سەپكۈننى يوقىتىدىغان يېمەكلىكلەر 
 
 
       شوخلا شەربىتى. كۈندە بىر ئىستاكان شوخلا شەربىتى ئىچىش ياكى كۈندە شوخلا يېيىش ئارقىلىق سەپكۈننى داۋالىغىلى ھەمدە ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.     لىمون-مۇز شەربىتى. لىمون شەربىتىگە ئازراق مۇز قوشۇپ ئىچىپ بەرگەندە، تېرىنى ئاقارتىپلا قالماستىن، تېرە قان-تومۇرلىرىنىڭ قېرىلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.     قارا قېرىنقۇلاق - چىلان شورپىسى. قارا قېرىنقۇلاقتىن 30 گىرام ، چىلاندىن 20 گىرام ئېلىپ مۇۋاپىق سۇدا يېرىم سائەت قايناتقاندىن كېيىن، كۈندە ئەتىگەن ھەم كەچلىك تاماقتىن كېيىن ئىچىپ بەرسە، سەپكۈننى يوقىتىپ، ئۇرۇقلىتىدۇ.
  |