Taranchi يوللانغان ۋاقتى 2011-7-26 12:19:22

ياردەم سوراش ھەققىدە ساۋاد

ئەسسالاممۇ ئەلەيكوم ھۆرمەتلىك تورداشلار ياخشىمۇسىلەر :
ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىنىڭ كۈندىن - كۈنگە كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ مۇنبەردىن پايدىلىنىدىغانلارمۇ بارغانسىرى كۆپەيمەكتە ، بۇ ناھايىتى ياخشى ئەھۋال ھەر قايسى مۇنبەرلەردىن ئۆزىڭىز ئۇچىرغان بەزى بىر مەسىلىلەرنى تورغا يەنى مۇنبەرگە چىقىرىپ تورداشلارنىڭ توغرا يول كۆرسىتىشنى ئۈمىد قىلغاندا سىزمۇ بۇ ھەقتە بىر ئىككى ئىشقا دىققەت قىلىشڭىز كىرەك .
سىز سورىغان شۇ ياردەم نىمە توغۇرلۇق ، كومپىيۇتىر بىلىملىرى ياكى ھەرخىل ساغلاملىق بىلىملىرى بولسا شۇ ماس مۇنبەرگە كىرىپ يوللاڭ ، بۇنىڭ ئۈنۈمى تىخىمۇ تىز بولىدۇ .
مەسلەن كومپىيۇتىر بىلىملىرى بولسا سىز يولۇققان شۇ مەسىلىنى ئىنىق يىزىق ، بىرەر دىتال قوزغالماي خاتالىق ئۇچۇرلىرى چىققان بولسا شۇ خاتالىق ئۇچۇرنى ئىنىق بىلىۋىلىپ ئاندىن شۇ بويىچە مۇنبەرگە يوللاڭ ، سىز يولۇققان شۇنداق مەسىلىلەرنى ئىنىق ئايرىۋىلىپ بەزى بىر زۆرۈر نەرسىلەرنى ئىنىق خاتىرلىۋىلىپ مۇنبەرگە يىزىڭ ، ئۇنداق ماڭا ياردەم كىرەك دەپلا ئىنىق ئۇچۇرلارنى يازمايلا يوللىسىڭىز ، ھەر قايسى ئۇستازلار سىزنىڭ مەسىلىڭىزگە توغرا ياخشى جاۋاپ بىرەلمەيدۇ ، مەسلەن بىرەر كومپىيۇتىر سىستىمىسىنىڭ سىزنىڭ كومپىيۇتىرىڭىزغا ماس كىلەمدۇ يوق شۇنى سورىماقچى بولسىڭىز ئەڭ ئاۋال قىلىدىغان ئىشىڭىز سىزنىڭ كومىيۇتىرىڭىزنىڭ تۈرلۈك كومپىيۇتىر سەپلىمىلىرىنى ئىنىق يىزىشىڭىز شەرىت. 我的电脑 - 属性نىڭ ئىچىدە Cpu 内存قاتارلىق زۆرۈر ئۇچۇرلار چىقىدۇ يەنە كۆرسىتىش كارتىسىنى سىز 运行- dxdiag نى كىرگۈزۈپ كومپىيۇتىرىڭىزنىڭ بىر قىسىم سەپلىمىسىنى ئىنىق بىلىۋىلىپ ئاندىن ياردەم سوراڭ ، بولسا چىققان ھەربىر خاتالىقنى ئىكراننى رەسىمگە تارتىش قورالى بىلەن سۈرەتكە تارتىپ ئاندىن يوللاڭ .
مۇنبەرلەرگە دىتال يوللاش ھەققىدە ساۋاد
مۇنبەرلەرگە بىرەر پايدىلىق دىتالنى يوللىغاندا ، ئەڭ ئاۋال ئۆزىڭىز ئىشلىتىپ سىناپ باققان نۇسقىسىنى يوللىسىڭىز ياخشى بولىدۇ ، ئۇنداق بولۇشقا ئىمكانيەت بولمىسا بولسا ئىشەنچىلىك تور بىكەتلەرگە كىرىپ دىتال ھەققىدە ئىزدىنىپ بىقىڭ ، يولىغاندا دىتالنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئىنىق يىزىڭ ئۇنىڭ سىغىمى ۋە تىل يىزىقىنى ئىنىق يىزىڭ ، دىتال قاچىلاش جەريانىدا باشقىچە ئالاھىدە ئەھۋال بولمىسا ئەسكەرتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ ، مەسلەن تىزىملىتىش نومۇرى دىگەندەكلەرنى سوراپ قالسا يەنە ئىش چىقىپ قالىدۇ .
سۈرەتلىك ئۈن - سىن يوللاش ھەققىدە ساۋاد
بىرەر كىنو ياكى ناخشىلارنى يوللىغاندا ئۇنىڭ ئادىرسىنىڭ توغۇرلۇقىغا ھۆكۈم قىلىشىڭىز كىرەك ، ھەقىقەتەن توغرا دەپ قارىغاندا ئاندىن مۇنبەرلەرگە ئۇلىنىش قىلىپ يوللىسڭىزمۇ كىچىكمەيسىز . ئاندىن بىر تىمىغا بىر تال قىسقا فىلىم ياكى بىر تال ناخشا يوللايدىغان ئىشنى ئامال بار قىلماڭ ، يوللىسىڭىز جىقراق يوللاڭ ، ياكى < ئاز ساز >
دىگەن قائىدىنى ئىشلىتىڭ
ھىكايە ياكى باشقا ئەسەرلەرنى يوللاش ھەققىدە ساۋاد
بۇ توغۇرلۇق جىق توختالمىساممۇ بۇ سەھىپىدە مەخسۇس بىر قىلىپ يوق ، تورداشلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكى ئارقىلىق پۈتۈپ چىقىدىغان نەرسە لىكىن شۇ ئىملا خاتالىقىغا قاتتىق دىققەت قىلسا ئەسەرلەر تىخىمۇ گۈزەل تۈسكە كىرىدۇ .
تىمىنى كۆرگۈچى ھەققىدە
تىمىنى كۆرۈپ ئولتۇرۇغان بارلىق دوسلار ياردەم تىمىلىرى بولسا كۈچىڭىزنىڭ يىتىشىچە ياردەم قىلىڭ ، ئەگەر ياردەم قىلالمىسىڭىز زۆرۈر ئۇچۇرلارنى تەمىنلەپ بىرىڭ ، ئۇ ئىمكانىيەتمۇ بولمىسا ئەڭ ياخشى ئىنكاس يازماڭ ، ئۇنداق زورلاپ بىر تال ئىپادە ياكى باشقىچە گەپلەرنى قىلسىڭىز ياردەمگە ئېھتىياجلىق ئادەمگە تىتىمايدۇ ھەم تىرىكىپمۇ قالىدۇ
ھەرقانداق تىمىغا ماس كەلگۈدەك ئىنكاس يىزىڭ ، ئۇنداق رەھمەت ، ياخشى دىگەندەك پۇچەك ئىنكاس يازماڭ .
مانا مۇشۇنداق ئىشلارغا ئاز تولا دىققەت قىلغاندىلا ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىنىڭ كەلگۈسى تىخىمۇ پارلىق بولىدۇ .

ADiL يوللانغان ۋاقتى 2011-7-26 12:30:38

بارلىق مۇنبەرلەردە ئورتاق كۆرۈلىۋاتقان چوقۇم ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز .
مۇنبەرلەردە بىرەر ئىشتىن ياردەم سورىماقچى بولسا تېمىنىڭ ماۋزۇسىن « جىددى ياردەم»، « ماڭا ياردەم كېرەك» ، «ۋاي ياردەم قىلىڭلار»،.... دەپلا ماۋزۇ قۇيۇپ تېما يوللايدىغانلار، تېمىنىڭ ماۋزۇسى بىلەن مەزمۇنى ماس لەلمىسىمۇ كارى بولمايدىغانلار، كومپيۇتېرغا ئائىت تېمىنى ئەدەبىيات سەھىپىسىگە يوللايدىغانلارمۇ بەكلا كۆپ ھازىر .

مېھرى يوللانغان ۋاقتى 2011-7-26 12:41:15

بۇ تېما چوققىلاپ قويغۇدەك تېما بوپتۇ . ھەممەيلەن دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر ئىكەن . تارانچىنىڭ ئەجرىگە رەھمەت!

kalkvn117117 يوللانغان ۋاقتى 2012-1-7 16:39:31

تەپسىلى بايان قىلىغاندىلائېھتىياجلىق جاۋاپقا ئېرشىكلى بولدۇ .

پەخرى يوللانغان ۋاقتى 2012-1-12 15:17:22

ھەقىقەتەن دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز .

فەرياد يوللانغان ۋاقتى 2012-3-16 12:55:43

راس ياخشى تېما بوپتۇ   ھەممە نەرسىنى ئارلاشتۇرۋەتمەي تۈرى بويىچە يوللاش كىرەك ئەلۋەتتە....

DELL1 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-31 01:23:36

راسىت دىققەت قىلىش كىرەك ئىكەن ، ياردەم تىمىسىنى چوقۇم ياخشى تالىساق ، روھلانداشلانىڭ تىزدىن ئىكاس يىزىپ مەسلىنى ھەل قىلىش چارىسنى تىز تاپالايمىز ، بولمىسا ۋاقىت ئۇزۇراپ كىتپ قالىدۇ ،

abdukadir يوللانغان ۋاقتى 2013-3-2 20:08:12

راس گەپنى قىلىپسىز ،ئەلۋەتتە كېسەلگە قاراپ دورا بېرىش كېرەكتە

بابابا يوللانغان ۋاقتى 2013-3-9 13:10:38

راس ياخشى تېما بوپتۇ   ھەممە نەرسىنى ئارلاشتۇرۋەتمەي تۈرى بويىچە يوللاش كىرەك ئەلۋەتتە....

بابابا يوللانغان ۋاقتى 2013-3-13 18:47:53

راس ياخشى تىما بۇلۇپ تۇ
بەت: [1] 2
: ياردەم سوراش ھەققىدە ساۋاد