روھلان تورى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 3 يىللىقىنى تەبرىكلەيمىز
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تورداشلار !ھەممىمىزگە مەلۇم، روھلان تور بېكىتى 2008-يىل 9-ئاينىڭ 26-كۈنى سىرتقا قارىتا ئېچىۋېتىلگەن ئىدى .
روھلان تورى رەسمىي ھالدا تورداشلارغا سۇنۇلدى!
http://bilim.rohlan.biz/thread-34-1-1.html
2009-يىل 7-ئايغا كەلگەندە سىرتقى تورنىڭ تىزگىنلىنىشى سەۋەبلىك، مۇلازىمىتىرنىڭ ئىچكىرىدە بولۇشى تۈپەيلى روھلان تور بېكىتى ئارىلىقتا ئالاھېزەل 6 ئاي ئەتراپىدا ئېچىلمىدى، 2010-يىلى 1-ئايغا كەلگەندە شىنجاڭ ئىچىدىن بوشلۇق ئېلىپ مۇنبەر ئېچىشقا مۇمكىن بولمىغانلىقتىن تورداشلارنىڭ ھاجىتىدىن چىقىدىغان ماقالە بەت سىستېمىسىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈپ، خاسلىقىمىزنى داۋاملىق جارى قىلدۇردۇق، ئەسلىدىكى www.rohlan.cn تور نامىنىڭ ئىزچىل نورمال بولماسلىقى سەۋەبلىك2010-يىلى2-ئايدا www.rohlan.biz تور نامىنى سېتىۋالدۇق ھەمدە بوشلۇقىمىزنى ۋە بېكەت سىستېمىمىزنى يەنە بىر قېتىم ئالماشتۇرۇپ، http://rohlan.cn/index.aspx بۇ باش بەتنى تەييارلىدۇق ھەم بۇ باش بەتنى تاكى سىرتقى تور ئېچىلىپ 2010-يىلى 6-ئايغىچە داۋاملىق ئىشلەتتۇق، 2010-يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى ئىلگىرىكى زاپاس ساقلانغان ساندان ئاساسىدا ئىلگىرىكى مۇكەممەل روھلان مۇنبىرىمىزنى تولۇق ئەسلىگە كەلتۈرىۋالدۇق .
يۇقارقىلار بىزنىڭ مۇشۇ ئۈچ يىل جەريانىدىكى ئاساسلىق مۇساپىمىز ۋە ئۇچرىغان قىيىنچىلىقلىرىمىز ھېسابلاندى .بۇ ئۈچ يىل جەريانىدا ئىزچىل روھلان تور بېكىتىگە كۈيۈنۈپ، روھلان تور بېكىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلغان، روھلان تور بېكىتىدىكى يازمىلارنىڭ پايدىلىنىش قىممىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز ئىزدەنگەن بىر تۈركۈم خالىس تۆھپىكارلىرىمىز مەيدانغا كەلدى .
مانا ئەمدى ھەشپەش دېگۈچە روھلان تور بېكىتى قۇرۇلۇپ، تورداشلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقىلىمۇ ئۈچ يىل بولۇپ قاپتۇ، شۇڭا بېكىتىمىز بۇ ئۈچ يىللىق خاتىرە كۈننى ئاددى بولسىمۇ تەبرىكلىمەكچىمىز .
خاتىرىلەش پائالىيتىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:
1. ئۈچ يىلدىن بۇيانقى تۆھپىكار ئەزالار (باشقۇرغۇچىلار) نى مۇكاپاتلاش .
2. مەخسۇس سەھىپە ئاجرىتىپ، بۇ قۇتلۇق كۈنگە ئاتاپ ئېسىل تېمىلارنى يوللاش ، بۇ تېمىلارنى تاللاپ مۇكاپاتلاش، تېما ئېگىسىنى مۇكاپاتلاش .
مەخسۇس سەھىپە ئاجرىتىلدى، مۇشۇ تېما يوللانغان روھلان قۇتلۇق كۈنىسەھىپىسىگە يولانسا بولىدۇ .
يولىنىدىغان تېمىلارنىڭ سانى ، ژانىرى، شەكلى، ئۇسلۇبى چەكلەنمەيدۇ، ئەدەبىي ئەسەر بولسىمۇ، دېتال، دەرسلىك، ماقالە بولسىمۇ، photoshup, 3d, flash... لايىھە ئەسەرلىرى بولسىمۇ بولىدۇ . (دېققەت: خەۋەر بولسا بولمايدۇ)
3. تۆھپىسى كۆرۈنەرلىك بولغان ئەزالارغا مەخسۇس ئىشلەنگەن مېدال تارقىتىش .
4.روھلان قۇتلۇق كۈنى گە ئاتالغان مەخسۇس مۇشائىرە تەسىس قىلىش (بۇنى مۇنبەردىكى شائىرلىرىمىزغا ئىلتىجا قىلىمىز ئەلۋەتتە)
5. مەزكۇر تېمىغا قاتنىشىپئورۇنلۇق ئىنكاس يازغان ئىنكاسچىلاردىن تەلەيلىك ئىنكاسنى تاللاپ چىقىپ، تەلەي ئوردىنى تەغدىم قىلىش .
6. تورداشلار ۋە ھەر قايسى ئىدارە-ئورۇن، شىركەت، كارخانىلارنىڭ بۇ پائالىيەتنى قوللاش ۋە تەبرىكلەش يۈزىسىدىن بېرىدىغان باشقا تەكلىپ-پىكرىۋە ياردىمى بولسا خوشاللىق بىلەن قۇبۇل قىلىمىز .
ھۆرمەت بىلەن روھلان تور بېكىتى
http://www.rohlan.biz/xwb/images/bgimg/icon_logo.png ماس قەدەمدە ئەۋەتىلدى ADiLنىڭ مىكرو بلوگى
http://www.rohlan.biz/xwb/images/bgimg/icon_logo.png ماس قەدەمدە ئەۋەتىلدى ADiLنىڭ مىكرو بلوگى روھلان تورىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 3يىللىقىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.روھلان تورى قۇرۇلغان 3يىلدىن بۇيان نۇرغۇن ئەگىرى توقايلىقلارنى باشتىن كەچۈرۈپ،كەڭ تورداشلارنىڭ خىزمەت ۋە كومپېيوتېر ساھەسىدە ئوچىرغان قىيىنچىلىقلىرنى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ،كومپېيوتېر ۋە خىزمەتتىكى نۇرغۇن يۈكلەرنى يىنىكىلىتىپ،كەڭ تورداشلارغا نۇرغۇن قۇلايلىقلارنى ئېلىپ كېلىش بىلەن بىرگە ئۇستازلارنىڭ ئۆز بىلىملىرنى نامايەن قىلىپ،ھەۋەسكارلارنى تەربىيلەيدىغان ياخشى بىر سەھنە بۇلۇپ كەلدى،روھلان تورىنىڭ كەلگۈسىنىڭ تېخىمۇ پارلاق،ئاتاماننىڭ تۇرمۇشنىڭ ئۇتۇقلۇق بۇلۇشىنى ئۈمىت قىلىمەن.
دىۋاندا ئولتۇراي دىسەم 1-قەۋەت ھىچ كۆرۈنمەيدىغۇ.قەيەرگە مۈكۈۋالغاندۇ ‹‹ روھلان ›› مۇنبىرى ____ بېكەت قۇرۇلغاندىن تارتىپ تا ھازىرغىچە كەڭ ئۇيغۇر تورداشلارنى جۈملىدىن كومپىيوتېر ھەۋەسكارلىرى ۋە مائارىپنىڭ ئالدىنقى سېپىدە ئوقۇتۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان جاپاكەش باغۋەنلەرنى ئاممىباپ ھەم ئىشلىتىشكە قولايلىق كومپىيوتېر بىلىملىرى ۋە مائارىپقا ئالاقىدار تۈرلۈك يېڭى ئۇچۇرلار بىلەن ھەقسىز تەمىنلەپ ئۇيغۇر كومپىيوتىرچىلىقى شۇنداقلا ئۇيغۇر مائارىپىغا ئۈن-تىنسىز تۆھپە قوشۇپ كەلمەكتە .
مانا ‹‹ روھلان ›› تورىنىڭ قۇرۇلغىنىغا 3 يىل تۇشۇشقا ئاز قالغان مۇشۇ قۇتلۇق كۈنلەردە 3 يىلدىن بۇيان ‹‹ روھلان ›› تورىنى ئىزچىل قوللاپ كېلىۋاتقان مىھنەتكەش پىشقەدەم باشقۇرغۇچىلار ۋە تۆھپىكار ئەزالارغا سەمىمىي ھۆرمىتىمنى بىلدۈرىمەن . ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم
روھلان تورىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 3يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز مەن بۇ تۇربەتكە ئەزابولغان قىسقىغىنە1 نەچچە ئاي ئىچىدوخىلى نۇرغۇنلىغان بىلىملەرگە ئىگە بولدۇم .
مەن بەزىدە بۇ توربەتكە نىمىشقا بالدۇرراق ئۇچراتمىغان بوغىتتم دەپ ئويلاپ قالىمەن.
كۇندىن-كۇنگە روھلان روھلان
كۇندىن-كۇنگە يۇكسەل روھلان
كۇندىن-كۇنگە چوڭايروھلان
كۇندىن-كۇنگە ئۆرلە روھلان
كۇندىن-كۇنگە روھلۇق ھالدا يىڭى قەدىمىڭنى باس روھلان
ئاتاماننىڭ تۇرمۇشنىڭ ئۇتۇقلۇق بۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن
بىر قەۋىمدە بولمىسا شۇ ئاتامان
شۇ قەۋىم بۇلغۇسى بىركۇن ھالاك
بەزىگەپلەرنى تازا قاملاش تۇرالماي قالدىم مازاق قىلماڭلا جۇمۇ!
روھلۇق ياشىسۇن روھلان !{:soso_e181:} ياخشى گەپ بوپتۇ بۇ ، روھلان بىردەمدە 3ياشقا كىرىدىكەندە؟! بىزنىڭ ئىشخانىدىكى بىر خىزمەتدىشىم بىلەن بىر كۈندە دۇنياغا كەپتىكەن بۇ «روھلان»جان، خىزمەتدىشىم بۇ يىل 41 ياشقا كىرىدىكەن. بايا بۇ تېمىنى كورۈپ ئولتۇرسام ، مەن 41 ياشقا كىرگىنىم بىلەن مېنى بىلىدىغانلار قانچىلىك چىقار؟! لېكىن ئەمدىلا 3ياشقا كىرىۋاتقان روھلاننى بىلىدىغانلار ھەممە يەردە بار ئەمەسمۇ ؟ دەيدۇ . {:soso_e128:} O(∩_∩)O ھاھا~، بۇ دېۋان مېنىڭ بولدى!
arkinjuma ئەپەندىم 2011-9-20 21:17 دە دېۋان تالىشىش ئىشلىتىپ ئېرىشكەن. ‹‹روھلان››نىڭ ئۈچ ياشقا كىرگەنلىكىنى تەبرىكلەيمەن. ‹‹روھلان››نىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى قاچان ئۆتكۈزۈپ بېرىسىز ئاتامان؟