇرغۇدەك سىرىمىزمۇ قالمىغان ئىدى. مەنمۇ ھەرقانداق گەپ بولسا يۇشۇرماستىنلا دەپ پىرەتتىم ئۇمۇ ماڭا ئىچكى سىرلىرىنى يۇشۇرماي دەپ پىرەتتى. ئۇ يۆتكىلىپ كەتكەندىن كىيىن ئالاقىمىز يۇقالدى. ئۇنىڭ بىلەن شۇنچە ئالالىشىشنى ئويلىغان بولساممۇ دوستۇم بىلەن ئالاقىلاشقۇدەك بىرەر ئۇچۇرغا ئىرشەلمىدىم، دائىم ئۇ دوستۇمنى ئەسكە ئالسام بالىلىق چاغلىرىمىزنى ئەسلەپ قالاتتىم، ئۇچاغلارنى تەسۋېرلىگۈسىز جۇمۇ !
بىللە تاپشۇرۇق ئىشلەپ، ھەركۈنى مۈكۈشمەك ، جىكەش لايدا ئەرەك ئويناش، ۋاھ نىمدىگەن قىززىق ئارلىق ھە !  ھازىر ئۇخۇشاللىقلاردىن ئەسەرمۇيوق .
بىركۈنى مىڭىۋېتىپ ئۇدوستۇمنىڭ ئاپىسىنى ئۇچرىتىپ قالدىم قىسقىچە سالاملاشقاندىن كىيىن:- ئەزھەر قاچان كىلىدۇ؟  
- پات ئارىدا كىلىدۇ . بالام دوستىڭىزنى سېغىنغان ئوخشىمامسىز ؟
دوستۇمنىڭ ئاپىسى كۆڭلىمدىكىنى بىلگەندەكلا نەخ يۈركۈمدىكى گەپنى قىلدى.
- ئە  ھە كىچىكىمىزدىن بىرگە ئويناپ چوڭ بولغان دوسلاردىن تۇرساق ئەلۋەتتە سېغىنىمەندە دەپ ئۆمچەيدىم مەن. - بولدى كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ ! ئىلىيار ، ئەزھەر قايتىپ كەلگەندە مەن ئۆي تىلفۇنىڭىغا تىلفۇن قىلىپ سىزنى خەۋەردار قىلىپ قۇياي دىدى. مەن-  رەھمەت جۇمۇ! - دىدىم .
مەن مەكتەپكە چىقىپ كىرەي ھەدە دىدىمدە مەكتەپكە ماڭدىم. ئۈيۈم مەكتەپنىڭ قېشىدا بولغاچقا مەكتەپكە تېزلا چىقىپ بولدۇم. بۈگۈن 1- سائەت تىل ئەدەبىيات دەرىسى بارئىدى.
شۇ بۇيىچە مۇئەللىم ياتلاپ تىكىستىنى ياتلاپ كىلىڭلادىگەن ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ يازتۈنى ناملىق شىئىرىنى بىركۈرۈپ چىقتىم . تىل دەئەدەبىيات دەرىسى بىردىغان مۇئەللىمىمىز كىردى. : - سالام مۇئەللىم
مۇئەللىم ھەممىمىزنى ئولتۇرۇشقا بۇيرىغاندىن كىيىن : - 5- دەرىس يازتۈنى دىگەن دەرىسنىڭ تىكىستىنى ياتلاپ كەلدىڭلارمۇ ؟ -ياتلاپ كەلدۇق !!! -قېنى قايسىڭلا ھېسياتلىق ئۈللۈك ئۇقۇپ باقىسىلە ؟
-ھە سىز بەرگىيە 1-2- مىسراسىنى ئۇقۇڭ !
ياز كۈنى كۈندۈز قىززىق ، بولغاي ھاۋا ئىسسىق ۋە تار،
ھەركۈنى ئاخشامنى كۆپ جان خالىغاي بىئىختىيار.
كىچە ھەركىم ئۆگزىسىدە تاغ شامالىغا قاراپ ،
‹‹كەل جېنىمنىڭ راھىتى ››دەپ تەلمۈرەر بەك ئىنتىزار.
-ياخشى قايتا بىر ئىككى قېتىم كۈرۈپ قۇيۇڭ !
