ADiL يوللانغان ۋاقتى 2011-2-18 20:43:30

تېما، ئىنكاس يوللىغۇچىلار دېققىتىگە-چوقۇم كۆرۈڭ

ئالدى بىلەن بارلىق تورداشلارنىڭ تېنىنىڭ سالامەت، ئىشلىرىنىڭ ئۇتۇغلۇق بولۇشىنى تىلەيمەن .
ئەمدى تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى بىر مىنۇت ۋاقىت چىقىرىپ تولۇق ئوقۇپ چىققايسىز ۋە بۇندىن كېيىنكى روھلان تورىنى زىيارەت قىلىش، تېما ئىنكاس يوللاشتا مۇشۇ نۇقتىلارغا دىققەت قىلغايسىز .
بىز ئىلگىرى بىر نەچچە قېتىم   [تەلەپ]روھلان مۇنبىرىگە قانداق تېمىلار يوللانمايدۇ ؟! ۋە    تېما يوللىغۇچىلارغا جىددى تەكلىپ قاتارلىق تېمىلارنى ئىنكاس قىلغان بولساقمۇ بىر قىسىم ئەزالاردا يەنىلا مەسىلە ساقلىنىۋاتىدۇ .
نۆۋەتتە تور بېكىتىمىزنىڭ بوشلۇقى شىنجاڭ ئىچىدىكى مۇلازىمىتىرغا كۆچۈرۈپ كېلىندى، ئېچىلىش سۈرئىتىنىڭ تېزلەشكەنلىكىدىن بۇنى ھېس قىلالايسىلەر، شىنجاڭنىڭ تور بېكەت ۋە مۇلازىمىتىرلارغا بولغان باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى بىر قەدەر چىڭ، شۇڭا تۆۋەندە يەنە بىر قېتىم بارلىق ئەزالارغا تېما يوللاش ۋە ئىنكاس يوللاش ھەققىدە بىر قېتىملىق ئەسكەرتىش بەرمەكچى .

ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى،روھلان تور بېكىتى ھەرگىزمۇ نېمىنى ئاڭلىساق، نېمىنى كۆرسەك ئۇدۇللا يوللايدىغان تور بېكەت ئەمەس، بىزئاتالمىش «ئۇيغۇرلاردىكى ئەڭ چوڭ، ئۇيغۇرلاردىكى ئەڭ داڭلىق، ھەممە نەرسە تېپىلىدىغان، داڭلىق ئۇنىۋېرسال تور بېكەت ئەمەس» بەلكى كومپيۇتېر، تور، قاتتىق ۋە يۇمشاق دېتال ، مائارىپ، دەرسلىك-ماتېرىيال، ئىجادىيەت، لايىھە،... لەرنى يوللاشنى ئاساس قىلغان ، باشقا قانۇن-نىزاملار ۋە مۇھىم ، ھەقىقى ئۇچۇرلارنى تەمىنلەشنى قۇشۇمچە قىلغان تور بېكەت .
شۇڭا يوللىماقچى بولغان مەزمۇندا ھەر قانداق بىر سەزگۈرگەپ-سۆز بولغان تېما ئىنكاسلارنى يوللاشنى بىردەك چەكلەيمىز ، پايدىلىنىش قىممىتى يوق، چۈشىىكسىز، رەھمەت، يەنە برمۇ، كىم ياردەم قىلىدۇ، دېگەندەك مەزمۇندىكى تېما ئىنكاسلارنى تەستىقلىمايمىز .

مەزمۇننى قايتا تەكرارلاپ يۈرمەي، ئالدىنقىقېتىم يوللانغان تېمىلاردىنلا نەقىل قالدۇراي .

يوللاش چەكلەنگەن مەزمۇلار تۆۋەندىكىچە:
1. دۆلەتنىڭ قانۇن-نىزاملىرىدا ۋە سىياسەتلىرىدە چەكلەنگەن مەزمۇنلار.
2. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان،مىللەتلەر ئارىسىدا سوغۇقچىلىق پەيدا قىلىدىغان، زىددىيەت پەيدا قىلىدىغان تېمىلار ۋە ئىنكاسلار .
3. دىنغا ئائىت، ئېنىق مەنبەسى بولمىغان تېمىلارۋە ئىنكاسلار، ئېنىق مەنبەسى يوق خەۋەر ئۇچۇرلار(ئەسلى مەنبەسى ھۆكۈمەت تور بېكىتى بولمىسا يوللىمايلا قۇيۇڭ).
4. كۆچۈرۈلمە تېمىلار (پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى بولمىغان خەەر ئۇچۇر تىپىدىكى تېمىلارۋە ئىنكاسلار)، كۆچۈرۈلگەنلىكى ئېنىق تۇرسىمۇ ئەسلى مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن تېمىلارۋە ئىنكاسلار .
5. ئۆزىنىڭ ئىجادىيتى ئەمەسلىكى ئېنىق تۇرسىمۇ ئەسلى ئېلىنغان كىتاب-ژورنال ۋە ئاپتۇر ئىسمى ئەسكەرتىلمىگەن تېمىلارۋە ئىنكاسلار .
6. ئېنىق مەنبەسى بولمىغان، راستچىللىق دەرىجىسى تۆۋەن بولغان ياكى بۇرمىلانغان تارىخى يازمىلار ۋە رەسىملەر .
7. مەنبەسى ئېنىق بولمىغان، شەھۋانىيلىق، بۇلاڭچىلىق، قاتىللىق، ئوغۇرلۇق تىپىدىكى رەسىملىك ۋە فىلىملىك ھۆججەتلەر، تېمىلار ۋە ئىنكاسلار
8. مۇنبەردىكى ئەزالار ئوتتۇرسىغا سوغۇقچىلىق سالىدىغان، ئىناقلىققا تەسىر يەتكۈزىدىغان تېما ۋە ئىنكاسلار
9. ئېلان خاراكتىرىنى ئالغان ئۇچۇر مەنبەلىرى، چۈشۈرۈش ئۇلانمىلىرى بولغان تېما ئىنكاسلار.
10....

يۇقارقىدەك تېمىلار يوللانغان ھامان ئۆچۈرۈلۈشتىن بۇرۇن ئاۋال شۇ تېما يوللىغۇچىنىڭ نۇمۇرى جازا شەكلىدە تۇتۇپ قېلىنىپ ئاندىن ئۆچۈرۈلىدۇ، ھەمدە بۇ ئەزاغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلىدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش قېتىم سانى 3 كە يەتسە بۇ ئەزانىڭ روھلان تور بېكىتىدىكى دەرىجىسى بىكار قىلىىنىپ، ئەزالىق نامى چەكلىنىدۇ .
ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارنىڭ ip ئادرىسى، يوللىغان ۋاقتى، .... قاتارلىق ئۇچۇرلىرى ج خ ئورۇنلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ .

باشقۇرغۇچىلارنىڭمۇ بۇندىن كېيىن تېما ، ئىنكاس تەستىقلىغاندا تېمىنى ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقىپ، چەكلەنگەن مەزمۇن بارلا تېما ئىنكاس بوپلسا ئىككىلەنمەي يۇقارقى تەدبىر بۇيىچە بىر تەرەپ قىلىىشنى، ھۆكۈم قىلالمىغان تېمىلار بولاس تەھرىرخفنىدا قۇيۇپ تۇرۇشنى تەۋسىيە قىلىمىز .
باشقۇرغۇچىلارنىڭ ھەر قانداق ۋاقىتتا مۇنبەر ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلغان ئەزالارنى جازالاش(مۇنبەر تەڭگىسى ۋە جۇغلانمىلىرىنى تۇتۇپ قېلىش)، IP ئادرىسىنى چەكلەش، ئەزالىق نامىنى چەكلەپ ياكى ۋاقىتلىق توختىتىپ قۇيۇش، ئاگاھلاندۇرۇش بېرىش ھوقۇقى بار .


http://www.rohlan.biz/xwb/images/bgimg/icon_logo.png ماس قەدەمدە ئەۋەتىلدى ADiLنىڭ مىكرو بلوگى

ablipiz يوللانغان ۋاقتى 2011-2-18 20:55:29

بولىدۇمەن بۇ قائىدە تۈزۈملەرگە ئاڭلىق بوي سۇنىمەن ،:handshake

مەن تىخى 1000 يۈەن مۇكاپاتنى ئالاي دەپ يۈگۈرەپ كىرىپتىمەن:lol:lol:lol

خانقا يوللانغان ۋاقتى 2011-2-18 21:35:08

تىمىنىڭ ماۋزوسى نىمانداق قاملاشقان . {:5_165:}
مەنمۇ چوقۇم دىققەت قىلىمەن .

surbora يوللانغان ۋاقتى 2011-2-18 21:35:51

ئورۇنلۇق تەكلىپ بۇلۇپتۇ.

ADiL يوللانغان ۋاقتى 2011-2-18 21:42:58

ئىنكاس قايتۇرۇش خانقا نىڭ يازمىسى

تېمىنىڭ ماۋزۇسى«تېما، ئىنكاس يوللىغۇچىلار دېققىتىگە-چوقۇم كۆرۈڭ » موشۇنداققۇ؟
لېكىن بېكەت تەۋسىيەسىگە ئاشۇنداق چىقارمىساق بەزى تورداشلار كۆرۈشتىن ئېرىنىپ يەنە تەكرار مەسىلە سادىر قىلىدۇ ئەمەسمۇ، شۇڭا پۇلغا قىزىقمايدىغان ئادەم بولمىغاندىكىن بارلىق تورداشلارنىڭ كۆرۈشى ئۈچۈن بېكەت تەۋسىيەسى ئېلىغان شۇنداق ماۋزۇ قويدۇق .:lol

arkambiz يوللانغان ۋاقتى 2011-2-18 22:31:17

ياخشى بوپتۇ مەن ئاكتىپلىق بىلەن رىئايە قىلىمەن

مۇرات يوللانغان ۋاقتى 2011-2-19 04:11:15

مەن قوللايمەن. ھەممىمىز بىر نىيەتتە روھلان توربىكىتىنىڭ ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلەيلى.

yulwas يوللانغان ۋاقتى 2011-2-19 10:01:17

مۇكاپاتى قىنى بۇنىڭ ؟مەن ئالدىنىپ قالدىممۇ قانداق؟

رۇسۇل يوللانغان ۋاقتى 2011-2-19 11:29:39

بولىدۇمەن بۇ قائىدە تۈزۈملەرگە ئاڭلىق بوي سۇنىمەن.
بۇ بولىدىغان تەكلىپكەن، مەن باشقىلارغىمۇ تەۋسىيە قىلاي!

ADiL يوللانغان ۋاقتى 2011-2-19 11:31:56

ئىنكاس قايتۇرۇش yulwas نىڭ يازمىسى

سىز تېمىنى تولۇق ھەم ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقىڭ، شۇندىلا «مۇكاپات»نىڭ قەيەردە ئېكەنلىكىنى بىلەلەيسىز .
بەت: [1] 2
: تېما، ئىنكاس يوللىغۇچىلار دېققىتىگە-چوقۇم كۆرۈڭ