تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 452|ئىنكاس: 2

شاياردا زامانىۋىي مەدەنىيەت پائالىيىتى جانلاندى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

27

تېما

5

ئەگەشكۈچى

1079

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
190
مۇنبەر پۇلى
735
ئىشەنىچ
190
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-14 11:27:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شايار ناھىيەسىدە «13- قېتىملىق 100 كۈنلۈك يېزا-كەنت مەدەنىيەت – تەنتەربىيە مۇسابىقە پائالىيىتى »ۋە بۇ يىل قىش، كېلەر يىل ئەتىيازلىق زامانىۋى مەدەنىيەتنى ئاساسى قاتلامغا يەتكۈزۈش ئۇيۇن قۇيۇش پائالىيىتى باشلاندى

       11 - ئاينىڭ 10- كۈنى شايار ناھىيەسىنىڭ « 13- قېتىملىق 100 كۈنلۈك يېزا-كەنت مەدەنىيەت – تەنتەربىيە مۇسابىقە پائالىيىتى»ۋە  بۇ يىل قىش، كېلەر يىل ئەتىيازلىق زامانىۋى مەدەنىيەتنى ئاساسى قاتلامغا يەتكۈزۈش ئۇيۇن قۇيۇش پائالىيىتىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى گۈلباغ بازىرىدا ئۆتكۈزۈلدى . بۇ، شايار ناھىيەسىدە يۇقارقى مەدەنىيەت-تەنتەربىيەدە ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. باشلىنىش مۇراسىمىدا 100كۈنلۈك مەدەنىيەت –تەنتەربىيە ،ئويۇن قويۇش پائالىيىتىنىڭ تەلىپى، قەدەم باسقۇچلىرى كونكىرىت ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
     بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى قانات يايدۇرىشتىكى ئاساسلىق مەقسەت، زامانىۋىي مەدەنىيەتنىڭ ئىجابىي كۈچى ئارقىلىق ، تەشۋىقاتنى زور كۈچ بىلەن ئېلىپ بېرىپ ،خەلق ئاممىسىنى تەربىيەلەپ،دىننىي ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قەتئى زەربە بىرىش ھەم دېھقان-چارۋۇچىلارنىڭ ئىشتى سىرىتقى مەنىۋىي تۇرمۇشىنى بېيىتىشتىن ئىبارەت.
ئۇيۇن قۇيۇش پائالىيىتىدە ناھىيەلىك سەنئەت ئۆمىكى ۋە دېھقان سەنئەتچىلەر نومۇر كۆرسەتتى.پائالىيەت كوللىكتىپ ئۇسۇل << شاتلىق >> ئىچىدە باشلاندى . ئەل ئىچى سەنئەتكارلىرىنىڭ ئورۇنلىشىدىكى مۇقام، ئەلنەغمە نومۇرلىرى مەيدان كەيپىياتىنى تېخمۇ قىزىتىۋەتتى. نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلار مۇقام مىلودىيەسىگە ئەگىشىپ ، بەس – بەس بىلەن ئۇسسۇلغا چۈشتى . << جەلىپكار شايار >> ناملىق ئۇسۇللۇق ناخشىدا ھازىرقى زامان دېھقانلىرىنىڭ زامانىۋى مەدەنىيەتكە ئىنتىلىدىغان غايىسى ئەكىس ئەتتۈرۈپلا قالماي ، ئۇسۇلدىكى نەپىس، تېتىك ۋە شوخ ھەركەت،ھېسىياتلار ئاممىغا زوق ئاتا قىلدى. ئەل ئىچى سەنئەتكارلىرى ئۆزلىرى تەييارلىغان ئىتوت << ئىمتىھان >> ،كىچىك دىرامما << ئىتپاقلىق ئۇرۇقىنى چاچايلى >> ناملىق نۇمۇرلاردا دېھقانلارنىڭ نوقتىنەزىرى ئارقىلىق ھەرمىللەت ئاممىسىنىڭ دىنى ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇپ ، مىللەتلەر ئىتپاقلىقىنى قوغداپ ، تۇرمۇشنى قىزغىن سۈيۈشتەك گۈزەل ئارزۇلىرى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن .
گۈلباغ بازىرى قۇلماقگۈل مەھەللە ئاھالىسى ياڭ فامىڭ مۇنداق دىدى : ئۆيدە قىلىدىغان ئىش يوق قارت ئويناپ ، تاماشا قىلىپ يۈرەتتۇق . بۈگۈن بۇ يەرگە كىلىپ ئۇيۇن كۈرۈپ ئىنتايىن خوشال بولدۇق . بۇنىڭدىن كىيىن مۇشۇنداق ئۇيۇنلارنىڭ دائم قۇيۇلۇپ تۇرۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن .
    قىزىقارلىق سەنئەت نۇمۇرلىرىدىن كىيىن يەنە خوراز سۇقۇشتۇرۇش ، چېلىشش،ئارقان تارتىشىش  قاتارلىق مەدەنىيەت – تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى قانات يايدۇرۇلدى . نەق مەيداندىكى ئامما بۇ پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتناشتى ۋە ھوزۇر ئېلىپ،ئالقىش ياڭراتتى. پائالىيەت مەيدانى ئىتپاقلىق - ئىناقلىق كەيپىياتىغا تولدى .
ھەرقايسى يېزا – بازار – مەيدانلارنىڭ مەدەنىيەت خىزمىتىگە مەسئۇل رەھبەرلىرى ۋە ناھىيەگە بىۋاستە قاراشلى ئورگان – ئورۇنلارنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى ،گۈلباغ بازىرىدىكى دېھقانلار بولۇپ،مىڭغا يېقىن كىشى قاتناشتى . نۆۋەتتە ناھىيە تەۋەسىدىكى يېزا-بازار(مەيدان)،كەنتلەر بۇ خىل مەدەنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى بەس-بەستە قانات يايدۇرىۋەتتى.
سۆرەتتە: پائالىيەتتىن  كۆرۈنۈشلەر.



بۇ يازمىدا كۆپ مەنبەرلەر بار

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟تىزىملىتىش

1

تېما

3

ئەگەشكۈچى

988

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

تۆھپە
262
مۇنبەر پۇلى
628
ئىشەنىچ
262
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-17 12:29:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پائالىيەتنى ناھايتى ئەھمىيەتلىك باشلىۋېلىپسىلە ئەمەسمۇ سۈرەتلەرنى ياخشى تارتىپسىز

0

تېما

5

ئەگەشكۈچى

3777

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
981
مۇنبەر پۇلى
2715
ئىشەنىچ
981
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-17 15:44:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چېلىشىش--يىگىتلىرىمىزنىڭ بىلىكىنى تاۋلايدۇ. ئۇسسۇلنى قىزلار ئوينىسۇن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2015-4-26 21:26, Processed in 0.109046 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش