- تىزىملاتقان
- 2014-10-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-26
- ھوقۇقى
- 70
- جۇغلانما
- 1586
- نادىر
- 0
- يازما
- 380
 
- 真实姓名
- مەخەت ئابدۇرىھىم
- تۆھپە
- 759
- مۇنبەر پۇلى
- 796
- ئىشەنىچ
- 759
| ئەقىللىق تۈلكە
مەخەت ئابدۇرېھىم:
ئىنسانلار ئارىسىغا تارقالغان ئەپسانە-راۋايەتلەردە، ھىكايە-چۆچەكلەردە،مەسەل ۋە لەتىپىلەردە تۈلكە بىلەن بۆرىنىڭ ئوبرازىنى ئادەملەرگە سىمۋول قىلىپ ئىپادىلەش ئارقىلىق ئەقىللىق ئادەملەر بىلەن ئەقىلسىز ئادەملەرنىڭ خارەكتىر-خۇسۇسىيەتلىرى ئېچىپ بىرىلگەن. بۆرە جىسمانى جەھەتتە تۈلكىدىن چوڭ ھەم كۈچلۈك بولغاچقا ھەرقانداق ئەھۋالدا تۈلكىنى بوزەك قىلىشنى ئويلايدىكەن،تۈلكىمۇ بوش كەلمەيدىكەن.چۈنكى،تۈلكە؛ھەم ئەقىللىق ھەم سەزگۈر ھەم ھىلىگەر ئىكەن. مەسىلەن؛بىر كۈنى تۈلكە ئەتتىگەنلىك ناشتا قىلىش ئۈچۇن ئورمانلىققا ئوۋ ئوۋلىغىنى كىتىۋاتسا يول ئۈستىدە بىر پارچە قوينىڭ قۇيرۇق يېغى ئۇچراپتۇ.تۈلكە ئۇ ياغنى يىيىشتىن بۇرۇن ياغنىڭ تۇرۇش ئەھۋالىنى تەھلىل قىپتۇ. <<ئەگەر بۇ ياغ قاسساپنىڭ ھارۋۇسىدىن چۈشۇپ قالدى دىسەك،ئۇنداقتا نىمە ئۈچۈن يولنىڭ ئوتتۇرسىغا چۈشمەي،سەل چەتكىرەك چۈشۈپ قالىدۇ.ياكى بىرەرسى ئۇ ياغنى ئەتە يىيىش ئۈچۈن قالدۇرۇپ قويغان بولسا، نىمە ئۈچۈن يول ياقىسىدىن يىراقتىراق ،باشقىلار كۆرمەيدىغان جايدا قويمىغاندۇ؟بۇنى ئەستايدىل تەكشۈرۈپ بېقىشىم كىرەك>> دەپ تۇرىشىغا،يول ياقىسىدىكى ئورمانلىقتىن بىر بۆرە تىلىنى ساڭگىلىتىپ كەلگەن پىتى تۈلكىدىن سوراپتۇ. - تۇرۇپقاپسىزغۇ تۈلكىجان؟ - ئەتتىگەنلىك ناشتا قىلاي دەپ كىتىۋاتقان ئىدىم بۆرىجان،بۇ جايدا بىر پارچە قۇيرۇق ياغ تۇرۇدىكەن ئۇنى يەي دەپ تۇرۇشۇمغا سىز كەپ قالدىڭىز،سىز چوڭ بولغاچقا سىزنى ئالدى بىلەن بۇ ياغنى يەپ ناشتا قىلىۋالسا،ئاندىن مەن ناشتا قىلاي دەپ تۇرۇپ قالدىم بۆرىجان،-دەپ بۆرىنى تاش ئۈستىدىكى ياغنى يىيىشكە تەكلىپ قىپتۇ.بۆرە ياغنى شۇنداق چىشلىشىگە قاس قىلىپ قاپقان ئېتىلىپ بۆرىنىڭ بوينىدىن ئاپتۇ.شۇ چاغدا تۈلكە بۆرىگە قاراپ مۇنداق دەپتۇ،-ھەي بۆرىجان، تۈلكە ئاكاڭ بەش كۈن بولدى قىلمىغان ئىدى ناشتا،بىر بالاسى بولمىسا قۇيرۇق تۇرامتى تاشتا، -دىگىنىچە تۈلكە ئۆز يولىغا كىتىپ قاپتۇ. يەنە بىر مىسال؛قاغا ھەر كۈنلىكى دىگىدەك باللىرىنىڭ ناشتىلىقى ئۈچۈن گوش تېپىپ كىلىپ،ئۇدۇل ئۆيگە كىرىپ كەتمەي،ئىشىك ئالدىدىكى تىرەككە قونۇپ ئولتۇرۇپ ئۇيان-بۇيانغا قاراپ،باللىرى ئۈچۈن ئېلىپ كەلگەن گوشنى كۆز-كۆز قىلىدىكەن.بۇنى كۆرگەن تۈلكە قاغىغا مۇنداق دەپتۇ؛-ھەي قاغىجان!سىنى كىشىلەر بەك يېقىملىق ناخشا ئېيتىدۇ دىيشىدىكەن ماڭا بىر ناخشا ئېيتىپ بەرگەن بولساڭ دەپتىكەن،قاغا ناخشا ئېيتاي دەپ قاق دىيشىگلا قاغىنىڭ ئاغزىدىكى گوش پوككىدىلا تۈلكىنىڭ ئاغزىغا چۈشۈپتۇ. يەنە بىر مىسال،شىر پادىشاھ ئۆز تەۋەلىكىدىكى بارلىق مەخلۇقلارنى بىردىن-بىردىن ئوردىغا كىلىشكە بۇيرۇق قىلىپ مەخپى يىيىشكە باشلاپتۇ، تۈلكە بۇ مەخپىيەتلىكنى سىزىپ قېلىپ ئوردىغا كىرمەي دەرۋازا ئالدىدا تۇرۇپتۇ،بۇنى كۆرگەن ئايغاچىلار تۈلكىنىڭ ئوردىغا كىرمەسلىكىدىكى سەۋەپنى سورىغاندا تۈلكە مۇنداق دەپتۇ؛قارىسام ئوردىغا كىر گەنلەرنىڭ كىرگەن ئىزى بار ئەمما قايتىپ چىققان ئىزى يوق،دەپتۇ.شۇنىڭدىن كىيىن قالغان مەخلۇقلار شىرنىڭ مەخسىدىنى چۈشۈنۈپ يىتىپتۇ ۋەخەتەردىن قۇتۇلۇپ قاپتۇ. تۈلكە ھەقىقىتەن ئەقىللىق،سەزگۈر، ھەرگىزمۇ يامان نىيەتتىكى ھىلىگەر،ئالدامچى،ساخترىپەز ئەمەس. مەخەت ئابدۇرېھىم
|
|