تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 551|ئىنكاس: 4

ماي بوياق ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

320

تېما

6

ئەگەشكۈچى

3353

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

真实姓名
ئازادجان ئىبراھىم
تۆھپە
494
مۇنبەر پۇلى
1905
ئىشەنىچ
494
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-3 11:04:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۈنەس ناھىيەسى 2014-يىللىق ‹‹يۇرتقا مۇھەببەت››ماي بوياق ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى

2014-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى كۈنەس ناھىيەلىك تەشۋىقات بۆلۈمى، ئىلى ئوبلاستلىق رەسساملار جەمئىيىتى ، كۈنەس ناھىيەلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلىشمىسى، كۈنەس بازارلىق پارتكوم، كۈنەس ناھىيەسى كۈنەس بازىرى ، توقاي كەنىت(مەھەللە)گە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسى بىرلىكتە  رەڭدارلىققا تولغان ماي بوياق رەسىمى ئارقىلىق ،گۈزەل كۈنەسنى نامايەن قىلىپ،بۇ مۇنبەت تۇپۇراققا بولغان چوڭقۇر ھېسسياتلىرىنى  ئىپادىلەپ،  كۈنەس ناھىيەلىك 4-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ كۆرگۈزمە زالىدا كۈنەس ناھىيەسى 2014-يىللىق ‹‹يۇرتقا مۇھەببەت››ماي بوياق ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى.  بۇقېتىمقى ماي بوياق ئەسەرلەر كۆرگەزمىسىگە ئىلى ئوبلاستىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن رەسساملارنىڭ 32پارچە ئەسىرى بىلەن كۈنەس ناھىيەسىدىكى رەسساملارنىڭ 28پارچە ئەسەرنى ئىلى ئوبلاستلىق مەدەنىيەت مەركىزىدىن كۈنەس بازىرى توقاي كەنىت (مەھەللە)كە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى رەسسام شاۋكەت كەنىتتە تۇرغان ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ،كۈنەس مەنزىرىسى بىلەن تۇرمۇشنى  زىچ بىرلەشتۈرگەن ئەسەرلەرنى توپلاپ ،جەمىئىي 60پارچە ئەسەردىن 50پارچە ماي بوياق ئەسەرنى تاللاپ چىقىپ، كۆرگەزمىگە قاتناشتۇرغان.
بۇ كۆرگەزمە كۈنەس ناھىيەسىدە تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزىلىشى بولۇپ، ئىلى ئوبلاستى ۋە كۈنەس ناھىيەسىدىكى ھەرمىللەت رەسساملىرىنىڭ بەلگۈلۈك تەسىر كۈچكە ئىگە  ئەسەرلىرى قاتناشتۇرۇلغان بولۇپ، كۆرگۈزمە كۈنەس  ناھىيەسىنىڭ ،مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى  بېيىتىپ،كەڭ خەلىق ئاممىسىنىڭ،ماي بوياق ئەسەرلىرىدىن ھوزۇرلىنىش سەۋيىسىنى يۇقىرىلىتىپ،كۈنەس ناھىيەسىدىكى گۈزەل-سەنئەت بايلىق مەنبەسىنى قېزىپ چىقىپ ،رەسساملارنىڭ ئىلھامىنى ئۇرغۇتۇپ،ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ  گۈزەل-سەنئەت ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى ئۆستۈرۈپ،كۈنەس ناھىيەسىنىڭ سەنئەت ساھاسى تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى ئاساس تىكلەشنى ئاساسى مەقسەت قىلغان.
ئىلى ئوبلاستلىق مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى نۇرتاي ،ئىلى ئوبلاستلىق رەسساملار جەمىئىيىتىنىڭ ۋەكىللىرى ، كۈنەس ناھىيەلىك ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەھبەرلىرى ،كۈنەس ناھىيەسى كۈنەس بازىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى ،كۈنەس بازىرى توقاي كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى كادىرلار ،ھەرقايسى ئىدارە ئوگانلاردىن كەلگەن كادىرلار،  شەھەرئاھالىلىرى،ۋەكۈنەس ناھىيەلىك 4-ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى ،ئوقۇغۇچىلار دىن بولۇپ جەمىئىي 600دىن ئارتۇق كىشى  بۇ قېتىمقى كۆرگۈزمىنى كۆردى.
خەۋەرنى يازغان :ئازادجان ئىبراھىم

14

تېما

9

ئەگەشكۈچى

3980

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

ئالتۇن ئەزا

Rank: 8Rank: 8

真实姓名
تۇرغان ئۆمەر
تۆھپە
1438
مۇنبەر پۇلى
2027
ئىشەنىچ
1438
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-3 21:58:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھمىيەتلىك كۆرگەزمە ئىكەندۇق،،ماي بوياق ئاسەرلىرىدىن بىر نەچچە پارچىنى سۈرەتكە تارتىپ قوشۇپ ئەۋەتىۋەتكەن بولسىڭىزچۇ؟
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2015-4-27 06:39, Processed in 0.104302 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش