ئىقتىسادشۇناسلىق سودا تېخنىكىسى بۇ ئىقتىسادشۇناسلىق سودا تېخنىكىسى نىزاملىرىنىڭ بىرى، بۇنىڭ مەنىسى: بىر تىمساھ پۇتىڭىزنى چىشلىۋالسا، ئەگەر سىز قولىڭىز بىلەن پۇتىڭىزنى چىقىرىۋېلىشقا ئۇرۇنسىڭىز، تىمساھ قولىڭىزنىمۇ چىشلىۋېلىشى مۇمكىن، سىز قانچە تىركەشسىڭىز، تىمساھ شۇنچە مەھكەم چىشلىۋالىدۇ. شۇڭلاشقا، ناۋادا تىمساھ پۇتىڭىزنى چىشلىۋالسا، سىزنىڭ بىردىنبىر ئامالىڭىز پۇتىڭىزنى قۇربان قىلىشتۇر. ئىنساندا تەبىئىي ئاجىزلىق بولغانلىقتىن، بۇ ئاجىزلىق ئاڭسىز ھالدا بىزنىڭ ھەرىكىتىمىزگە تەسىر كۆرسىتىپ تۇرىدۇ، بىر قېتىملىق چوڭ زىيان بۇنىڭ ئالدىدىكى 99 قېتىملىق پايدىڭىزنىڭ ھەممىسىنى بىكار قىلىۋېتەلەيدۇ، شۇڭلاشقا، زىيان چېكىنى بېكىتىش ئىنتىزامىغا قاتتىق بوي سۇنۇش مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ تەۋەككۈلچىلىك بازىرىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشنىڭ بىردىنبىر نىزامىدۇر. پاي چېكى بازىرىدىكى تىمساھ ئېففېكتى مۇنداق بولىدۇ: سىز سودىڭىزنىڭ بازار يۆنىلىشىدىن چەتنىگەنلىكىنى بايقىغىنىڭىزدا، چوقۇم كېچىكتۈرمەي، تەلەي سىنايمەن دەپ ئولتۇرماي، دەرھال زىيان چېكىنى بېكىتىڭ. سىز ئۆزىڭىزنىڭ خاتالىق ئۆتكۈزگەنلىكىڭىزنى بىلگىنىڭىزدە، دەرھال چېكىنىڭ! باھانە – سەۋەب كۆرسىتىپ، ئۈمىد كۈتۈپ ئولتۇرماڭ، سېلىنمىنى تەڭشەش، خەتەردىن ساقلىنىش ياكى باشقا ئورۇنسىز تەدبىرلەرنى قوللىنىش ئويىدا بولماي، دەرھال چېكىنىپ چىقىڭ.
|