تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
ئىگىسى: تەڭرىتاغ

كىرىيەگە سەپەر ( تولۇق فىلىمى )

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

0

ئەگەشكۈچى

9

جۇغلانما

يېڭى ئەزا

Rank: 1

تۆھپە
4
مۇنبەر پۇلى
5
ئىشەنىچ
4
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-9 16:23:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشىلىق يەردە قالماس دېگەن سۆز تولىمۇ توغر ئېيتىلغان. بىزدە «ئوڭ قولۇڭنىڭ بەرگىنىنى سول قولۇڭ تۇيمىسۇن »دېگەن سۆزمۇ بار. شۇ نوقتىدىن قارىغاندا مەن بۇ خىل ئىئانە بىرىشنى بىچارە خەلقنى سازايى قىلغان بىلەن باراۋەر دەپ قارىدىم. قاچاندۇر بىر چاغدا مەلۇم بىر باشلانغۇچ مەكتەپتە ئىئانە تەغدىم قىلىش پائالىيىتى ئېلىپ بىرىلغان ئىكەن. شۇ كۈنى يامغۇر يېغىپ كىتىپتۇ. ئىئانە بەرگۈچى ئاللىبۇرۇن كېلىپ بولغان ئوقۇغۇچىلارمۇ يامغۇر دېمەي مەيدانغا يېغىلىپ بولغان بولسىمۇ بىراق پائالىيەت باشلانماي خىلى ۋاقىت تۇرۇپ قاپتۇ. كىيىن باشقىلار سۈرۈشتە قىلسا تېلۋىزىيە ئىستانىسىنىڭ مۇخبىرىلىرى كەلمەي پائالىيەتنى باشلىمىغان ئىكەن .مىسرانىم مۇنبىرىدە تارقىتىلغان بىر سىندىكى كۆرۈنىشتە بىچارە چوڭ ياشلىق ئاياللارنىڭ پۇلنى كۆتۈرۈپ رەسىم تارتقۇچە تۇرۇپ بەرگىنىنى كۆرۈپ يۈرىكىم ئېزىلىپ كەتتى. ئۆزىمىزنىڭ قەدرىنى ئۆزىمىز بولساقمۇ قىلغان بولساق نېمە بولاتتى. ياخشى كۆڭلىڭىزنى ئىپادىلەپسىز. بىراق جاھانغا يېيىشنىمۇ ئۇنتۇپ قالماپسىز. بۇ چىن يۈرەكتىن چىقىرىپ ياردەم بىرىش ئەمەس. بۇنداق ياردەم بىرىشلەرنىڭ كەينىگە قانداق مەقسەتلەر يۇشۇرۇنغانلىقىنى كىم بىلىدۇ. بۇ يالغۇز مۇشۇ پائالىيەتكىلا دېيىلگەن گەپ ئەمەس. قايسى كۈندىكى مىسرانىم تورى ۋە باشقا تورلارنىڭ ئېلىپ بارغان زىيارەت فىلىملىرىدىمۇ مۇشۇ كۆرۈنۈش. بىچارە كىرىيە خەلقىنى خۇددىي ئۆمرىدە قىزىل يۈز سۇملۇق پۇلنى كۆرۈپ باقمىغاندەك ھالغا كەلتۈرۈپ، يۈز كۆي پۇلنى تۇتقۇزۇپ رەسىمگە تارتقىنىنى ، ھېلىقى ئايالغان ھەممەيلەن خۇددىي دىۋانىگە پۇل بەرگەندەك پۇل تاشلىغىنىنى ئويلىساملا بىر خىل بولۇپ قالىمەن. بىز قىلغان ياخشىلىقىمىزنى ئۇنچە داۋراڭ قىلمىساقمۇ ئۇنىڭ ئەجرىنى بەرگۈچى بار. شۇڭا قىرىنداشلىرىم ئامال بولسا مۇشۇنداق فىلىملەرنى يوللىغاندا ماۋۇنىڭغا ئوخشاش سوۋغا بىرىۋاتقان ، پۇل تەڭلەۋاتقان شەكىلدىكى يەرلىرىنى چىقىرىۋىتىپ شۇلار بىلەن پاراڭلىشىۋاتقان ، بىرگە ئولتۇرۇپ ئۆزلىرى ئاپارغان نەرسىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ غىزالىنىۋاتقان ،پاراڭلىشىۋاتقان، ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش باشقا شەكىلدىكى كۆرۈنىشلەر بولسا يوللىساق. جۈملىدىن ئاپەتكە ئۇچرىغان رايۇندىكىلەرنىڭمۇ بىزگە ئوخشاشلا غۇرۇرى ،ۋىجدانى بار ئادەملەر ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالمسىاق .

0

تېما

0

ئەگەشكۈچى

278

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
136
مۇنبەر پۇلى
142
ئىشەنىچ
136
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-9 17:37:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساخاۋەتلىك قوللارغا  ھەسسىلەپ  بەرسۇن ئاللاھ   دۇنيا مېھرى مۇھەببەت بىلەن تېخىمۇ گۈزەل
نامسىز  يوللىغان ۋاقتى 2014-6-5 16:51:36
باشقىلار كۆرسە ياخشى، باشقىلارمۇ نىمە قىلىشنى بىلسۇن،  

0

تېما

0

ئەگەشكۈچى

24

جۇغلانما

يېڭى ئەزا

Rank: 1

تۆھپە
10
مۇنبەر پۇلى
14
ئىشەنىچ
10
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى نىيەتلىك مېھرىبان كىشىلەر ، ئابىدە ، مىراس، تەلبا، ئەرقال، بۇغرا .... قاتارلىق مىللى كارخانىلارنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئاپىرىن. مېھرى - نۇھاببەت مەڭگۈ داۋاملاشقاي  
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2014-8-4 04:26, Processed in 0.096509 second(s), 23 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش