- تىزىملاتقان
- 2014-12-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-14
- ھوقۇقى
- 30
- جۇغلانما
- 363
- نادىر
- 0
- يازما
- 68
 
- تۆھپە
- 126
- مۇنبەر پۇلى
- 207
- ئىشەنىچ
- 126
| بىرسى كەم بولسا بولمايدۇبۇ (فېليەتون) مەمتىمىن ئابلىز خانئېرىق خەلق سوتىنىڭ سوتچىسى ئەنۋەر سىرتتىكى توپلەي ئاۋازىنى ئاڭلاپ دېرىزىدىن دەرۋازىغا قاراپ «ئاپلا» دېگىنىچە بىر يىل بۇرۇن زەيتاپ كەنتىدە ئاچقان ھېلىقى قىزىقارلىق سەييارە سوتنى ئېسىگە ئالدى: -دەۋاگەر ئەرزىڭىزنى بايان قىلىڭ -ئېرىم ئىككىمىز ئىككى يىل مۇھەببەتلىشىپ توي قىلغان. «توي مۇھەببەتنىڭ قەبرىسى» دىگەن گەپ يالغان!. بىزنىڭ مۇھەببىتىمىز توي قىلىپ ئىككى يىلغىچە قىزغىن داۋاملاشقان، قىزىمىز مېھرىگۈل تۇغۇلغاندىن كېيىن سۇسلىشىشقا باشلىغان، ئەمدى قىزىمىز ئىككى ياشقا تولغاندا پىلىكى ئۈزۈك شامدەك ئۆچەي دەپ قالدى. بىز ئۈچۈن « بالا مۇھەببەتنىڭ قەبرىسى» بوپ قالدى. ھەر ھالدا بىز مۇھەببەتنىڭ قەبرىسىنى تويدىن بالىغا يۆتكەپ رىكورت يېڭىلىدۇق. بۇنىڭ ئۈچۈن مىدال ئاسمىدۇق. ئۇ ماڭا ئاشكارا «قىز تۇغدۇڭ» دېمىسىمۇ قىزىم بىلەن ئىككىمىزنى قىزغىن سۆيۈپ باقمىدى. خىزمەتنى بانا قىلىپ سىرتلاردا قونۇپ تاڭ ئاتقىچە بولسىمۇ ئۆيگە قايتمىدى. بارغان يېرىدە خىزمەت قىلسىمۇ قونغان يېرىدە خىزمەت قىلىشىغا ئىشەنمەيمەن. ئىشەنمەيمەن دېسەم ئاغزىمغا مۇش يەيمەن. راستىمنى ئېيتسام ئايرىلىشقا چىدىمايمەن. ماڭا ئاسىيىلىق قىلماي ئاشۇ كېچە مىنىڭ يېنىمدا ياتسا مۇھەببىتىمىز تىرىلىپمۇ قالاتتى. ئىككىنجى بالىمىز ئوغۇل تۇغۇلۇپمۇ قالاتتى. كىم بىلەن نەدە قانداق قونغانلىقىنى سۈرۈشتۈرسەم سەۋەپ تېپىپ ئۈلگۈرتەلمەي ئىككى قېتىم ئاغزىمغا ئۇرۇپ مۇتىۋالدى. ئىككى قېتىم يامانلاپ كەتسەم ھەر ئىككى قېتىم ئېپكىتىمەن دەپ ئانامنىڭ بۇسۇغىسىغا بېرىۋالدى. بىرىنجى قېتىم ئىچىم ئاغرىپ قايتىپ كەتتىم. ئەمدى ئىككىنجى قايتمايمەن. قۇرسۇقۇمدا بالا يوق، قۇتاندا كالا يوق. ئەرزىم بار، قەرزىم يوق. ئالدىمىزدا بىر بالا بار،كۆڭلۈمدە لىق يارا بار. دەۋا تەلىۋىم نىكەھدىن ئاجرىشىش. شەرتىم قىزىمنى ئۆزەم بېقىش. ئەرزىم تۈگىدى. -جاۋاپكار دەۋاگەرنىڭ ئەرزىگە جاۋاپ بېرىڭ - ئايالىمنىڭ شىكايىتىدە راست بىلەن يالغان ئارلىشىپ كىتىپتۇ. ئۇنىڭ ئىچى بۇرۇنقىدىن تارلىشىپ كىتىپتۇ. نىمە ئۈچۈن دەپ كولىمايمەن. مىنى پاتقۇزمىسا زورلىمايمەن. مەن ئۇنى بۇنداق ئەرز قىلار دەپ ئويلاپ باقمىغان. مەن ھازىرغىچە ئۇنىڭ تەلىۋىنى رەت قىلىپ باقمىغان. ئۇ ئۆينىڭ ساقچىسى بولسا مەن يېزىدا ئورگان ساقچىسى. ئىسراپچىلىق ئەمەسمۇ!؟ جەمئىيەتتە نەچچە يۈز ئائىلىگە بىر ساقچى توغرا كېلىۋاتسا بىز بىر ئائىلىدە ئىككى ساقچى بوپ قالدۇق. ساقچى كۈچى شۇنداق مول ، ھەر ئىككىمىزدە شەك يوق. ئەمما قۇلۇپلار مۇستەھكەم، دېلو يوق!. مۈشۈكمۇ چاشقان تاپالمىسا ئۆزىنىڭ قۇيرىقىنى قوغلاپ تۇتارمۈش. ئۆيىمىزدە ئىتتىك ئېغىز، چاققان قوللار دوقۇرۇشۇپ قېلىپ ئۆي ساقچىسى بۇنىڭدىن نىكاھ دېلوسىنى تەييار قىپتۇ. ساقچى كۈچىنى تەڭشەش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئاجرىشىش تەلىۋىگە قوشۇلىمەن. ئەمما بالىنى بېقىش شەرتىگە قەتئىي قوشۇلمايمەن!. مەنمۇ ئۇنىڭغا تەلەپ قويغاندا شەرت قويمىغان!. لىكىن سوتقا شۇنداق شەرتىم باركى ئايالىم تەنھالىقنى تەشەببۇس قىلغان ئىكەن ئۇنى مۇرادىغا يەتكۈزۈپ قىزىمىز مېھرىگۈلنى ماڭا بۇيرۇپ بېرىشىىڭلار شەرت! جاۋابىم تۈگىدى. - ئاڭلاپ تۇرۇڭلار! سوتىمىز تەرەپلەرنىڭ بىرلىككە كەلگەن ئاجرىشىش پىكىرىنى قوللايدۇ ئەمما ھۆكۈم قىلمايدۇ! بالىنى بېقىش شەرتىنى ئورۇنلۇق دەپ قارايدۇ، ئەمما قاندۇرالمايدۇ!. بىللە ئۆتكەن تارىخىڭلاردا «ئىككىمىز»،«ئىككى يىل»،« ئىككى قېتىم»... دېگەندەك پاكىت خاراكتىرلىق «ئىككى»لەر كۆپكەن. لىكىن ئىككى يەردە بىردىن كەملىك باركەن. شەرتىڭلارنى قاندۇرۇپ ئادىل ھۆكۈم قىلىشىمىز ئۈچۈن سىلەرمۇ تۆۋەندىكى ئىككى پاكىتنى تۇلۇقلاپ كىلىشىڭلار شەرت! 1.دەۋاگەر ئىككى قېتىم يامانلاپ كېتىپ، جاۋاپكار ئىككى قېتىم ئەپۇ سوراپ بارسىمۇ دەۋاگەر بىر قېتىم قايتىپ بېرىپ ئىككىنجى قېتىم قايتىپ بارماپتۇ. ھازىرلا قايتىپ بېرىپ تۇلۇقلاش شەرت! بىرسى كەم بولسا بولمايدۇ! 2.ئىككىڭلارنىڭ ئىككى شەرتى بىر بالىغا مەركەزلىشىپ قالدى. قوللاشقا قۇلاي،تەخسىملەشكە ئوڭاي بولۇش ئۈچۈن بالىمۇ ئىككى بولۇش شەرت! ئاكتىپ ماسلىشىپ بالىنى تۇلۇقلاپ كىلىڭلار. بىرسى كەم بولسا بولمايدۇ. باشقا گەپ بولمىسا سوت يېپىلىدۇ! -سوتچى جاناپلىرى مىنىڭ پىكىرىم بار-دىدى دەۋاگەر- بىرسى كەم بولسا بولمايدۇ دەپلا ئۈچ ئادەمنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان دېلونى چالا تاشلاپ قويسىڭىز بولماس.« بىرسى كەم بولسا بولمايدۇ» دېگەن تېلىۋىزىيە فىلىمىنى كۆپ كۆرگەن، ئەمما بۇنداق دەيدىغان سوتنى ئاڭلىماپتۇقيا بىز. يىتىم بالىنى كۆپەيتىپ دارىلتام -ئاڭلاپ تۇرۇڭ! ئۇ فىلىمدە سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىدىن «بىرسى كەم بولسا بولمايدۇ» دېگەن ئىدىيە ئالغا سۈرۈلگەن. بىزنىڭ سوتىمىز ئۇ فىلىمنى يىتەكچى قىلمىسىمۇ ئۆز مەۋقەسىدە تۇرۇپ كەلگۈسىدە جەمئىيەتتە،ئائىلىدە، مەكتەپتە قانۇنلۇق ياشايدىغان، ئۇقۇيدىغان بىر بالىنىڭ كەم بوپ قالماسلىقىنى،بالا خاسىيىتىدە بىر ئائىلە بولسىمۇ پارچىلانماي پۈتۈن قېلىشنى مەخسەت قىلغان. -ماۋۇ گەپنىڭ كاتتىلىقىنى- دېدى جاۋاپكار ئەزۋەيلەپ- مائارىپنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشىدا شەك يوق. سىز قولىڭىزدا قانۇن تۇرۇپ بىزگە يا ئاجراشتىڭلار، يا ئۆي تۇتتىڭلار دەپ كەسكىن ھۆكۈم چىقارماي كەينىگە سۆرەپ يەنە كەلگۈسى توغرۇلۇق ئۇلۇغۋار گەپلەر بىلەن بىزنى قوغلاپ،دېلونى پوملاپ باسۇرۇپ قويسىڭىز قانۇننىڭ كەسكىنلىكى نەدە قالىدۇ؟. -ئالدىرىماڭ، قانۇن جەمئىيەتكە، خەلققە زىيان سالغان جىنايەتچىلەرنى تىز كەسكىن جازالاپ، خاتىرجەم ئىناق جەمئىيەتنى كۆزلەيدۇ ھەم قوغدايدۇ. سىلەردەك بالىسىنى يىتىم قىلىپ ئائىلىسىنى پارچىلايدىغانلارنىڭ دېلوسىنى كەپ بولغىچە ئالدىراپ ئىككى پارچە قىلىپ كەسمەيدۇ. ئاۋۋال، يۇقارقىدەك نازۇك مۇھىم شەرتلەرنى قۇيۇپ، يېقىنلاشتۇرۇپ ئەپلەيدۇ. يەنىلا ئەپلىشەلمەي كېلىپ قالسىڭىز يا كېلىشتۈرۈپ يا ئېچىشتۇرۇپ كەسلەيدۇ. بولدى، سوتىمىز بۇنداق مۇنازىرىنى چەكلەيدۇ! قايتىپ ئورتاق قىزغىن كەيپىياتتا شەرتنى ئۇرۇنلىشىڭلارنى تىلەيمىز. -قاچانغىچە ئۇرۇنداپ كەلسەك بولىدۇ؟-سورىدى دەۋاگەر. -سۇرۈك چەكسىز، ئېنىق ۋاقتى يوق. خالىساق سۈرۈشتۈرىمىز، خالىمىساق يوق. -جۈرە خوتۇن،بىزمۇ ئالدىرىمايمىز. شەرتنى ئورۇندىۋالساق قايتا كەلمەيمىز . -كەلمەيدىغان ئىش يوق،كۈچۈم يەتمىسە تىراكتۇرغا سۆرىتىپ ئېپكىلىمەن. ئەنۋەر سوتچى ئېسىنى يىغىپ بولغىچە توپلەي ئاۋازى ئىشخانىغا كىرىپ توختىدى.ئۇ سالامنى سۇئال بىلەن قايتتۇردى. -كېلىڭ، شەرتنى ئۇرۇنداپ كەلدىم دېمەيدىغانسىز؟ -ئۇرۇنداپ كەلدىم دېسەم بالىنى تەخسىملەپ بېرەي دېمەسسىز؟ -«بالا مۇھەببەتنىڭ قەبرىسى» دەپ كەلمىسىڭىزلا - ياق. بالا مۇھەببەتنىڭ نىجات يۇلتۇزى. مۇھەببەتنىڭ مەڭگۇ قەبرىسى يوق. بىز ئۆلسەك بالىلىرىمىزغا مىراس قالىدۇ. ئۇ ئىنسان ھاياتلىقىنىڭ يىلتىزى. شەرتىڭىزگە بىنائەن ئوغلىمىز تۇغۇلۇپ يۇلتۇزىمىز قوشماق، يىلتىزىمىز تۇتاش بوپكەتتى. سوتلاش ماھارىتىڭىز قالتىسكەن. ئەمدى بىزنى قانۇن، سوتچى، ساقچى دېگەنلەر ئايرىۋېتەلمەيدۇ. -تىرىڭىزگە سىغماي قاپسىز. ماڭا مۇشۇ گەپلەر بىلەن دوق قىلغىلى كەلدىڭىزمۇ؟ ئوغلىڭىزنىڭ تەۋەللۇتىنى تەبرىكلەيمەن. قايتىڭ، خوش! -ياق،ئالدىرىماڭ. مۇھىم بىر ئۆتۈنۈشۈم بار. ئىنىم مۇشۇ سوتقا ئاجرىشىش ئۈچۈن ئەرز بىرىپتىكەن... -ئۇنى سىز بىر تەرەپ قىلىپ قويۇڭ دېمەكچىمۇ؟ ئالۋەتتە شۇنداق قىلىمەن-دە -ياق ئۇنداق ئەمەس، ئۇنىڭ دېلوسى سىزنىڭ قولىڭىزغا چۈشۈپ قالمىسا بۇلاتتى - نىمىشقا؟ ئۇلار ئاجرىشىپ كەتسە خۇش بۇلامسىز؟ -ياق، چاتاق يېرى ئۇلارنىڭ ئىككى بالىسى تولۇق. ئايالى ئىككى قېتىم يامانلاپ كېتىپ قايتىپ كەلگەن. بىرسىمۇ كەم ئەمەس! (ئاپتۇر قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىدىن) |
|