شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى نۇر بەكرى 9-يانۋار كەڭ تورداشلارغا ‹‹قول تۇتۇشۇپ، گۈزەل ئەتىنى ئورتاق يارىتايلى›› تېمىسىدا چاغانلىق تەبرىك سۆزى قىلدى
    
    (2012-يىل چاغانلىق تەبرىك سۆز)
    
‹‹بۇ ياخشى كۈنلەر ناھايىتى تېز يېتىپ كەلدى، بىز ئويلىغاندىنمۇ تېز يېتىپ كەلدى، پارتىيەنىڭ ئەمىن تاپقۇزۇپ، خەلقنى بېيىتىش سىياسىتى بىزنى بەختلىك تۇرمۇشقا ئىگە قىلدى››. بۇ، جەنۇبىي شىنجاڭ پەيزاۋات ناھىيە تۈگمەنبېشى كەنتىدىكى دېھقان قېيۇم بىلالنىڭ خېتىدە يېزىلغان سۆزلەر.بۇ ئاددىي سۆزلەر ئاممىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشقا بولغان چۈشەنچىسى ۋە تەسىراتىنى ئىپادىلىگەن بولۇپ، شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ زېمىندا كۆتۈرەڭگۈ روھ ۋە ھاياتلىقنىڭ ئۇرغۇپ تۇرغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.
     ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن 2011–يىل، شىنجاڭنىڭ ‹‹12-بەش يىل››لىق يىرىك پىلانى باشلانغان يىل، شۇنداقلا مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرغان ۋە ئەمەلىيلەشتۈرگەن ھالقىلىق بىر يىل، پۈتۈن مەملىكەتتە ساھەلەر بويىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويغان بىر يىل. بىر يىلدىن بۇيان، مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبىتى يىغىنى روھىنىڭ تۈرتكىسىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى تولۇپ–تاشقان ئىپتىخارلىق، كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن، ‹‹ تىرىشقاندىلا ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ؛ تىرىشقاندىلا ئۆزگىرىش ياسىغىلى بولىدۇ››غا قەتئىي ئىشىنىپ، زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىپ، ‹‹ ۋەتەننى سۆيۈش، شىنجاڭنى سۆيۈش، تىرىشچان بولۇپ ، ئۆزئارا ياردەم بېرىش، ئېچىۋېتىش، ئالغا ئىنتىلىش››دىن ئىبارەت شىنجاڭچە روھنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ، شىنجاڭچە ئۈنۈم يارىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىدارىنى يۈكسەلدۈرۈپ، شىنجاڭچە ئوبرازنى تىكلەپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش يېڭى مۇساپىسىدە پۇختا قەدەم باستى. بۇ بىر يىلدا، بىز ‹‹مۇھىتنى ئاسراشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئېكولوگىيەلىك رايون قۇرۇش›› تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تىكلەپ ئۆزگىرىش، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى نۇقتا، يۇقىرى سەۋىيە، يۇقىرى ئۈنۈم يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ ، يېڭى تىپتىكى سانائەتلەشتۈرۈشنى بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، زامانىۋى كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەشكىل قىلىشنى تېزلىتىپ، تىرىشىپ كەسىپ، تېخنىكا ۋە بازارنىڭ يۇقىرى نۇقتىسىنى ئىگىلەپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ تېز سۈرئەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردۇق.
   بۇ بىر يىلدا، بىز سىرتقا ئېچىۋېتىشنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ، تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا–ياۋروپا يەرمەنكىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈپ، شىنجاڭنىڭ ئېچىۋېتىشتىكى ئىشەنچىسى، ئىناق، مۇقىملىقىدىكى يېڭى ئوبرازىنى نامايەن قىلدۇق؛ جۇڭگو–قازاقىستان خەلقئارا قورغاس چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى بىلەن، غەربكە قارىتا ئېچىۋېتىشتا ماھىيەتلىك قەدەمنى باستۇق؛ ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودۇرۇمىنىڭ يىللىق يولۇچى توشۇش مىقدارى تۇنجى قېتىم 10 مىليون ئادەم ( قېتىم )دىن ئېشىپ، شىنجاڭغا كېلىپ ساياھەت قىلىدىغان، مەبلەغ سالىدىغان، شىنجاڭنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنىدىغانلار بارغانسېرى كۆپىيىپ، غايەت زور سودا پۇرسەتلىرىنى ئېلىپ كەلدى.
