كىرىپ قاپتۇ قەشقەر چۈشۈمگە ، بېغىدا ئۆرۈك ، شاپتۇل پىشقۇدەك يىزىمىزنىڭ باغلىرى ئۈستىگە قوياش ، سېخىي ئالتۇن نۇرىن چاچقۇدەك.
كىرىپ قاپتۇ قەشقەر چۈشۈمگە ، ئاسمىنى كۆك ، چەكسىز تۇرغۇدەك جىگدە بىرلە تىرەك ۋە سۆگەت، ئابى كەۋسەر سۈيى ئاققۇدەك .
كىرىپ قاپتۇ قەشقەرچۈشۈمگە ، بۇلاقبېشى يېشىل تۇرغۇدەك . كەڭ سامادا لاچىن پەرۋازى ، يەردە ماشىنامىڭىپ يۈرگۈدەك .
كىرىپ قاپتۇ قەشقەر چۈشۈمگە ، باغلىرى زەپ ھەيۋەت تۇرغۇدەك . شامال باغ نەزەر باغ چاھار باغ، ۋە بەشكىرەملەر گۈزەل تۇرغۇدەك .
كىرىپ قاپتۇ قەشقەرچۈشۈمگە ، ھىيتكاھ مەسچىت زىيا چاچقۇدەك . ئابدۇقادىر داموللا ۋە جامائەت، ناماز ئوقۇپ تەسبىھ ئېيىتقۇدەك .
كىرىپ قاپتۇ قەشقەر چۈشۈمگە ئوماق باللار مەكتەپتە يۈرگۈدەك مەھمۇت بوۋام بىلىم بەرگەچكە ئۇيغۇر شۇنداق ھۆكۈم سۈرگۈدەك
ئاپتۇرى ھاجىئەكبەر ئەزىز |