تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 455|ئىنكاس: 4

ئۈجمە دەرخىدكى ئالۋاستى قىز ( ھىكايە )

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

6

تېما

1

ئەگەشكۈچى

74

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

真实姓名
دىلبەر
تۆھپە
25
مۇنبەر پۇلى
32
ئىشەنىچ
25
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-7 15:39:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈجمە دەرىخىدىكى ئالۋاستى قىز ( ھېكايە )

دىلبىرىم


مەھەللىمىزنىڭ چوڭ تۆت كوچا ئېغىزىدا يوغان بىر - تۈپ ئۈجمە دەرىخى بولۇپ  بۇ دەرەخكە تۆت ئادەمنىڭ قۇچىقى يەتمەيتتى . ئۈجمە پىشقى ۋاقتىدا  ئۈجمىلەر مەي-مەي پىشىپ تۈيگە چۈشۈپ قىغ بولۇپ كېتەتتى . بۇ دەرەخنىڭ  شاخلىرى تەرەپ -تەرەپكە سايە تاشلاپ كىشلەرنىڭ  ياز كۈنلىرى  سايىدايدىغان  سالقىنلاش جايى بولۇپ  ، ئىشتىن ھېرىپ كەلگەنلەر يىغلىپ كورت ئوينايدىغان  ،  بىكارچىلارنىڭ پو ئېيتىشىدىغان جايى ئىدى .
مەھەللىمىزدە ئابلىز ئىسىملىك بىر كىشى بولۇپ بۇ ئادەم ناھايىتى قىزىقچى ھەم پو سوقۇشقا ناھايىتى ئۇستا ئىدى . بەزىدە كىشلەرنى كۈلدۈرۈپ  كۆزلىردىن ياش چىقىرۋېتەتتى .
بۇ ئادەم بىر كۈنى قانداقتۇر بىرەر ئىش سەۋەبدىن  نېمىش بولدىكىن پۇتى سۇنۇپ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغان بولۇپ ،بىر كۈنى ئىشەك بىلەن خامان تىپىۋېتىپ  ئىشكى ماڭغىلى ئۇنمىسا  ئىشەكنىڭ كۆتىگە بىرنى تەپكەن ئىكەن  ، ئىشەكنىڭ قارغىشغا كەتتىمۇ شۇ سەۋەپلىك پۇتى سۇنۇپ كېتىپتۇ .
شۇنىڭ بىلەن بۇ ئادەم كۈندە شۇ ئۈجمە دەرىخىنىڭ تۈۋىگە كارىۋات قويۇپ شۇ يەردە ئارام ئالاتتى .  بۇ ئادەمنىڭ دېيىشچە  بىر كۈنى چىڭقى چۈش ۋاقتىدا ئۈجمە دەرىخىنىڭ ئۈستىگە قاراپ تۇرسا توساتتىنلا  بوي تۇرقى كېلىشكەن 18  ياشلار چامىسدىكى بىر قىز ئۈجمە يەپ شاختىن - شاخقا  سەكرەپ يۈرگىدەك ، بۇ توكۇر ئادەم  قورقۇنچىلىقىدا دەرھال يەرگە چۈشۈپ مېڭىپ كېتىپ شۇ سەۋەپلىك سۇنغان پۇتىمۇ ساقىيىپ كېتىپتۇ .شۇنىڭ بىلەن بۇ ئادەم كىشلەرنىڭ ھەممىسنى خەۋەرلەندۈرۈپ ، كىشلەرنى ئۈجمە دەرىخى تۈۋىگە يىغىپ بولغان ئىشنى  بىر بىرلەپ سۆزلەپ بىرىپتۇ .
بۇ ئىشقا بەزلەر  ئشەنسىمۇ بەزىلەر ئىشەنمەپتۇ بىراق بۇ ئادەم ھەر قانداق گەپنىڭ يالغىنىنمۇ راستەكلا سۆزلەپ كىشلەرنى قايىل قىلالايدىغان بولغاچقا  كىشىلەر بۇ ئادەمنىڭ گېپىگە ئىشىنەتتى .
بۇ ئىشلار بارا-بارا كىشلەرنىڭ قىزىق نۇقتا پارىڭىغا ئايلىنىپ قالغان ئىدى .
