لۈكچۈندىكى جەمەت يىغىلىشى
ياقۇپ ئىسمائىل قورۇلچى
2 – ئۆكتەبىر كۈنى پىچان ناھىيىسىنىڭ لۈكچۈن بازىرىغا جايلاشقان " مۇقام " رېستۇرانى ئاۋاتلىشىپ كەتكەن بولۇپ ، گۈزەل ئالتۇن كۈز پەسلىگە قەدەم قويغان لۈكچۈن بازىرى بۇ يۇرتقا قەدەم باسقان ھەرقايسى ئەزىز مېھمانلارغا كۈلۈپ باقماقتا ئىدى . يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلار رېستۇران ئالدىغا توپلاشقىنىچە ئۆزئارا قۇچاغلىشىپ ، يىغا – زارە قىلىشىپ كۆرۈشىۋاتقان كىشىلەرگە تىكىلگىنىچە ھەيرانلىق ئىلكىدە سەپىرىنى داۋام قىلاتتى . ھەتتا بەزىلەر موتوتسىكلىتلىرىنى توختىتىپ قۇيۇپ ، توپ ئىچىدىن تۇنۇش چىرايلارنى ئىزدەپ ، ئۇلاردىن بۇ ئىشنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ، ئۇلارغا مەستلىكى كەلگەن ھالدا چىرايلىرىغا كۈلكە قوندۇرۇپ ئۆز ئارا پىچىرلىشاتتى . – توۋا ، ئادەم ئادەم بولۇپ ئاڭلاپ باقمىغانلا بىر مەرىكە بوپتۇغۇ بۇ ، دىيىشەتتى ئۇلار ، ئۇرۇق – تۇغقانلار مانا مۇشۇنداق خوشال – خورام جەم بولسا نەقەدەر ياخشى – ھە ؟. ئۇنداقتا ، پۈتۈن لۈكچۈن خەلقىنى ھەيرەتكە سالغان ، تويمىكىن دىسە قىز – يىگىتى يوق ، ئۆلۈممىكىن دىسە ھەممەيلەننىڭ چىرايىدىن خۇشاللىق نۇرلىرى تۆكۈلۈپ تۇرغان بۇ مەرىكە زادى قانداق مەرىكە ؟. ئەگەر سىز بۇ ئىشنىڭ تەپسىلاتىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى قۇرلارغا نەزەرىڭىزنى ئاغدۇرۇپ كۆرۈڭ . مىلادى 19 – ئەسىرنىڭ ئالدى كەينىدە پىچان ناھىيىسىنىڭ ھازىرقى دىغار يېزىسىدا بىر باھادىر يىگىت ئۆتكەن بولۇپ ، ئۇ كارىز چېپىشتىن باشقا يەنە ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئارىسالدى ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ ساز چېلىشنى ۋە تۇرپان مۇقاملىرىنى ئېيتىشنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئۈگۈنۈپ ، ئەل – يۇرتنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن بولۇپ ، ئۇنىڭ ئاتا – ئانىلىرى ئۆز دەۋرىگە نىسبەتەن ئوقۇمۇشلۇق كىشىلەردىن بولغاچقا ، ئۇلار بۇ يىگانە ئوغلىنى كىچىكىدىن باشلاپلا ياخشى تەربىيەلەپ خەت – ساۋادلىق قىلغان ئىكەن . بۇ ئوغۇل ياشلىق دەۋرىگە قەدەم باسقان مەزگىللەردە كىتاب ئوقۇشقا قىزىقىپ، ئەلىشىر ناۋايى ھەزرىتىمنىڭ بىر دىۋانىنى ئوقۇپ ياتقا ئالغاندىن باشقا يەنە دىۋاندىكى غەزەللەرنى مۇقام ئاھاڭلىرىغا سېلىپ ئېيتىدىغان بوپتۇ . كارىز سۇلىرىدەك يېقىملىق ۋە تاڭ شاماللىرىدەك سۈزۈك ئاۋاز بىلەن ئوقۇلغان ناۋايى ھەزرىتىمنىڭ غەزەللىرىنى ئاڭلىغانلىكى كىشى بولسا ئىختىيارسىز ھالدا قىلىۋاتقان ئىشىنىمۇ قۇيۇپ ئۇنىڭغا قۇلاق سالىدىغان بوپتۇ .كۈنلەردىن ئايلار ياسىلىپ ، ئەلىشىر ناۋايىنىڭ غەزەللىرىنى ئۈنلۈك ھەم يېقىملىق ئوقۇيدىغان بۇ يىگىتنى كىشىلەر "...ناۋايى " دەپ ئاتاشقا ئادەتلىنىپ ، ئاخىرى بۇ نام بۇ يىگىتنىڭ ئەۋلاتلىرىغا لەقەم بولۇپ قاپتۇ . مانا بۈگۈن مۇقام رېستۇرانىغا يىغىلغان كىشىلەر دەل شۇ يىگىتنىڭ زامانىمىزدىكى ئەۋلادلىرى بولۇپ ، ئارىدىن 2 ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتكەن بۇ مەھەلدە ئۇلار ئۆزلۈك ئىزدەپ بۇ سورۇنغا جەم بولۇشقان ئىدى . يىغىلىشقا كەلگەنلەر ئىچىدە پىچان ناھىيىسىنىڭ پىچان بازىرى ،چىقتىم بازىرى ، لۈكچۈن بازىرى ، تۇيۇق يېزىسى ، لەمجىن بازىرى ،دىغار يېزىسى ، دالانكارىز يېزىسىدىكى " ناۋايى " جەمەتلىرىدىن باشقا يەنە ئۈرۈمچى ، قاراماي ، توققۇزتارا ، غۇلجا ، سانجى ، ماناس ۋە تۇرپان، سىڭگىم ، چىچان بازىرى، چاتقال يېزىسىلاردا ياشاۋاتقان "ئۇرۇق " لىرىدىن بولۇپ 300 دىن ئارتۇق ئادەم بار بولۇپ ،بۇ جەمەتنىڭ لوپنۇر ، فۇكاڭ...قاتارلىق يۇرتلاردا ياشاۋاتقان ئۇرۇقلىرى يولنىڭ يىراق بولۇشى سەۋەبىدىن بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە قاتنىشالمىدى . كىشىنى خوشال قىلىدىغان يېرى شۇكى ، بۇ جەمەت ئىچىدىكى ئەلگە تونۇلغان زىيالى ، پىچان ناھىيىلىك پەن – تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ پېنسىيونېرى ھەبىبۇللا سەيپۇل ئاكا ئالتە يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ " ناۋايىلار جەمەتى نەسەبنامىسى " ناملىق كىتابنى يېزىپ چىققان بولۇپ ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پوچتا – تېلىگىراف مەكتىۋىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئابدۇرىشىت ئاخۇن ناۋايى كىتابنىڭ مۇھەررىرلىك ، بەت ياساش ، كوررىكتورلۇق ،مۇقاۋا ۋە گۈزەل – سەنئەت لاھىيىسى شۇنداقلا ھەبىبۇللا سەيپۇل ئاكىنىڭ قوليازما ھالەتتىكى كىتابىنىڭ رەسمى كىتاب شەكلىگە كېلىپ نەشر قىلىنىشىغا ( ئىچكى نومۇر بىلەن ) كۆپ ئەجىر سىڭدۈرگەن . بۇ كىتابقا مىلادى 1830 – يىلىدىن 2013 – يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا چەتئەللەردە ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاپ ئۆتكەن ۋە ياشاۋاتقان 3000 دىن ئارتۇق ناۋايى جەمەتى ئەزالىرىنىڭ سۆرىتى ۋە قىسقا تەرجىمھالى بېرىلگەن . (ۋاقىت بەك ئۇزىراپ كەتكەچكە ، ئاپتور مىلادى 1830 – يىللىرىدىن ئىلگىرى ياشىغان ھىلىقى ناخشىچى يىگىتنىڭ تەپسىلى تەرجىمھالى ۋە ئىسمىنى بىلىشكە مۇۋەپپەق بولالمىغان .) 2 – ئۆكتەبىر كۈنىدىكى بۇ يىغىلىشمۇ ئەنە شۇ كىتاب نەشر قىلىنىپ تارقىتىلغاندىن كېيىن ئاندىن روياپقا چىققان بولۇپ ، بۇ قېتىمقى يىغىلىشتا يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۆز ئارا تاشلىشىپ كەتكەن تۇغقانلار قايتا تۇنۇشتى . بۇ جەمەتتىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق رەڭلىك مىتال ئىدارىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى ، كاتتا ساخاۋەت ئىگىسى ئابدۇرىھىم كېرەم ناۋايى ، بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونۇم ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى ئىبراھىم كازىم ناۋايى ،شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق پەن – تېخنىكا جەمئىيىتى تەرىپىدىن 2 – دەرىجىلىك ئىنژىنىر دەپ ئەنگە ئېلىنغان داڭلىق ساپال ئۇستىسى مەرھۇم سەيدۇل پازىل ناۋايى ، ئېلىمىز ئۇيغۇر ساپالچىلىقىنى ئالمائاتادا جۇلالاندۇرغان ئاخۇن پازىل ، ساۋۇق پازىل ناۋايىلار ، ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى ئىدارىسىنىڭ پىنسىيۇنىرى ، كۆزگە كۆرۈنگەن رەسسام بايىز سەيدۇللا ناۋايى ، تۇرپان دارىلمۇئەللىمىن مەكتىۋىنىڭ پېنسىيۇنېرى ، كەشپىياتچى ئەختەم سەيدۇل ناۋايى ، ھەبىبۇللا سەيپۇل، ئابدۇرىشىت ئاخۇن ناۋايىدەك مەرىپەتپەرۋەر زىيالىلار، ئېلىمىز تەنتەربىيە ساھەسىدە زور ئۇتۇق قازانغان نازىلە ئاللايار ، نەزەر ئاللاياردەك تەنتەربىيە چولپانلىرى ، ئامىرىكا بوكلىي مۇزىكا ئۇنىۋرسىتىتىنىڭ مۇزىكا كەسپىنى ئوقۇش مۇكاپاتى بىلەن پۈتتۈرۈپ ، شۇ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان پەيزۇللا ناۋايى ، ئاپتونۇم رايونلۇق سېرىك ئۆمىكىنىڭ تۇنۇلغان ۋېلسىپىت مىنىش ماھىرى بىلالجان بايىز ناۋايى ، لوپنۇر ناھىيىلىك توغراق سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ئالى مەسلىھەتچىسى تۇردى نىياز لازىم ، لوپنۇر ناھىيىلىك توغراق سەنئەت ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقى نۇرنىساگۈل ناۋايى ، پىچان ناھىيىلىك كىرورەن ناخشا – ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ تالانتلىق ناخشىچىسى غۇنچىگۈل داۋۇت ، پىچان ناھىيىسى دالانكارىز يېزىسىدىكى داڭلىق دېھقان مۇقامچى مەخمۇت ئىبراھىمغا ئوخشاش داڭلىق سەنئەتكارلار ، ۋە ئىمننىياز خۇشال ناۋايىغا ئوخشاش داڭلىق ساز ياساش ئۇستىلىرى ، رېزىن كۆنچى ، مۇقىيىت كۆنچى ، قۇربان كۆنچى ، نياز كۆنچى ، ئابلىز ئارزى ۋە ئابلىمىت ئارزىغا ئوخشاش قولى گۈل ئۇستا ھۈنەرۋەنلەر ، خالىق كامىلغا ئوخشاش ئىگىلىك تىكلەش ماھىرلىرى كۆپلەپ يېتىشىپ چىققان بولۇپ ، سورۇندا يەنە ھەبىبۇللا سەيپۇل ئاكا ۋە ئابدۇرىشىت ئاخۇن ناۋايىلارغا تون كەيگۈزۈلدى . 4 سائەتتىن ئارتۇق داۋاملاشقان سورۇن ئاخىرى تۇنۇلغان ناخشىچى غۇنچىگۈل داۋۇتنىڭ " پىچانغا كەل " ناملىق ناخشىسى بىلەن غەلىبىلىك ئاياقلاشتى .
|