ھەقىيقىي مۇئەللىم رۇزتوختى ئادىل (قاراقاش ناھىيە قاراساي بازارلىق 1-ئوتتۇرا مەكتەپ 9-يىللىق 7-سىنىپتىن) بىزنىڭ سىنىپتا كېرەم دەيدىغان بىر ساۋاقداش بۇلۇپ سىنىپتىكى ئۆگىنىشى ئىنتايىن ناچار ئىدى . ھەدىسىلا مەكتەپتىن قېچىپ ئويۇن–تاماشا بىلەنلا لاغايلاپ يۈرەتتى. كېرەمنڭ بۇ ئىشلىرىنى سىنىپ مۇدىرىمىز پەقەت ئوزگەرتەلمىگەن ئىدى . ئەمما بىرنەچچە كۈنگە قالماي سىنىپ مۇدىرىمىز ئالماشتى. يىڭى سىنىپ مۇدىرىمىزنىڭ سىنىپ تۈزۈمى ئىنتايىن چىڭ ئىدى. يىڭى سىنىپ مۇدىرىمىز بىزگە خەنزۇتىلى دەرسى بېرەتتى، دەرسنى ياخشى ئۈتۈپلا قالماي چۈشىنشلىك سۆزلەپ بىرەتتى. سىنىپ مۇدىرىمىز مەلۇم بىر كۈنى خەنزۇتىلى دەرىسىنىڭ تاپشۇرۇقنى تەكشۇردى. ھەممە ساۋاقداشلار تولۇق ئىشلەپ، كېرەم باشلىق تۆت ئاغىنىسى ئىشلىمىگەن ئىدى. بۇ ۋاقىتتا مۇئەللىمنىڭ چىرايىدىن شۇنداق بىر غەزەپلىنىش ئوتى چىقىپ تۇراتتى. مەن خىيالىمدا كېرەم ئەمدى تۈگەشتى دەپ ئويلىدىم. ظەمما سىنىپ مۇدىرىمىز ئۇنى تەنقىدلەش ئەمەس چىرايلىقچە چۈشەندۇرۇپ ئۇقۇشنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا سۆزلەپ كېرەمنى قايىل قىلدى. مەن سىنىپ مۇدىرىمىزنىڭ بۇ قىلغىنىدىن ھەيران قالدىم. سىنىپ مۇدىرىمىز بىر قېتىم ئۇقۇشنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشەندۇرشى بىلەن كېرەمدە زور ئوزگىرىش بولدى. تىز ئىلگىرلەپ دەرسلەردە بىزگە يىتىشىۋالدى. مۇئەللىمنىڭ بىزگە سىنىپ مۇدىرى بۇلۇشى بىلەنلا سىنىپىمىز ئىزچىل ياخشىلنىۋاتاتتى. شۇ ۋاقىتلاردا قىسمەن ساۋاقداشلار بىزنىڭ سىنىپتا ئۇقۇش ئىستىكىگە كەلدى. بۇ ئەھۋالدىن مەكتەپتىكى ئۇقۇتقۇچى ئۇقۇغۇچىلار بەك ھەيران قالدى. 2013 يىلى 7 ئايدا بىزنىڭ تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىن خوشلىشىپ باشقا مەكتەپلەرگە بارىدىغان ۋە تۇلۇق ئوتتۇرغا چىقىدىغان ۋاقىتلار كەلدى. سىنىپتىكى ھەممە ساۋاقداشلار ئۈزى خالايدىغان كەسىپلەرگە ئىمتاھان بىرىپ %78 بالا ئىمتىھاندا ئۆتكەن ئىدى. كەسىپ تاللاپ ئىمتاھان بىرىپ ئىمتاھاندىن ئۆتكەنلەردىن بىرنەچچەيلەن قەشقەرگە، يەنە بىرنەچچەيلەن كورلىغا، يەنە بىرنەچچەيلەن سانجىغا دېگەندەك تارىلىپ كەتتۇق. سىنىپ مۇدىرىمىز بىز ماڭىدىغان ۋاقىتتا: «ئۇكىلىرىم مىنىڭ ۋە سىلەرنى تەستە بىقىپ چوڭ قىلغان ئاتا-ئاناڭلارنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماڭلار» دېدى. ۋە ئوقۇغۇچىلار بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈۋالدى. ئاشۇ گەپلەر ھەرۋاقىت ئىسىمگە كەلگەندە كۆز ئالدىمغا سىنىپ مۇدىرىمىزنىڭ بىزگە ئېيتىپ بەرگەن ھىكايىلىرى، چۈشىنىشلىك دەرس ئۆتۈپ بىرىشلىرى، ئانام دادامنىڭ ئەتىگەندە «مەكتەپكە ماڭ، دەرسلەرنى ياخشى ئۈگەن» دەپ كۈندە ئۇنىمىساممۇ زورلۇق بىلەن يانجۇقۇمغا پۇل سىلپ قويغانلىرىنى ئىسىمگە ئالسام ئۆكسىپ-ئۆكسىپ يىغلاپ كېتىمەن. ھەرقانداق بىر ئىنسان بالىسى شۇنى بىلىشى كىرەككەنكى، مۇئەللىمىنى ۋە ئاتا-ئانىسنى قاقشاتماسلىقى، ۋاقتىنى قەدىرلىشى ۋە كىيىنلىكىنى ئويلىشىشى كىرەككەن. قاراقاش ناھىيە قاراساي بازارلىق 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مەكتەپ گېزىتى «قاراساي چىچەكلىرى» نىڭ 2014-يىلى 10- ئاينىڭ 22- كۈنى 20-سانىدىن ئېلىندى. |