   بۇ بىر يىلدا، بىز ‹‹خەلق تۇرمۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئامما بىرىنچى، ئاساسىي قاتلام مۇھىم›› دېگەن خەلق تۇرمۇشى ئىدىيەسىدە چىڭ تۇردۇق، مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش قۇرۇلۇشىدا 175 مىڭ ئائىلە، ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشىدا 316 مىليون 400 مىڭ ئائىلە يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردى، 70 مىڭدىن ئارتۇق چارۋىچىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيانقى ئوت -سۇنى قوغلىشىپ ياشاشتەك كۆچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇشى ئاخىرلاشتى، 1 مىليون 200 مىڭدىن ئارتۇق دېھقان ئەسىرلەردىن بۇيانقى ‹‹سوقما تام›› ، ‹‹ كېسەك ئۆي ›› بىلەن خوشلىشىپ، پۇختا، چىرايلىق، ئازادە، يورۇق خىش ئۆي، بىنا ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىرىپ، زامانىۋى، مەدەنىي تۇرمۇشقا يۈزلەندى.
   بۇ بىر يىلدا، شىنجاڭدا 570 مىڭ ئادەم ئىشقا ئورۇنلىشىپ ياكى قايتا ئىشقا ئورۇنلىشىپ، تۇرمۇشتىكى ئارزۇ-ئۈمىدلىرىنى تېپىۋالدى؛ ئىشقا ئورۇنلاشمىغان 14 مىڭ ئىستۇدېنت ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە-شەھەرلەرگە تەربىيەلىنىشكە بېرىپ، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتتى، ئىقتىدارىنى ئاشۇردى؛ ئىچكىرىدە سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن 500دىن ئارتۇق شىنجاڭلىق بالا شىنجاڭغا قايتۇرۇپ كېلىنىپ، مىليونلىغان تورداشنى تەسىرلەندۈردى.
   بۇ بىر يىلدا، بىز باشتىن ئاخىر ئىلغار مەدەنىيەتنى ئالغا يۈكسەلدۈرۈش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، كۆپ مەنبەنى بىرلەشتۈرۈش، ئېچىۋېتىشقا بىرلىشىش ۋە شىنجاڭچە ئالاھىدىلىككە ئىگە زامانىۋى مەدەنىيەتنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ‹‹ئۇلۇغ ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈپ، گۈزەل يۇرت-ماكان قۇرۇش››نى قەلبىمىزگە سىڭدۈردۇق، ھەر مىللەت ئامما مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، ئۆز ئارا ياردەم قىلىپ، تۈرلۈك قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلاردىن، بوران-چاپقۇنلاردىن تەڭ ئۆتۈپ، ئاقكۆڭۈل، پارتىيەگە تەلپۈنگەن قەلبىمىز بىلەن كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ناخشىلىرىنى يېزىپ چىقتۇق.
   بۇ بىر يىلدا، يىراقتىكى يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ، مەملىكىتىمىزنىڭ 19 ئۆلكە-شەھىرىدىكى مەركەز دۆلەت ئورگانلىرى ۋە كارخانىلىرىدىن شىنجاڭغا ياردەم بەرگىلى كەلگەن 5600دىن كۆپ كادىر تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب-شىمالىدا كېچە-كۈندۈز كۈرەش قىلىپ، قان-تەرى ۋە ئەقىل-پاراسىتىنى گۈزەل شىنجاڭ تۇپرىقىغا تۆكتى...
   نۆۋەتتە، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى-تۆۋىنىدە چوڭ قۇرۇلۇش، چوڭ ئېچىۋېتىش، چوڭ تەرەققىيات قىزغىنلىقى شەكىللىنىپ، قەلبلەر ئىللىدى، كەيپىيات جانلاندى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ زورىيىپ، ئىشەنچ تولۇپ تاشتى، تەرەققىيات، بېيىش، مۇقىملىق، ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش شىنجاڭدىكى ئاساسىي مېلودىيەگە ئايلاندى، ھەر مىللەت كادىر ئاممىسى مەركەزنىڭ خەلقنى بېيىتىپ، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش سىياسىتىنى چىن كۆڭلىدىن ھىمايە قىلدى. مەملىكىتمىز خەلقىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا، كەلگۈسى گۈزەل تۇرمۇش بەرپا قىلىشقا ئۈمىدۋار بولغانلىقىغا شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىگە قارىتا ئىشەنچكە تولغانلىقىغا چىن يۈرىكىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.
   بىر يىلدىن بۇيان، كەڭ تورداش دوستلار توردىن ئىبارەت بۇ سۇپا ئارقىلىق، شىنجاڭغا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلدۈڭلار ۋە زور كۈچ بىلەن قوللىدىڭلار، شىنجاڭغا ئىلھام بېرىپ، شىنجاڭ ئۈچۈن تەكلىپ-پىلان كۆرسەتتىڭلار، قىزغىنلىقىڭلار ھەر مىللەت خەلقنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى، قوللىشىڭلار ئالغا بېسىشىمىزغا كۈچ قوشتى. سىلەرگە چىن يۈرىكىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن ۋە سىلەرگە بەخت تىلەيمەن!
   2012-يىلغا نەزەر تاشلىغىنىمىزدا، بىز ئىشەنچكە، ئۈمىدكە تولىمىز. سەپىرىمىزدە بىز قول تۇتۇشۇپ، ئورتاق نىيەت، ئورتاق پىكىر، ئورتاق يۆنىلىش ۋە ئورتاق كۈچ بىلەن شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى بەرپا قىلايلى!
   چاغان يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا، چىن يۈرىكىمدىن كەڭ تورداش دوستلارنىڭ يېڭى يىلىنى تەبرىكلەيمەن، تېنىڭلار سالامەت، ئىشلىرىڭلار ئوڭۇشلۇق بولغاي!
  
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن
  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى نۇر بەكرى
  2012-يىل يانۋار