-يەنە كىم ؟ ھىسياتلىق ئۈنلۈك ئۇقۇپ باقىدۇ ؟
-سىز ئىليار 3- 4- 5- مىسراسىنى ئۇقۇڭ !
كۆكيۈزى ساپ ئاندا يوقتاپ بارچە يۇلتۇزلار يېقىن،
شۇل يىراقتىن خوپ يېقىنلاشقانغا ئوخشاش پارقىرار .
ھەركىشى بۇخۇش ھاۋا ئاستىدا خۇشھاللىق ئىلە،
گەپلىشىپ يانىدا يولداشى بىلەن كۆڭلىن ئاچار.
بارمەگەر شائىرغېرىپ يالغۇز ياتۇر كۆككە قاراپ ،
كۆكتە يۇلتۇزلار يانار يەردە پەقەت شائىر يانار
-ياخشى ئولتۇرۇڭ !
-جۈرئەت ئابدىخالىق ئۇيغۇر قاچان قەيەردە تۇغۇلغان ؟
-ئابدۇخالىق ئۇيغۇر .. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ......
-دەرىسنى كۆرمىدىڭىزما ؟
-.......
-دەرىسنى كۈرۈپ قۇيۇڭ ئەتە 5- سائەت دەرېسىم بار شۇۋاقىتتا سۇرايمەن
-ئەكبەر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر قاچان تۇغۇلۇپ قاچان ۋاپات بولغان ؟
-ئابدۇخالىق ئۇيغۇر 1901-يىلى تۇغۇلۇپ 1933-يىلى ۋاپات بولغان
-ياخشى ئولتۇر
-كىتاۋىڭلارنىڭ 42- بەت يەنى 6- دەرىس باھار تەسراتى دىگەن دەرىسنى كۈرۈپ چىقىڭلار !
-ئىليار بۇياققا چىقىڭە
-ئەلى ساقىيىپتىمۇ ؟ ئاتا ئانىسى بىلەن كۈرۈشۈپ باقتىڭىزمۇ ؟
- كۈرۈشتۈم مۇئەللىم ھازىرخىلى ياخشىلىنىپ قاپتۇ . 2-3 كۈن ئىچىدە مەكتپكە چىقىمەن دەيدۇ.
شۇندا قىلىپ بۈگۈنكى دەرىسنى نۇرمال ئۇقۇپ ئۆيگە قايىتتىم.
ھەش پەش دىگۈچە 2 ھەپتە ئۆتتى.
بىركۈنى سىنىپتىكى ساۋاقداشلىرىم پاراڭلىشىۋاتاتتى، مەن قەلبىنۇر. ئىلىياسنىڭ ‹‹ئانام ئەتكەن كۆڭ چۆچۈرىسى ›› ناملىق كىتاۋىنى ئۇقۇپ تۇراتتىم، بىرسى ئەزھەر توغۇرلۇق گەپ باشلىدى.
مەن ئەزھەربىلەن ئالاقىلشالمىغىلى خېلى ئۇزاق بولغاچقا ئەزھەر توغۇرلۇق بۇلۇنغان پاراڭغا قىززىقىپ ئۇلارنىڭ پارىڭىغا قۇلاق سالدىم. مەھەللىمىزدىكى ئەزىزيارگەپ باشلىدى:-  باللا .ئىسىڭلاردا بارمۇ بۇرۇن بىز بىلەن بىللە ئۇقۇغان ئەزھەر - با با
- ئۇبۇرۇن دەرىستە بەك ياخشى بالىتى ھازىر دۆتلىشىپ كىتىپتۇ. ۋە كىچىك تۇرۇپ تاماكا چىكىدىغان كەيىپ ساپالىق بۇلۋاپتۇ. قايسى بىركۈنى مىللەتلەر كۇچىسىدا كۈرۈشكەنتۇق ھالى بەك يۇغان، سىنىپىدىكى دوسلىرىدىن ئاڭلىسام ئۇھازىربەك ئۇيۇن قېپى بالا بۇوپقاپتۇ يەنە .... ئاخىرقى گەپلىرى قۇلقۇمغا كىرمىدى. كۆڭلىمدە ئەزىزيارنىڭ دىگەنلىرىڭنىڭ يالغان تۇقۇلما چىقىشىنى بەك بەكمۇ ئۈمۈت قىلاتتىم.
-ۋاي بولدى تۇلا ئەزھەرگە قارا چاپلىغۇچى بۇلۇشما كىشىنىڭ غەيۋىتىنى قىلىشتىن باشقا ئىشىڭ يوقمۇ ھەقاسىڭنىڭ ئەزھەر ھەرگۈز سەندىگەندەك بالا ئەمەس ۋۇ ساراڭ!
باللا ھەممىسى ئۆز ئورنىغا ماڭدى .
ئەزىزيار بوينۇمنى سىققىلى قۇپۇپ - ۋوي نىمەڭگە سەكرەيسە ئەڭ ياخشىسى ھۇشۇڭنى يىغىپ يۈر سىنىپتا سەتلىشىپ قالمايلى
-قىنى سىقمامسە سەن بەك يامانتىڭغۇ سىقە، سىقە قۇلۇڭدىن كەلگىنىنى قىل
سىنىپ مۇدىرىمىز سىىنىپتا بولغان ماجرانى بىلىپ تېزلا مىنى ۋە ئەزىيارنى ئىشخانىسىگە چاقىرىتتى .
-ئەزىزيار سەن تۇرۇپ تۇر،
-سەن كىرە ئىليار
-نىمە ماجرا بۇ نىمە دەپ سۇقۇشۇپ قالدىڭلا ؟
-ئەزىزيار مىنىڭ دوستۇمنى ھاقارەتلەپ غەيۋىتىنى قىلغىلى تۇرۇپتىكەن شۇڭا چىدىماي دەپ گەپنىڭ ئاخىرنى يۇتىۋەتتىم .
-ئەزىزيار كىرە بۇياققا ئىليارنىڭ دىگەنلىرى راسمۇ ؟
-مەن مەن ... راس
مۇئەللىم ئەزىيارنى بىرئاز تەنقىتلىگەندىن كىيىن بۇندىن كىيىن بۇنداق ئىش يۈزبەرمىسۇن . ئىككىڭلا قايتا قول ئېلىشىپ كۈرۈشۈپ بىرسى بىرسىڭلاردىن كەچۈرۈپ سوراڭلا دىدى.
-كەچۈر ئەزىزيار
-كەچۈر ئىليار مەن خاتاقىلدىم
ئارىدىن ئىككى كۈن ئۆتتى .
بىركۈنى كەچ ئۈيۈمدە تاپشۇرۇق ئىشلەپ ئولتۇرۋاتاتتىم.   
تۇيۇقسىز تىلفۇن جىرىڭلىدى . ئاچام :ـ ئىليار تىلفۇننى ئالغىنە
تىلفۇننى ئالدىم تىلفۇن قىلغان ئەزھەرنىڭ ئاپىسى ئىكەن مەن:- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھەدە تىشتۇرۇپسىزمۇ ؟
ھە، ياخىشى تۇردۇم ئۇكام ئەزھەر كەلدى . بۇندىن كىيىن سەن ئۇقۇۋاتقان مەكتەپتە ئۇقۇيدۇ . ئەتىدىن باشلاپ سىنىڭ مەكتىۋىڭگە چىقىدۇ ؟
-راسما ئاچا چاقچاق ئەمەستۇ ؟ -دىدىم مەن خۇشاللقىمنى باسالماي
-راس ئىشەنمىسەڭ ئەتە مەكتەپكە چىقىدۇ شۇچاغدا ئىشنەسەن
-ئەمسە خوش ئۇكام -دىدىدە تىلفۇننى قويدى
بۈگۈن خۇشال ھالدا مەكتەپكە چىقتىم كۆڭلۈمدە ئەزىزيارنىڭ دىگەنلىرىنى يالغان بولغۇيتى دەپ تىلىدىم
بىريىگىت بىر قىزغا تەقەززا بۇلۇپ كۆتىۋاتقىنىدەك مەنمۇ ئەزھەرنى قاچان چىقاركى دەپ كۈزۈم تۆت بولدى . پات پات سىرىتقا بىرقارايمەن مەكتەپكە چىقىپ 3 سائەت دەرىس ئۇقۇپ بولدۇق تېخى چىقمىدى .
