تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 725|ئىنكاس: 6

4-ئومۇم يىغىن روھى ئۆگۈنۈش قىلدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

13

تېما

0

ئەگەشكۈچى

870

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

تۆھپە
189
مۇنبەر پۇلى
590
ئىشەنىچ
189
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-21 10:33:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋات ناھىيەسىدە ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزى كومتېت 4-ئومۇم يىغىننىڭ روھىنى ئۆگۈنۈش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش پائالىيتى يوقۇرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلدى
   بۇ يىل 10-ئاينىڭ 23-كۈنى ئۇلۇغ تارىخى ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان، ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزى كومتېت 4-ئومۇم يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن،  ئاۋات ناھىيەسىنىڭ ھەر قايسى ئىدارە-جەمئىيەت، زاۋۇت-كارخانا، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ، يېزا (بازار)، مەيدان، كەنت، مەھەلىلىرىدىكى ھەر مىللەت پارتىيەلىك رەھبىرى كادىرلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋە دېھقان-چارۋىچىلار ئارىسىدا تور، رادىئو-تېلۋىزىيە ۋە ھەر دەرىجىلىك پارتىيە گېزىت-ژورناللىرىدىن پايدىلنىپ يىغىن روھىنى ئۆگۈنۈش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە  يوقۇرى دولقۇن كۆتۈرۈلدى.
   4-ئومۇم يىغىن ئاخىرلىششى بىلەنلا ناھىيەلىك پارتكوم، خەلق ھۆكىمىتى دەرھال ھەركەتكە كېلىپ، ئاۋال ناھىيە دەرىجىلىك، ئاندىن مۇئاۋىن بۆلۈم دەرىجىلىكتىن يوقىرى پارتىيەلىك رەھبىرى كادىرلار قاتناشقان مەخسۇس يىغىن ئېچىپ، ئۇلارغا يىغىن روھىنى يەتكۈزۈش بىلەن بىرگە، يىغىن روھىنى ئەستايىدىل ئۆگۈنۈپ ئۆز تارمىقى ۋە سېستىمىسىدىكى كادىرلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەر، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىغا كەڭ كۆلەمدە ئەتىراپلىق ھەم چوڭقۇر تەشۋىق قىلىپ، ئۆگۈنۈش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش پائالىيتىنى ئۆز ئورنىنىڭ يېقىنقى بىر مەزگىللىك موھىم خىزمەتلىرى كۈن تەرتىپىگە كۈرگۈزۈپ چىڭ توتۇشنى تەلەپ قىلدى. ئارقىدىن ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، بىرلىكسەپ بۆلۈمى، مىللەت-دىن ئىشلىرى كومتېتى، ئاياللار بىرلەشمىسى قاتارلىق ئورۇنلارغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ناھىيەگە قاراشلىق 12 يېزا (بازار)، مەيدان، 120 دىن ئارتۇق كەنت مەھەلىگە تەشۋىقات ئەتىرتى ئەۋەتىپ، شۇ جايدىكى كادىرلار ۋە ئاممىغا 4-ئومۇم يىغىننىڭ روھى ۋە  ج ك پ مەركىزى كومتېتىنىڭ «دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىدارە قىلىشقا دائىر بىر قانچە زور مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى» نى چوڭقۇر تەشۋىق قىلىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنى يىغىن روھىدىن تولۇق خەۋەردار قىلدى. رادىئو-تېلۋىزىيەدە تەشۋىق قىلىش بىلەن بىرگە ساييارە تەشۋىقات ماشىنىسى ئاجىرتىپ، ھەر قايسى يېزا (بازار)لارنىڭ بازار كۈنىدىن پايدىلنىپ، ئادەم كۆپ توپلاشقان ئاممىۋى سورۇنلاردا تەشۋىقات ئېلىپ باردى، يەنە يىغىن روھىدىن مەخسۇس لېكسىيە سۆزلەش، زېھىن سىناش مۇسابىقىسى ئويۇشتۇرۇش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق ئاممىنىڭ يىغىن روھىنى ئۆگۈنۈش قىزغىنلىقىنى ئاشۇردى. بۇ ناھىيە ئاۋات بازىرى غالىبىيەت مەھەلە رايۇنىنىڭ كادىرى ئارزىگۈل قادىر مۇخپىرغا مۇنداق دېدى:«مەن گېزىتتىن 4-ئومۇم يىغىننىڭ ئاخباراتى ۋە قارارلىرىنى كۆرۈپ ئىنتايىن ھاياجانلاندىم، يېغىندا ئوتتۇرغا قويۇلغان دوكىلاتتا دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشدېگەن بىر جۈملە سۆز نۇرغۇن جايلاردا تېلغا ئېلىنىپتۇ، مەن بۇنىڭدىن پارتىيەمىزنىڭ دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە تۈزەش ئىرادىسىگە كەلگەنلىكىنى ئېنىق ھىس قىلدىم، ھەم بەكمۇ سۆيۈندۈم». نۆۋەتتە بۇ ناھىيەنىڭ شەھەر، يېزا-قىشلاقلىرىدا 4-ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگۈنۈش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش خىزمىتى كۈنسېرى چىڭ تۇتۇلماقتا.

  ئاۋات ناھىيە ئاۋات بازىرى ئازات جەنۇبىي يولى 4-كوچا 45-نومۇر:   
                                                نۇرمۇھەممەت توخنىياز
ئاۋات ناھىيەلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپتىن:            تۇرغۇن مىجىت
ئاۋات ناھىيە ئاۋات بازىرى غالىبىيەت مەھەلە رايۇنىدىن : گۈلزار دۆلەت

189

تېما

9

ئەگەشكۈچى

6208

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
3120
مۇنبەر پۇلى
2514
ئىشەنىچ
3120
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-22 15:17:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ھازىر ھەممە يەردە ئۆگۈنىش دۇلقۇنى قۇزغالدى.......

5

تېما

16

ئەگەشكۈچى

3699

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

真实姓名
ئەركمان
تۆھپە
1180
مۇنبەر پۇلى
2349
ئىشەنىچ
1180
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-23 22:57:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋزۇ قىزىق قويۇلۇپتۇ-ھە، 4-ئومۇمىي يىغىن روھى باشقا نەرسە ئۆگەنگەندەك ئۇقۇم بەردى ماڭا

5

تېما

16

ئەگەشكۈچى

3699

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

真实姓名
ئەركمان
تۆھپە
1180
مۇنبەر پۇلى
2349
ئىشەنىچ
1180
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-23 22:58:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانا تىلىم ‹ئىملا› سىنىڭ بۇزۇلغىنىغا يىغلايدۇ ...
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2015-4-27 06:36, Processed in 0.112438 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش