ADiL يوللانغان ۋاقتى 2011-2-2 05:28:44

تېمىلىرىڭىزنىڭ زىيارەت سانىنى ئاشۇرۇشنى ئۆگىنىۋېلىڭ

تورداشلارغا مەلۇم يوللىغان تېمىلىرىمىز ئىنكاسسىز قېلىپ بېسىلىپ ئاستىنقى قەۋەتلەرگە چۈشۈپ قالسا نىمىشقا تېمىلىرىم باش بەتتە كۆرۈنۈپ تۇرمايدىغاندۇ دەپ ئويلاپ قالىمىز، تۆۋەندە مەن تېمىڭىزنىڭ زىيارەت سانىنى ۋە ئىنكاس سانىنى ئاشۇرۇش ئۇسۇلىنى سۆزلەپ ئۆتىمەن.
تېمىنى تاللاشقا ئەھمىيەت بېرىڭ
تېمىڭىز چوقۇم ناھايتى جەلب قىلارلىق، چۈشىنىشلىك بولغاي، «ماڭا ياردەم كېرەك»، «پالانىدىن ياردەم» ، «پالانى بارمىدۇ» ...دىگەندەك تېمىلارنى قويماڭ، يەنە بىرى باشقىلارنى جەلب قىلىمەن دەپ بولمىغۇر ئۇچۇرلارنى تېما قىلىۋالماڭ، تېمىڭىز قىسقا، مەنىلىك، جەلب قىلارلىق بولسۇن.
ئىنكاس يوللاشقىمۇ ئەھمىيەت بېرىڭ
تېمىسىنى كۆرگەندە ئۆز پىكرىڭىزنى يۈتىۋەتمەي ئىنكاس شەكلىدە قالدۇرۇڭ، بۇنىڭدا باشقىلار ئۆزلىرىگە قالدۇرۇلغان ئىنكاسىڭىزدىن سىز يوللىغان مەزمۇنلارنىمۇ كۆرىدۇ.
3. تېمىڭىزنىڭ رەتلىك، پاكىزە بۇلىشىغا ئەھمىيەت بېرىڭ
تېمىڭىز رەتلىك پاكىزە كۆرۈنۈپ تۇرسۇن، ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ئىملايىڭىز توغرا بولمىسا خەق بىر كۆرۈپلا چېكىنىپ چىقىپ كېتىدۇ.
4. مۇنبەر ئىقتىدارلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىڭ.
تەۋسىيە قىلىش، قىسقا ئۇچۇر قاتارلىقلار ئارقىلىق مۇنبەرداشلار بىلەن پىكىرلىشىڭ، باھا بېرىش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ ئەسەرلەرنى باھالاڭ، ساقلىۋېلىش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ مۇنازىرە تېمىلىرىنى ساقلاپ قويۇڭ.
5. QQ ، ئېلخەت قاتارلىق تور ئالاقە ئۈسكۈنىلىرى ئارقىلىق مۇنبەردىكى تېمىلىرىڭىزنىڭ ئادىرىسىنى دوستلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىڭ، شۇنىڭدا سىز بىلەن مۇنازىرلىشىدىغانلارنىڭ سانىمۇ ماس ھالدا كۆپىيىدۇ.
قېنى ھازىردىن باشلاپ سىناڭ.

ئەخمەت520 يوللانغان ۋاقتى 2011-2-4 10:13:01

ئوبدان يېزىپسىز رەخمەت بۇندىن كىيىنمۇ جېق جېق يېزىڭ

ADiL يوللانغان ۋاقتى 2011-2-4 14:10:26

ئىنكاس قايتۇرۇش ئەخمەت520 نىڭ يازمىسى

نېمىنى «جېق جېق » يازىمەن؟
بۇنى سىلەرنى بىلىۋالسۇن دەپ يېزىۋاتىمەن .

ئىزگۈ يوللانغان ۋاقتى 2011-2-4 21:44:10

{:5_171:}{:5_171:}{:5_171:}

ئەخمەت520 يوللانغان ۋاقتى 2011-2-5 21:23:54

ئاچچىقلانماڭ باشلىق ئىلھامىڭىزنى ئاشۇرۇپ قوياي دەپ ئىنكاس يوللاپ سەپتىمە{:5_163:}

ADiL يوللانغان ۋاقتى 2011-2-5 23:05:21

ئىنكاس قايتۇرۇش ئەخمەت520 نىڭ يازمىسى

بۇنچىلىك گەپلەرگە ئاچچىقلىنىپ يۈرسەك بۇ ئالەمگە جان توشىمايدۇ .
{:6_145:}

0998bulak يوللانغان ۋاقتى 2011-2-7 01:57:25

ئىنكاس قايتۇرۇش ADiL نىڭ يازمىسى

قوللايمەن

titanic925 يوللانغان ۋاقتى 2011-2-13 15:03:14

روھلان ئەپەندىمرەھمەت (روھلان ئەپەندىم سىزگەبىرسوز قالدۇراي ............. ئۈزىڭىزنى ئاسراشنى ئوگىنىڭ )
                                                   باشقلارمۇ شۇنداق .....................

ADiL يوللانغان ۋاقتى 2011-2-13 15:17:20

titanic925 يوللانغان ۋاقتى2011-2-13 15:03 static/image/common/back.gif
روھلان ئەپەندىمرەھمەت (روھلان ئەپەندىم سىزگەبىرسوز ق ...

(روھلان ئەپەندىم سىزگەبىرسوز قالدۇراي ............. ئۈزىڭىزنى ئاسراشنى ئوگىنىڭ )


بۇ گېپىڭىزنى چۈشىنەلمىدىم .

Meptun يوللانغان ۋاقتى 2011-2-22 01:07:50

ADiL يوللانغان ۋاقتى2011-2-13 15:17 static/image/common/back.gif
بۇ گېپىڭىزنى چۈشىنەلمىدىم .

كېچىچە كومپيۇتېر ئالدىدا يۈرىۋەرمەي ۋاقتىدا ئۇخلاڭ دىمەكچىدۇ .{:5_163:}
بەت: [1] 2
: تېمىلىرىڭىزنىڭ زىيارەت سانىنى ئاشۇرۇشنى ئۆگىنىۋېلىڭ