4- سائەتكىمۇ زىل چالدى ئەمدى چىقمىغۇدەك دەپ ئۈمۈت ئۈزگەن ھالدا سىنىپقا كىرىپ فىزىكىنى قۇلۇمغا ئېلىپ كىتاپنى قىسقىچە بىر كۈرۈپ چىقتىم فىزىكا دەرىسى بىردىغان مۇئەللىممۇ كىردى .
مۇئەللىم دەرىس ئۈتۈپ تۇرۋاتاتتى . سىنىپ مۇدىرىمىزكىرىدى قېشىدا ئەزھەرمۇ بارئىدى
مۇئەللىم بىزگە : بۇساۋاقداش يىڭىدىن بىزنىڭ مەكتەپكە يۆتكىلىپ كەلدى ھەم بىزنىڭ سىنىپتا ئۇقۇيدۇ تۇنۇشۇپ قېلىڭلا ئىسمى ئەزھەر -دىدىدە ئارقامدىكى پارتىدا ئولتۇرۇشقا بۇيرىدى .
سىنىپ مۇدىرىمىز چىقىپ كەتكەندىن كىيىن فىزىكا دەرىسى بىردىغان مۇئەللىم دەرىسنىڭ داۋامىنى باشلىدى دەم ئېلىشقا زىل چېلىندى .
ئەزھەر سىنىپتىكى ساۋاقداشلار بىلەن بىردەك سالاملىشىپ چىقتى  
-ياخشى تۇردۇڭمۇ ؟
-ياخشى ئۈزەڭچۇ ؟
-ياخشى
دىيشىپ ئىككىمىزنىڭ قۇچاقلىشىپ كۈرۈشكىنىمىزنى كۆرگەن ساۋاقداشلار كۈلۈشۈپ كەتتى.ئەزەر ھازىرمۇ بۇرۇنقىدەك ئىسىل گەپدان تىتىك تۇراتتى .
بۇلۇپمۇ ئۇنىڭ تۇيۇقسىز قايتىپ كەلگىنى ماڭا نىسپەتەن زور خۇشال بولغۇدەك ئىش ئىدى ئاخىرى ئۇ قايتىپ كەلدى .
ئەمما دەرىستە بەك چەتنەپ كىتىپتۇ ئىككىمىز بىر بىرىمىزگە ۋەدە بىرىشكەن ئىدۇق .‹‹ دەرىسلەرنى ياخشى ئۈگۈنۈپ ئالىي مەكتەپتە ئۇقۇپ ئىمتاھاندىن ئۈتۈپ مۇئەللىم بۇلۇپ كىچىك شۇملارنى ئاغزىمىزغا قارتىپ قۇيۇپ دەرىس ئۈتىمىز››دەپ بىركۈنى ئەزھەر بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۋاتاتتۇق
تۇيۇقسىز ئىككىمىز بىرسى بىرسىمىزگە ۋەدە بىرىشكەندە سالغان ئاققاشتاش ئىسىمگە كىلىپ ئەزھەردىن سورىدىم .- ئاداش بىزۋەدە بىرىشكەندە سالغان قاشتاش قىنى ؟
ئەزھەر قاشتاش .. قاشتاش دەپ گەپ قىلالماي قالدى .
-ئىككىمىزنىڭ بىرىشكەن ۋەدىمىزنىڭ چېنى تۇرسا ئۇنىمىشقا قەدىرلىمەيسە سەن ۋەدەڭدە نىمىشقا تۇرمايسە دەرىستە خىلى چەتنەپ كىتىپسە بىز بۇرۇن قانداق ۋەدىلەرنى بىرىشكەن قۇيە سىنىڭ ئۇغۇللىقىڭنى
ئەزھەر ئورنىدا شۇپېتى قالدى .
مەن تېز قەدەملىرىم بىلەن سىنىپقا ماڭدىم
كىيىن قايتا سالام قىپمۇ ئولتارمىدىم كۈندە مەكتەپكە كەلدىم ئەمما ئەزھەر بىلەن كۈرۈشمىدىم ئالدىمغا نەچچە قىتىم يالغۇز ئۇچرىغان بولسىمۇ قارىماسقا سېلۋالدىم شۇتەرىقىدە 1 ئاي ئۆتتى .
بىركۈنى تىل ئەدەبىيات كىتاپتىن 16 دەرېس كىتاپ ۋە مەدەنىيتى دىگەن تىكىستنى ئۇقۇماقچى بۇلۇپ كىتاپنى ئاچتىم. كىتاپنىڭ قېتىدىن بىرپارچە خەتنى كۈرۈپ كىم سېپ قويغاندۇ دىگەن ئوي بىلەن خەتنى ئېچىپ ئۇقۇشقا باشلىدىم .
ئىليار مىنى كەچۈر بىلىمەن مەن ۋەدەمدە تۇرالمىدىم باشقا مەكتەپكە يۆتكىلىپ سەندىن ئايرىلىپ ئۈزۈمنى يالغۇز ھېس قىلدىم مىنى ئۇمەكتەپتە كىم تۇنۇيتتى . ئۇ مەكتەپتە ئۈزۈم يالغۇز باشقىلارنى تۇنۇيمايدىغان بولغاچقا ئارتۇقچە گەپ قىلىش مەن ئۈچۈن  سەل قىيىن ئىدى . ۋە دەرېستە ئارقىدا قېلىشىمغا دادامنىڭ قازاقىلىشى سەۋەپچى بولدى . سەنمۇ بىلىسەن دادام  بەك كىچىك ۋاقتىمدا  قازاقىلدى ئۇۋاقىتلاردا بەك كىچىك ھەم ئەقىلسىز بولسام كىرەك شۇنداق غەمسىز يۈرۈپتىكەن مەن ئەقلىمگە كىلىپ دادامنىڭ قازاقىلغىنى رەسمىي بىلگىنىمدە مەندە نە دەرىسكە قىززىقىش بولسۇن دەيسەن
. ئويناپ يۈرۈپ دەرىسلەرگە تۇلۇق قاتناشمىدىم ئۆيگە كىرسەملا دادامنىڭ رەسىمىنى كۈرىمەن چۈنكى دادامنىڭ بىرپارچە رەسىمى ياتاق ئۈيۈمنىڭ تامغا ئىسلىپ قۇيۇلغان دادامنى ئەسكە ئالساملا ئۈزۈممۇ تەسرۋىرلەپ بىرەلمىگۈدەك بۇلۇپ كىتىمەن بولدى بۇ توغۇرلۇق گەپ قىلمايچۇ مەن ساڭا قايتا ۋەدە بىرەي ئەگەر 1 ئايغىچە دەرېستە سەن بىلەن يىتىشەلمىسەم مىنى نىمدىگۈڭ كەلسە شۇنى دە ماڭا بىرقىتىم پۇرسەت بەرگىن بۇلامدۇ ماڭا كۈلۈپ قارا
خەتنى ئۇقۇپ بىرھازا تۇرغان يىرىمدە قېتىپلا قاپتىمەن
ئەزھەرگە جاۋاپ قايتۇرمىدىم بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا كۆرسەممۇ كۆرمەسكە سىلىپ سلىمىنىمۇ تۈزۈك ئىلىككە ئالماي يۈردۈم . ئارىدىن 15 كۈن ئۆتتى.
ئۇنىڭدا تېزلام ئۆزگىرىش بولدى .
بىركۈنى ماتىماتىكا كىتاۋىمنى بىر كۆرمەك بۇلۇپ كىتاپنى ئاچتىم كىتاپنىڭ قېتىدىن بىرپارچە خەت چىقتى خەتنى ئۇقۇدۇم خەتتە مۇنداق دىيىلگەن ئىدى <<ئەگەر مىنى كەچۈرگەن بولساڭ ماڭا بىر كۈلۈپ قويغىن>> دىيىلگەن ئىدى. شۇندىن كىيىن ئىككىمىز يەنە بۇرۇنقى بالىلىق چاغلىرىمىزدىكىدەك ئەتىسى ئەزھەر ماڭا جاۋاپ بەر دىگەندەك ئىپادىدە قارىدى . مەن ئۇنىڭغا قاراپ مېيىقىمدا كۈلۈپ قويدۇم
دەرىسلەرنى بىللە .ئۈگۈنۈپ بىللە تاپشۇرۇق ئىشلەپ ئۆيگە بىللە كىتىپ بىرگە دەرىس تەكرار قىلالايدىغان بولدۇق .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى 

GMT+8, 2016-8-12 09:37, Processed in 0.130120 second(s), 30 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش