ADiL يوللانغان ۋاقتى 2011-2-8 22:36:22

ئالبومغا رەسىم يوللاش چەكلەندى

مەن روھلان مۇنبىرىدىكى ئەزالارنى توردا ئۇچراتقان مۇھىم رەسىملىرىنى، ئۆزلىرى ئىشلىگەن لايىھەلەرنى، ئىمزاسىغا چىقىرىغان رەسىملىرىنى چىقىرىپ ئىشلەتسۇن دېگەن مەقسەت بىلەن،يېڭى تىزىملاتقان ئەزا تۈرىدىن باشقا ئەزالارنىڭ ئالبومغا رەسىم يوللاش ئىقتىدارىنى ئېچىۋەتكەن ئىدىم، ئەمما كىم بىلسۇن ، ئەزالارنىڭ تاپقانلا رەسىملەرنى روھلان ئالبومىغا يوللايدىغانلىقىنى:L ، كۆپىنچە ئەزالار نېمىلا رەسىم بولسا يوللاۋېرىپتۇ، قىممىتى بار رەسىملەرمۇ، قىممىتى يوق ئەخلەت رەسىملەرمۇ ناھايتى كۆپ، قىممتى يوق، ئەخلەت رەسىملەر ئومۇمى يوللانغان رەسىملەرنىڭ 80% قىسىمىنى ئېگەلەيدىكەن، ئەزالار ئالبومغا يوللىغان رەسىملەرنىڭ ئومۇمى سىغىمى 436 مىگابايتقا يېتىپ بوشلۇق ئومۇمى سىغىمىنىڭ % 25 تىنى ئېگەللەپ كەتكەن، بۇنداق ئەھۋالدا تور بېكەت بوشلۇقىمىز تور بېكەت ئۈچۈن قانداقمۇ نورمال ئىشلىيەلىسۇن . ئۇنىڭدىن باشقىمۇ بېكەتكە يوللىنىدىغان قوشۇمچە ھۆججەت ۋە قوشۇمچە رەسىملەر ئازمۇ؟
شۇڭا بوشلۇقتىكى ھۆججەتلەرنى تەكشۈرۈشتىن بۇنى بايقاپ، بۇ ئۇقتۇرۇشنى چىقاردىم،ئالبومغا يوللانغان بارلىق رەسىملەرنىڭ ھەممىسى ئۆچۈرۈلۈپ، پاكىز تازىلىنىدۇ، ساقلىۋالغان مۇھىم رەسىملەر بولسا2 كۈن ئىچىدە كومپيۇتېرىڭلارغا چۈشۈرۋېلىشىڭلارنى ئۇقتۇرىمىز .

ھۆرمەت بىلەن روھلان تور بېكىتى
2010-يىل 2-ئاينىڭ 8-كۈنى

http://www.rohlan.biz/xwb/images/bgimg/icon_logo.png ماس قەدەمدە ئەۋەتىلدى ADiLنىڭ مىكرو بلوگى

بارلىق ئەزا تۈرىدىكىلەر ئالبومىڭلارغا رەسىم يوللاپ سىناپ بېقىڭلار، رەسىم يوللاش ئىقتىدارى چەكلەنمىگەن بولسا خەۋەر قىلىپ قۇيارسىلەر ۋاقتىدا ئېتىۋېتەي، بۇ تور بېكىتىمىزنىڭ نورمال بولۇشى ئۈچۈن پايدىلىق .

kalgusi يوللانغان ۋاقتى 2011-2-8 22:42:25

مەنمۇ پەقەت لوگو،ئىلان رەسىمى،ئىمزا رەسىمنىلا قويۇپ،قالىغنى ئۆچۈرۋەتتىم،ئالدى بىلەن بىز باشقۇرغۇچىلار ئۈلگە بولايلى بۇ ئىشتا،روھلان مۇنبىرىنىڭ نورماللىقىنى ساقلايلى

ADiL يوللانغان ۋاقتى 2011-2-8 23:12:05

بارلىق ئەزا تۈرىدىكىلەر ئالبومىڭلارغا رەسىم يوللاپ سىناپ بېقىڭلار، رەسىم يوللاش ئىقتىدارى چەكلەنمىگەن بولسا خەۋەر قىلىپ قۇيارسىلەر ۋاقتىدا ئېتىۋېتەي، بۇ تور بېكىتىمىزنىڭ نورمال بولۇشى ئۈچۈن پايدىلىق .

nida يوللانغان ۋاقتى 2011-2-9 01:23:00

مەنچە بولسا تېما، ئىنكاس يوللىغاندىلا ئاندىن ئالبۇمغا سۈرەت چىقارغىلى بولسا، ئالبۇمغا ئۆزى ئايرىم سۈرەت چىقىرالمايدىغان بولسا ياخشى بولاتتىكەن. شۇنداق بولغاندا ئالبۇمغا يوللىغان سۈرىتى تېما، ئىنكاسىغا قوشۇلۇپ چىقىۋالغاندىن كېيىن، باشقىلارمۇ قالايمىقان سۈرەت يوللاشقا جۈرئەت قىلالمىغان بولاتتى.

kalgusi يوللانغان ۋاقتى 2011-2-9 01:53:19

روھلانجان،بىز سىزنىڭ بۇ چاقىرىقىڭىزغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشىمىز،بىراق ھازىر مۇنبەردە مۇنبەر تەڭگىسىگە ،شەخسى ئىمزا ئورنىغا رەسىم ئىشلىتىپ كىلىۋاتقانلار بار،بىز بۇ ئىمزادىكى رەسىمنى ئۆزىمىزنىڭ ئالبۇمىمىزغا يوللىغان ئىدۇق،(سىز ئۆز ۋاقتىدا شۇ ئالبۇمغا يوللاشنى تەۋسىيە قىلغان ئىدىڭىز)ئۇنداقتا ھازىر ئالبۇمدىكى رەسىملەر پۈتۈنلەي ئۆچۈرۈلسە،ئۇ ھالدا بىزگە ئوخشاش مۇنبەر تەڭگىسىگە سىتىۋىلىپ،شەخسى ئىمزاغا رەسىم ئىشلەتكەنلەر قانداق قىلىمىز؟شەخسى ئىمزاغا ئىشلەتكەن رەسىمنى ئايرىم رەسىم بوشلۇقىغا يوللاپ،ئاندىن شەخسى ئىمزاغا ئۇلىنىش قىلامدۇق؟(كۆپچىللىك نامىدا ئوتتۇرىغا قويدۇم)كۆرسەتمە بەرگەيسىز...

ADiL يوللانغان ۋاقتى 2011-2-9 04:02:48

ئىنكاس قايتۇرۇش kalgusi نىڭ يازمىسى

ئىمزا سېتىۋېلىپ رەسىملىك ئۇلانما قوشقانلارنىڭ ئىمزاسىغا ئىشلىتىدىغان رەسىمنى بىزگە ئەۋەتىدۇ، بىز بوشلۇققا چىقىرىپ، رەسىم ئادرىسى بىلەن تەمىنلەيمىز، بۇنىڭدىن خاتىرجەم بولۇڭلار .

xaxguy يوللانغان ۋاقتى 2011-2-9 10:09:17

ھى ھى ھى ھى ياخشىغۇ

مۇرادىل يوللانغان ۋاقتى 2011-2-9 11:03:53

بۇ نىڭغا مەنمۇ قۇشۇلىمەن!{:5_171:}

مۇرات يوللانغان ۋاقتى 2011-2-9 23:13:09

بۇ ياخشى بوپتۇ. مەن قوللايمەن.

روھلان يوللانغان ۋاقتى 2011-2-10 00:05:10

ھەقىقەتەن بۇ پىكىر ۋاقتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ . بىز مەخسۇس رەسىم يوللايدىغان بلوگ بېتى قۇرۇش ئەمەس كومپيۇتېر تور بىلىملىرى،دىتال، مائارىپ ماتىريالى ۋە ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلەيدىغان تور بېكەت بولغاندىكىن ئۇنى ئاساسىي ئورۇنغا قويمايمىز . بوشلۇقنى ئاسىرىمىساق بولمايدۇ .
بەت: [1] 2
: ئالبومغا رەسىم يوللاش چەكلەندى