شۇ چاغلاردا مەن ئەمدىلا ئالتە - يەتتە ياشلاردا بولۇپ گاھىدا شۇ ئۈجمە دەرىخى تۈۋىدە  يالغۇز ئۈجمە تېرىپ يەيتتىم ، بىر كۈنى مەن يەنە يالغۇز ئۈجمە تېرىپ يەۋاتسام شاراق -شۇرۇق قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ شۇنداق كىلىشكەن پەرىشتە سۈپەت بىر قىز  ئالدىمدا پەيدا بولدى  مەن قورقۇپ كەتىم بولغاي ، يىغلاشقا باشلدىم ، قىزچاق ھەي يىغلماڭ ئوكام دىگەن پېتى كۆزدىن غايىپ بولدى .
مىنىڭ ئىسكەندەر ئىسىملىك بىر نەۋرە ئاكام بۇلۇپ 20 ياشلار ئەتراپدا  كىلىشكەن ئىگىز بويلۇق غۇرۇرلۇق يىگىت ئىدى . مەن بولغان ئىشنى نەۋرە ئاكامغا بىر -بىرلەپ ئېيتىپ بەردىم .
نەۋرە ئاكام بۇ ئىشقا قىزقىپ قالدى بولغاي  كوچلاپ سوراشقا باشلدى  . مەن بۇ ئىشلارنى نەۋرە ئاكامغا قايتا-قايتلاپ سۆزلەپ بەردىم .
شۇ كۈندىن باشلاپ نەۋرە ئاكام  پات-پات ئۈجمە دەرخى تۈيگە بېرىپ ئارام ئالىدغان بولدى . شۇندىن بېرى نەۋرە ئاكامنى  ئۆيدىكلەر ئۆيلىنىشكە دەۋەت قىلغان بولسمۇ سۈكىتتە تۇرۋېلىپ  ئۆيلىنىشكە زادى ئۇنمغان ئىدى . بۇنىڭ سەۋەبى ئىنىقلا بۇلۇپ ، ھېلقى  ئالۋاستى قىزنىڭ كۈيەك ئۇتى باغانسىرى نەۋرە ئاكامنى قىززىقتۇرغان ئىدى .
نەۋرە ئاكام ماڭا ناھايتى ئامراق بۇلۇپ ، نەگىلا بارسا مىنى بىللە ئېلۋالاتتى . شۇ يىللاردا مەھەللىمىزدە  يىڭدىن بىر گۈرۈچ ئاقلاش زاۋۇتى  قۇرماقچى بۇلۇپ ، ئورنىنى شۇ  ئۈجمە دەرخىنىڭ يېنىدكى كونا چىم ئۆيگە ئۇرۇنلاشتۇردى  تېخنكچلار زاۋۇتنى بىر ھەپتە سىناق قىلىپ نەۋرە ئاكامغا بىرەر قۇر تېخنىكلارنى ئۈگەتكەندىن كىيىن قايتىپ كىتىشتى .
شۇنىڭ بىلەن نەۋرە ئاكام زاۋۇتنى باشقۇرۇش ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بۇلۇپ ، يالغۇزچىلىق تارتىپ قالغاندا دوستى بەكرى ئىسىملىك دوستغا ياردەملىشىشنى تەلەپ قىلىپ  بۇ دوستىنمۇ يېنغا تارتۋالدى  ، بەزدە  زاۋۇت باشقۇرۇشنى دوستى بەكرىگە تاپلاپ قۇيۇپ  ئۈزى ئۈجمە دەرخى تۈيگە چىقىپ ئولتۇراتى .بىر كۈنى  كەچتە  دوستى بەكرى تاماق يىگلى ئۆيگە كەتكەن بولغاچقا  نەۋرە ئاكام زىركىپ قالمەن دەپ مىنى بىللە ئېلىپ چىقان ئىدى ، شۇ ئاخشمى مەن نەۋرە ئاكامنىڭ قۇچقىدا ئولتۇرۇپ غەرىق ئۇيقۇغا كىتىپتمەن  نەۋرە ئاكاممۇ  مىنى قۇچاقلاپ ئولتۇرغان پېتى  مۈگدەپ قاپتۇ ، مەن نىمە سەۋەپتىنكىن ئويغۇنۇپ كىتىپ زادىنلا ئۇخلىيالمدىم ، بىر ھازا ئۆتكەندىن كىيىن  زاۋۇت ئىشكى غىچ.... قىلىپ قىيا ئېچىلدى ، مەن  ۋارقىراي دەپمۇ ۋارقىريالمدىم  بەدەنلىرىم چىلىق- چىلىق تەرگە چۈمىلگەن پېتى نەۋرە ئاكامغا ئاران قاريالدىم ، نەۋرە ئاكاممۇ  خۇدى قېتىپ قالغاندەك  مىدىر قىلمايتى . بەدەنلىرى تەرگە چۈمىلگەن بۇلۇپ ، بىر نوقتىغا تىكلىپلا تۇراتتى .
