تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 200|ئىنكاس: 2

ئاچچىق-چۈچۈك مىسرالار(بالىلار چاتما شېئىرى)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

51

تېما

13

دوست

3865

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
1577
مۇنبەر پۇلى
2103
ئىشەنىچ
1577
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-16 13:52:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاچچىق-چۈچۈك مىسرالار


(چاتما شېئىر)

مۇقەددىمە
تىزدى شائىر مىسراغا،
يارىماس كۆپ ئىللەتنى،
كىمدە بولسا تۈزەتسۇن،
ئېلىپ ئۇندىن ئىبرەتنى!


ئەگەشمىگىن چوڭلارغا

كەلسە دادام خىزمەتتىن،
يۈگۈرۈپ بېرىپ ئالدىغا،
«قېنى ماڭا سوۋغاڭ »دەپ،
كۆتۈرىسەن چوڭ غەۋغا.


ماڭسا تويغا-پەتىگە،
ئەگىشىسەن ئاپامنى،
قالغىن دېسە ئۇنىماي،
قاقشىتىسەن دادامنى.


ھەل بولمىسا تەلىپىڭ،
ھومىيىسەن، قارايسەن.
تۈزەتمىسەڭ خۇيۇڭنى،
ئېيت، نېمىگە يارايسەن!


ماختانچاق بالا


سىنىپتىكى ئەخمەتجان،
ماختار ئۆزىنى دائىم.
ئەقىل يەتمەس ئىشلارنى،
دەيدۇ ھامان:مەن قىلدىم.


قايتىپ بارسا ئۆيىگە،
ئىشلىمەيدۇ تاپشۇرۇق.
ماختىنىشتىن باشقىغا،
ئۇنىڭ پەقەت خۇشى يوق.


بولۇپ قالسا ئىمتىھان،
غەمدە باشنى قاشلايدۇ.
تۆۋەن بولغاچ نومۇرى،
كۆزلىرىنى ياشلايدۇ...


ياغاچ قۇلاق


جىم ئولتۇرماس ھېچقاچان،
ئەركىنجان دەرس ۋاقتىدا.
ئۇنىڭ ناچار ئادىتى،
تۈزەلمىدى زادىلا.

ئالدىدىكى دوستلارنىڭ
تارتىپ ئوينار چېچىنى.
گاھ، ياندىكى دوستىنىڭ،
تىقىۋالار بۆكىنى.

ئۇستاز ئاڭا كۆيۈنۈپ،
قىلسا ياخشى نەسىھەت.
«ھەئە،ماقۇل»دەپ قويۇپ،
تۈزەتمىدى ئۇ پەقەت.

ئۆتەلمىدى بۇ قېتىم،
ئىمتىھاندىن، سىناقتىن.
دوستلىرىدىن ئايرىلدى،
كۆچەلمىگەچ سىنىپتىن.

جىدەلخور بالا

سىنىپتىكى قاسىمنى،
دەيدۇ ھەممە :جىدەلخور،
ھەتتا مەكتەپ ئىچىدە،
كەپسىزلىكتە نامى پۇر.

تەڭتۇشلارغا مۇش تەڭلەپ،
كىچىكلەرنى ئۇرىدۇ.
قىلسا چوڭلار نەسىھەت،
قاپىقىنى تۈرىدۇ.

جىدەل قىلار ھەركۈنى،
مەكتىپىدە،ئۆيىدە.
بىلىم ئېلىش ئويى يوق،
ئەسلا ئۇنىڭ كۆڭلىدە.


يالغانچى بالا


توقار دائىم يالغاننى،
سىنىپتىكى نۇرئەخمەت،
دوستلىرىغا،ئۇستازغا،
راست سۆزلىمەس ئۇ پەقەت.

تىقىۋېلىپ بىرسىنىڭ،
قەلىمىنى ئاستىلا،
دەيدۇ:" قەلەم ئوغرىسى،
ئەنە،ئاۋۇ مېھرۇللا..."

بۇگەپ بىلەن سىنىپتا،
بىرمەيدان «جەڭ»باشلىنار،
تۈزىلەرمۇ نۇرئەخمەت،
دوستلار،ئېيتىپ بېقىڭلار!

لەقەمچى

«لەقەمچى»دەپ نام ئالدى.
سىنىپتىكى پەرىدە
لەقەم قويۇپ يۈرگەچكە،
دوستلىرىغا ھەمشە .

بىرىنى دەر: ھەي مايماق،
بىرىنى دەر: تاز،چوقۇر،
بىرىنى دەر سەت پاخپاق،
بىرىنى دەر: سەت، قوتۇر!

ئاتىماستىن ئىسمىنى،
لەقەم قويۇپ چاقىرار.
ئۇنىڭ بۇنداق «كېسىلى»
ھەي، قاچانمۇ ساقىيار؟!


خاتىمە


شۇ ئىللەتتىن سېنىڭدە،
قايسىسى بار، قايسى يوق؟
تۈزەتسەڭلا سەن ئۇنى،
شائىر تاغاڭ كۆڭلى توق!

(ئەسكەرتىش:بۇ چاتما شېئىرىم "شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى"گېزىتىنىڭ 1996-يىللىق 10-ئايدىكى بىر سانىدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، شۇ يىلى يىل ئاخىرىدا ئاپتۇنۇم رايون بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن بالىلار ئەدەبىياتى ئەسەرلىرىنى باھالاشتا2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن)

مەنبە: ئىجادىيىتىم.

66

تېما

16

دوست

5385

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
1765
مۇنبەر پۇلى
3217
ئىشەنىچ
1765
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-18 13:47:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالىلاردىكى ئىللەتلەرنى ياخشى يۇرتۇپ بىرىپسىز، لىكىن ئۇ يەنىلا بالا-دە. ئۇ، بالىلىقنىڭ يارقىن سۈرەتلىرى، بالىلار چوقۇم بېشىدىن ئۆتكۈزدىغان.

51

تېما

13

دوست

3865

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
1577
مۇنبەر پۇلى
2103
ئىشەنىچ
1577
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-22 10:57:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېلى يوللىغان ۋاقتى  2013-10-18 13:47
بالىلاردىكى ئىللەتلەرنى ياخشى يۇرتۇپ بىرىپسىز، لىكىن  ...

رەھمەت.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى 

GMT+8, 2016-8-12 13:27, Processed in 0.121353 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش