Tursunniyaz يوللانغان ۋاقتى 2011-9-22 23:34:31

ئەي روھلان، خاتىرە كۈنۈڭگە مۇبارەك بولسۇن!

روھلاننىڭ ئۈچ يىللىق خاتىرە كۈنىگە ئاتاپ تۆۋەندىكى شېئىرنى يىزىپ باقتىم،
تۆۋەندىكى شېئىرىم ئارقىلىق روھلاننىڭ ئۈچ يىللىق خاتىرە كۈنىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن!

ئەي روھلان، خاتىرە كۈنۈڭگە مۇبارەك بولسۇن!
سەن قۇرۇلغان ئۈچ يىل ئىلگىرى،
بۈيۈك نىشاننى ڭۆڭلۈڭگە پۈكۈپ؛
بىر ئۆمۈر گۈللىنىپ راۋاجلانغايسەن،
خاتىرە كۈنۈڭگە مۇبارەك بولسۇن!.

قارىسام ئۈچ يىلغا تۇشۇپسەن بۈگۈن،
سەن تىخى بۇۋاق مەنزىلىڭ مۈشكۈل؛
كۆز تەگمەس بىرئۆمۈر ئىسىل نامىڭغا،
خاتىرە كۈنۈڭگە مۇبارەك بولسۇن!

نامىڭدىن روھلىقىڭ چىقىدۇ سىنىڭ،
ئۈزۈن يىل ساقلىغايسەن نامىڭنى شۇنداق؛
سەن ئۈچۈن ھەر ۋاقىت قولۇم كۆكسۈمدە،
خاتىرە كۈنۈڭگە مۇبارەك بولسۇن!

ھەر ۋاقىت بولغايسەن روھلۇق ھەم جۇشقۇن،
بىلىمنى ھەم تۇتقايسەن ئۆزىڭگە ھەمراھ؛
بىلىمگە ھىرىسمەنلەر ئۈچۈن قۇچاق ئاچقايسەن،
خاتىرە كۈنۈڭگە مۇبارەك بولسۇن!

ئەي روھلان،مۇنبىرنىڭ بىلىمگە تولسۇن،
كەلگۈسىدىمۇ ھەم شۇنداق روھلىنىپ تۇرسۇن؛
خاسلىقنى ساقلىغىن يەتكۈزگىن بىلىم،
خاتىرە كۈنۈڭگە مۇبارەك بولسۇن!تورداشلارنىڭ شېئىرغا نىسبەتەن تەنقىدى پىكىر ھەم تەكلىپ بىرىشىنى سەمىمى ئۈمۈد قىلىمەن.


http://www.rohlan.biz/xwb/images/bgimg/icon_logo.png ماس قەدەمدە ئەۋەتىلدى Tursun007نىڭ مىكرو بلوگى

ADiL يوللانغان ۋاقتى 2011-9-23 20:01:27

بارلىق كۈچىمىزنى چىقىرىپ تورداشلارنىڭ روھلاندىن كۈتكەن ئۈمىدىنى يەردە قويمايمىز .
روھلاننى قوللاپ كېلىۋاتقان باشقۇرغۇچىلار ۋە ئەزالارغا كۆپتىن-كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز .

سەلكىن01 يوللانغان ۋاقتى 2012-10-1 19:34:02

سىزنىڭ كومپيۇتېر مۇتەخەسىسى ئىكەنلىكىڭىزنى ھەممە تورداشلار بىلىدۇ. شېئىرىيەتتىمۇ بۇنداق كارامىتىڭىز بارلىقىنى بىلىدىغانلار ئاز. مەن سىزنىڭ كۆپ قىرلىق ئىقتىدارىڭىزغا تولىمۇ قايىل.تارىختا ئۆتكەن نۇرغۇن ئالىملارنىڭ، مۇتەپەككۇرلارنىڭ باشقا كەسپ، ساھەدە نامى چىقىپلا قالماي، شېئىر يېزىش جەھەتتىكى تۆھپىسىمۇ ئۇلارنى جاھانغا تونۇتقان. نوبىل ئۆمرىدە پارتلاتقۇچ بىلەنلا ھەپىلىشىپلا قالماي، شېئىر يېزىش بىلەنمۇ ئىزچىل شوغۇللىنىپ، ئەدەبىيات ساھەسىدىكىلەرنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشكەن. مەن بۇ شېئىرىڭىزنى ياقتۇردۇم. داۋاملىق تۈردە يېزىپ، قەلەم- قۇۋۋىتىڭىزنى ئاشۇرۇپ، بۇ ساھەدىمۇ زور شۆھرەتكە نائىل بولغايسىز...
بەت: [1]
: ئەي روھلان، خاتىرە كۈنۈڭگە مۇبارەك بولسۇن!