بۇدۇنيادا دەۋلەتمەن دەپ كۆكسىن كەرگەن ئەل ئالدىدا كۆرەڭلەپ مەنمەن يۈرگەن نەچچە مىڭلاپ دۇنيا يېغىپ ئابروي تاپقان ئەجەل كەلسە بىرسى ۋاپا قىلماس ئەرمىش.
نەچچە مىڭلاپ چىرىك يىغقان خانلار قانى؟ بۇ ھېكمەتنىڭ ھەر بىرى گۆھەر كانى ۋاپاسى يوق، بىۋاپادۇر دۇنيا فانى غاپىل كىشى كۆرۈپ ئىبرەت ئالماس ئەرمىش.
بۇدۇنيادا يۈگرۈك ئاتقا مىنگۈچىلەر ھەركۈن جەڭدە مۇبازىرلىق قىلغۇچىلار رەئىيەتنى قىلىچ بىرلە يەڭگۈچىلەر ئەجەل كەلسە ئەزرائىلغا يېڭىلەر ئەرمىش.
.........................................................
ھەققە قۇللۇق ئەتكەنلەر، ھەق يولىنى بىلمىشلەر ھەققە ئاشىق بولغانلار، ھەقىقەتكە كىرمىشلەر.
ھەق يولىغا كىرگەنلەر، توغرا يولدا يۈرگەنلەر ئۆز نەپسىدىن كىچىبان، خالايىقنى سۆيمۇشلەر.
دۇنيا مېنىڭ دېگەنلەر، جاھان مالىن ئالغانلار ئاچكۆز قۇشتەك بولۇبان، ئول ھارامغا پاتمىشلەر.
موللا موپتى بولغانلار،ناھەق دەۋا سورغانلار ئاقنى قارا قىلغانلار، ئول تانۇققا كىرمىشلەر.
ھارام يېگەن ھاكىملار، رەشۋەت پارا ئالغانلار بارماغىنى چىشلەبان، پۇشايمانغا قالمىشلەر.
كىشى ھەققىن يېگەن، يالغان سۈخەندە يۈرگەن ھەسەت مەنمەندە ئۆلگەن، ئول تاۋۇتتا كۆرمۈشلەر.
خوجا ئەخمەت يەسەۋىي 12.ئەسىردىكى قاراخانلار دەۋرىدە ياشاپ ئۆتكەن ئوتتۇرا ئاسياغا مەشھۇر تەسەۋۋۇپ(تەرىقەت) پىشىۋاسى. |