تۇساتىنلا ئالدىمىزدا ھېلقى گۈزەل ئالۋاستى قىز پەيدا بولدى ، چىراق غۇۋا كۈرىنسمۇ  لىكىن قىزنىڭ  غۇنچە بوي كىلىشكەن قىزلىقى  كۈرنىپلا تۇراتتى .
مەن زۇۋان سۈرەلمىسەممۇ  ئىچىمدە  ئاناپ ئۈگتىپ قويغان ئايەتلەرنىڭ بىلگىنىمنى ئىچىمدە  ئۇقۇيتۇم بەلكىم نەۋرە ئاكاممۇ  شۇنداق  قىلغان بولشى مومكىن ئالۋاستى قىز ئاستا كەينىگە  ياندى .  شۇ ئەسنادا ئىشىك تاراق -تۇرۇق قىلىپ ئېچىلدى  ، ئاكامنىڭ دوستى كەلگەن بولشى مومكىن  دەپ ئويلدۇم راس دىگەندەكلا  ئاكامنىڭ دوستى بەكرى ئىدى .
ئاكامنىڭ دوستى ئالۋاستى قىزنى كۆرمگەن ئىدى ،  ئالۋاستى زاۋۇت ماتۇرنىڭ ئارقا تەرەپكە  ئايلىنىپ ماڭدى  . زاۋۇت تۇساتىنلا  ئۈزلىكدىن  قوزغىلىپ  ماتۇر قاتتىق  ھۆركىرەپ مېڭىشقا باشلدى ، ئاكامنىڭ دوستى زاۋۇتنى توختىتىش ئۈچۈن زاۋۇت تەرەپكە ماڭغان ئىدى قاتىق كۈچنىڭ ئىتتىرشى بىلەن يىقلىپ ھۇشدىن كەتكەن ئىدى .
ماتۇرنىڭ ئىس چىقرىش مۇرسى قىپ-قىزىل چوغدەك قىزارغان بۇلۇپ  ،  تۇساتىنلا چىر-چىر  چىرقىرغان ئاۋاز بىلەن  تەڭ شۇنداق سېسىق پۇراق  بۇراپلا ئۆينىڭ ئۆگىزسىدىن يوغان بىر تۈشىك ئېچلىپ ئالۋاستى قىز كۆزدىن غايىپ بولدى .
نەۋرە ئاكام ئىسنى يىققاندەك بولدى بولغاي ، چاچراپ ئورنىدىن تۇرۇپ  سىرتقا يۈگرەپ چىقىپ كەتتى مەن قورقىنىمدىن  ئورنىمدىن تەستە تۇردۇم ، ئونىڭغىچە ئاكامنىڭ دوستمۇ  ھۇشغا كەلدى ، ئىسكەندەر قېنى ؟
سوردى مەندىن ، مەن گەپ قىلىشقمۇ ئاۋازىم كەلمەي قول ئىشارتى بىلەن سىرتقا  قول ئىشارتى قىلدىم .
ئۇنىڭغىچە نەۋرە ئاكاممۇ قايتىپ كىردى .
نىمىش بولدى ؟سوردى ئاكامنىڭ دوستى .
ئاكام گەپمۇ قىلماي زاۋۇت تەرەپكە قاردى  زاۋۇت ماتۇرى چۇۋلۇپ ئىككى پارچە بولغان  بۇلۇپ  ئۆي ئىچى سېسىق پۇراق  ۋە  ئىس تۈتەكلەر بىلەن  زاۋۇت ئىچدە تۇرغۇسىز ئىدى .
ھەمىمىز يۈتەلگەن پېتى سىرتقا قاراپ ماڭدۇق  سىرتقا چىقىپ قارساق  مەھەلدكى زاۋۇتقا  ئۈيى يېقىن  كىشلەر بۇ ئاۋازنى ئاڭلاپ يۈگرەپ چىقىشقان ئىدى .
نىمىش بولدى ؟
سوردى كىشلەر ! ئاكام بولغان ئىشنى سۆزلەپ بەردى .
كىشلەر توۋا -توۋا دىيشىپ ياقلىرنى سىقشاتتى  ، ھېلقى ئابلىز بولسا  ، مەن دىمدىممۇ   بۇ چۇقۇپ ھېلقى ئالۋاستى قىزنىڭ ئىشى دەيتى  كىشلەر بۇ ئىشقا ئاساسەن  ئىشەنگەن ئىدى .
چۈنكى زاۋۇت ئىچدىن چىققان ئىس تۈتەكنىڭ سېسىق پۇراقلىرى بۇ ئىشلارنى ئەينەن كۆرستىپ تۇراتتى .
ئەتسى مەھەللە كادىرلىرى بۇ ئۈجمە دەرخىنى كىسۋەتمەكچى بۇلۇپ  پالتا چاپقاندا  توۋا !!!  ئاجايىپ ئىش  ئۈجمە دەرخىدىن قارا ئۈجمنىڭ  سۇيى  پالتا چاپقان يەردىن جىرىلداپ چىقىشقا باشلدى تۇساتىنلا ئۈجمە دەرخدىن  بىر قىزنىڭ چىرقىرغان ۋە ۋايسغان ئاۋازى  ياڭراق ھەم تۈۋەن ئاۋازدا ئاڭلىنىشقا باشلدى  ، كىشلەر ئارسدىن نەۋرە ئاكام ئېتلىپ چىقىپ  پالتىنى  كىشلەرنىڭ قولدىن تارتۋېلىپ يىراققا تاشلۋاتى دە قايسىڭ بۇ دەرەخقە چېقىلدغان بولساڭ  ، قولۇڭ تۇتماس پۇتۇڭ مىيىپ بولدۇ ھىچقايسىڭ يېقىن كىلىشمە دەپ ، ھەيۋە قىلشىپ  كىشلەرنى تارقىتۋەتى .
شۇندىن بىرى نەۋرە ئاكام  پات -پات ئۈزى يالغۇز ئۈجمە تۈۋدە بىرسى بىلەن پاراڭلاشقاندەك ئۆز-ئۈزى بىلەن ئۇزاق پاراڭلشىپ كىرەتتى  ،بەزدە تەڭ كىچە بىلەن يۇقاپ كىتەتى  كىيىن بىرەر سائەت تۇرۇپ  يېنىپ كىرەتتى .
ئاكامنىڭ ئاتا -ئانلىرى بولسا ئاكامنىڭ بۇ ئىشنى شۇنداق نەسىھەت قىلىپمۇ تازدۇرالمدى .ئاكام بولسا توي قىلىشقا قارشى ئىدى ، شۇنداقتمۇ  ئۈيدىكلەر مەجبۇرى قوشنا مەھەلدىن بىر قىزنى نىكاھلاپ ئېلپ بەردى ئاكام يەنلا شۇ ئۈجمە دەرخدىن ئۈمىدنى ئۈزمگەن ئىدى .
كۈنلەر ئۈتۈپ يىلار ئۈتۈپ ئاكام بىر بالىلىق بولدى مەنمۇ يىلارنىڭ ئۈتشى بىلەن ئاستا -ئاستا چوڭ بولدۇم .
ئاكامنىڭ ھال ئوقتى خىلى ياخشى بۇلۇپ ئۈچ چاقلىق موتۇسىكلىت يىڭى چىققان ۋاقىتا بىر دانە موتسىكلىت سېتۋېلىپ ھەيدەپ يۈرەتتى كۈنلەرنىڭ بىردە ئايالى باللىرى بىلەن موتسىكلىتنى ھەيدەپ كىتۋېتىپ مەھەللگە ئىچگە كەلگەندە  نىمىش بولدىكىن  شۇ ئۈجمە دەرخىگە ئۈسۈپ ئائىلدىكلىرى بىلەن قايغۇلۇق ھالدا  قازا قىلدى ، ئايالى ۋە بالسى بولسا  شۇ جايدىنلا ئۈلۈپ كەتكەن بۇلۇپ ئاكام بولسا  مىنىڭ ئىسمىمنى چاقرىپ مىنى چاقىردى تۇراتى مەن ئاكامنىڭ يېنغا باردىم ئاكام بولسا كۈلىمسىرگەن ھالدا ، مىنى ئاشۇ ئالۋاستى قىز ئۆلتۈردى دەپ ئۈجمە دەرخنى كۆرىستىپ قۇلىمنى چىڭ تۇتقان ھالدا جان ئۈزدى مەن نىمىش بولدىكىن ئۈزۈممۇ بىلمدىم كۈزىمدىن  ياشمۇ چىقمغان ئىدى ، چۈنكى مەن بۇ ئالۋاستى قىزنى ئالقاچان ئۇنتۇپ ، كىيىن يەنە  شۇ ئالۋاستى قىزنىڭ  ئسمنى قايتا ئاڭلىغنىمدا بەدەنلرىم تىكەنلشىپ ئاۋازىم گەپكمۇ كەلمەي داڭ قېتىپ قالغان ئىدىم .
مەكتەپتە يالغۇز بەك ئىچىم پۇشتى ؟

0

تېما

0

ئەگەشكۈچى

129

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
34
مۇنبەر پۇلى
95
ئىشەنىچ
34
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-12 03:59:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ راسىت بولغان ئىشم ياكى توقۇلمىمۇ .؟
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2015-4-27 01:04, Processed in 0.106700 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش