ADiL يوللانغان ۋاقتى 2011-1-7 13:49:09

تېما يوللىغۇچىلارغا جىددى تەكلىپ

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، روھلان تور بېكىتىنىڭ ئەزىز زىيارەتچىلىرى:
تور بېكىتىمىزنى ئۇزۇندىن بۇيان قوللاپ ۋە ياقتۇرۇپ زىيارەت قىلپ كەلگىنىڭلارغا كۆپتىن-كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز .
يېقىندىن بۇيان ئەزالارنىڭ مۇنبەرگە پايدىلىق تېما يوللاش ئاكتىپچانلىقىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرلىشىگە ئەگىشىپ بىر قىسىم تەسىرى ياخشى بولمىغان تېمىلارمۇ ئېقىپ كىرىشكە باشلىدى.
ئاۋال تورداشلار سەمىگە ئەڭ ئاۋال شۇنى ئەسكەرتىمىزكى، روھلان تور بېكىتى ھەرگىزمۇ نېمىنى كۆرسەك، نېمىنى ئويلىساق، نېمىنى ئاڭلىساق شۇنى يوللىسا بولىۋېرىدىغان تور بېكەت ئەمەس، ئاساسلىق خاراكتىرى: كومپيۇتېر بىلىملىرى، تور بىلىملىرى، يۇمشاق دېتال،، يانفۇن بىلىملىرى،مائارىپ بىلىملىرى، دەرسلىك-ماتېرىيال، تەتقىقات ماقالىلىرى ، ئىجادىيەتلەر، لايىھەلەر ، قانۇن ۋە قانۇندىن مەسلىھەت(قانۇندىن مەسلىھەت سورىسىڭىز تەكلىپلىك ئادۇۋكاتلىرىمىز بار)... دىن ئىبارەت .
شۇڭا تورداشلار روھلان تور بېكىتىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت ئەمىن تۇرۇشىنى، تەرەققى قىلىشىنى، تورداشلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى خالىسا مۇنبەرگە تۆۋەندىكىدەك تېمىلارنى ۋە ئىنكاسلارنى يوللىماسلىقىنى ئۈمىت قىلىمىز. بۇ خىلدىكى ئۇچۇرلارنى يولىمىغىنىڭىز پەقەت تور بېكىتىمىزنىڭ ئۇزۇن مۇددەت ئەمىنلىكى ۋە تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولۇپلا قالماي يەنە جەمىيەتنىڭ تىنىچلىقى ھەم مۇقۇملىقى ئۈچۈنمۇ تۆھپە قوشقىنىڭىزدۇر .
يوللاش چەكلەنگەن مەزمۇلار تۆۋەندىكىچە:
1. دۆلەتنىڭ قانۇن-نىزاملىرىدا ۋە سىياسەتلىرىدە چەكلەنگەن مەزمۇنلار.
2. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان،مىللەتلەر ئارىسىدا سوغۇقچىلىق پەيدا قىلىدىغان، زىددىيەت پەيدا قىلىدىغان تېمىلار ۋە ئىنكاسلار .
3. دىنغا ئائىت، ئېنىق مەنبەسى بولمىغان تېمىلارۋە ئىنكاسلار، ئېنىق مەنبەسى يوق خەۋەر ئۇچۇرلار(ئەسلى مەنبەسى ھۆكۈمەت تور بېكىتى بولمىسا يوللىمايلا قۇيۇڭ).
4. كۆچۈرۈلمە تېمىلار (پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى بولمىغان خەەر ئۇچۇر تىپىدىكى تېمىلارۋە ئىنكاسلار)، كۆچۈرۈلگەنلىكى ئېنىق تۇرسىمۇ ئەسلى مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن تېمىلارۋە ئىنكاسلار .
5. ئۆزىنىڭ ئىجادىيتى ئەمەسلىكى ئېنىق تۇرسىمۇ ئەسلى ئېلىنغان كىتاب-ژورنال ۋە ئاپتۇر ئىسمى ئەسكەرتىلمىگەن تېمىلارۋە ئىنكاسلار .
6. ئېنىق مەنبەسى بولمىغان، راستچىللىق دەرىجىسى تۆۋەن بولغان ياكى بۇرمىلانغان تارىخى يازمىلار ۋە رەسىملەر .
7. مەنبەسى ئېنىق بولمىغان، شەھۋانىيلىق، بۇلاڭچىلىق، قاتىللىق، ئوغۇرلۇق تىپىدىكى رەسىملىك ۋە فىلىملىك ھۆججەتلەر، تېمىلار ۋە ئىنكاسلار
8. مۇنبەردىكى ئەزالار ئوتتۇرسىغا سوغۇقچىلىق سالىدىغان، ئىناقلىققا تەسىر يەتكۈزىدىغان تېما ۋە ئىنكاسلار
9. ئېلان خاراكتىرىنى ئالغان ئۇچۇر مەنبەلىرى، چۈشۈرۈش ئۇلانمىلىرى بولغان تېما ئىنكاسلار.
10....

يۇقارقىدەك تېمىلار يوللانغان ھامان ئۆچۈرۈلۈشتىن بۇرۇن ئاۋال شۇ تېما يوللىغۇچىنىڭ نۇمۇرى جازا شەكلىدە تۇتۇپ قېلىنىپ ئاندىن ئۆچۈرۈلىدۇ، ھەمدە بۇ ئەزاغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلىدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش قېتىم سانى 3 كە يەتسە بۇ ئەزانىڭ روھلان تور بېكىتىدىكى دەرىجىسى بىكار قىلىىنىپ، ئەزالىق نامى چەكلىنىدۇ .
ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارنىڭ ip ئادرىسى، يوللىغان ۋاقتى، .... قاتارلىق ئۇچۇرلىرى ج خ ئورۇنلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ .

باشقۇرغۇچىلارنىڭمۇ بۇندىن كېيىن تېما ، ئىنكاس تەستىقلىغاندا تېمىنى ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقىپ، چەكلەنگەن مەزمۇن بارلا تېما ئىنكاس بوپلسا ئىككىلەنمەي يۇقارقى تەدبىر بۇيىچە بىر تەرەپ قىلىىشنى، ھۆكۈم قىلالمىغان تېمىلار بولاس تەھرىرخفنىدا قۇيۇپ تۇرۇشنى تەۋسىيە قىلىمىز .
باشقۇرغۇچىلارنىڭ ھەر قانداق ۋاقىتتا مۇنبەر ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلغان ئەزالارنى جازالاش(مۇنبەر تەڭگىسى ۋە جۇغلانمىلىرىنى تۇتۇپ قېلىش)، IP ئادرىسىنى چەكلەش، ئەزالىق نامىنى چەكلەپ ياكى ۋاقىتلىق توختىتىپ قۇيۇش، ئاگاھلاندۇرۇش بېرىش ھوقۇقى بار .

Tursunniyaz يوللانغان ۋاقتى 2011-1-7 14:10:28

مەن روھلان تور بېكىتىنىڭ باشقۇرغۇچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەنتور بىكەت باشلىقى ئادىلجاننىڭ تەكلىپىنى تولۇق قوللايمەن .
ھەممىمىز بىرلىكتە روھلان تور بېكىتنىڭ خاسلىقىنى ساقلاپ قىلىشقا تىرشساق!
روھلان تور بېكىتى :كومپيۇتېر بىلىملىرى، تور بىلىملىرى، يۇمشاق دېتال،، يانفۇن بىلىملىرى، مائارىپ بىلىملىرى، دەرسلىك-ماتېرىيال، تەتقىقات ماقالىلىرى ، ئىجادىيەتلەر، لايىھەلەر ، قانۇن ۋە قانۇندىن مەسلىھەت بىرىدىغان ئۈنۋىرسال تور بىكەت.
شۇڭا تورداشلار روھلان تور بېكىتىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت ئەمىن تۇرۇشى، تەرەققى قىلىشى،ھەر ۋاقىت روھلىنىپ تۇرۇشى، شۇنداقلا ،ساغلام بولغان تور مۇھىيىتى يارتىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ روھلان تور بېكىنتىڭ ئەزاسى ۋە باشقۇرغۇچىسى ئىكەنلىكىنى ھەر ۋاقىت ئىسىدىن چىقىرىپ قويماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمەن !
نىشانىمىز: روھلان تورىنىڭ ھەر ۋاقىت روھلىنىپ تۇرۇشى ئۈچۈن !

Wolqan يوللانغان ۋاقتى 2011-1-7 14:21:19

موشۇنداق بىر تېمىنىڭ يوللىنىشى زۆرۈر بولۇپ تۇرغان زادى،مەنمۇ ئادىلجاننىڭ پىكرىنى تولۇق قوللايمەن،ھەممەيلەن روھلان تورىنىڭ ئەمىنلىكى ئۈچۈن،سەرخىللىقى ئۈچۈن ئورتاق تىرىشايلى تورداشلار.

bozdongmaarip يوللانغان ۋاقتى 2011-1-7 14:42:44

بۇ پىكىر تولىمۇ ۋاقتىدا، چۈشىنىشلىك ھەم ياخشى يوللىنىپتۇ. مەزمۇنى ساغلام بولمىغان تور، خاسلىقىنى يوقاتقان تور بېكەتلەر ئۆمرى قىسقا تور بېكەتلەردۇر. بېكەت مەسئۇلىنىڭ يوقىرىدا ئەسكەرتىلگەن نوقتىلارغا قارىتا ھەمىمىز دىققەت قىلساق دېگەن قاراشتىمەن.

hawas يوللانغان ۋاقتى 2011-1-7 14:45:53

تور بېكىتىمىزنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن ھەممەيلەن ئورتاق كۈچ چىقىرايلى!

yolbargin يوللانغان ۋاقتى 2011-1-7 17:31:07

روھلاننىڭ پاكلىقى،    تورنىڭشاتلىقى.پاك بۇلسۇن ،شات بولسۇن،   مائارىپ بىتىمىىز بۇنۇڭ بىلەنخۇش بۇلسۇن.

hujanasirdin يوللانغان ۋاقتى 2011-1-7 18:29:21

مەن مەزكۇر تورنىڭ قىزغىن ئىشتىراكچىسى بۇلۇش سۈپۈتۈم بىلەن بۇ تەكلىپنىڭ تۇلۇمۇ جايىدا بولغانلىقنى، مەزكۇر تور بەتكە قەددەم تەشرىپ قىلغۇچىلارنىڭ قائىدىلەرگە قاتتىق ئەمەل قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

kalgusi يوللانغان ۋاقتى 2011-1-7 23:46:21

شۇنداق،مەنمۇ ئادىلجاننىڭ چاقىرىقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشقا تەييارمەن.

nureli010 يوللانغان ۋاقتى 2011-1-8 11:26:57

ئىنكاس قايتۇرۇش ADiL نىڭ يازمىسى

روھلاننىڭتورىنىڭ ئۇزاق مۇددەت ئەمىنلىكىنى قوغداش بارلىق روھلان ئەھلىنىڭ بۇرچى !شۇڭا بارلىق تورداشلارنىڭ مۇشۇ نۇقتىلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشنى ئۇمىت قىلىمەن !

Shungqar يوللانغان ۋاقتى 2011-1-8 17:41:13

بۇ تېمىنى ئاخشام كۆرۈپ چىققان ئىدىم. ئەمما بالام دېگەن ‹‹جوبو››مېنى ئىگەللىۋالغان بولغاچقا ھازىر بولسىمۇ بىر ئېغىز گەپ قىلغۇم كېلىپ قالدى.‹‹قوللايمەن›› ھەم بارلىق كۈچىڭمىز بىلەن ‹‹قوللاش ›› كېرەك . چۈنكى بۇنچىلىك ‹‹خەلق ئۈچۈن›› نەتىجە ياراتماق بەك.....بەك .....تەس. ئەلبەتتە بۇ ئۇتۇقلار روھلان ئەپەندىنىڭ جاپالىق ئەجىر-مېھنىتى ۋە روھلانلىقلارنىڭ خالىس تۆھپىسىنىڭ مەسھۇلى.شۇڭا بۇ ئۇتۇقلارنى قەدىرلىشىمىز، ئاسرىشىمىز ۋە يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرشىمىز تولىمۇ زۇرۇر ۋە تەخىرسىزدۇر.. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Shungqar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2011-1-8 17:44

بەت: [1] 2 3
: تېما يوللىغۇچىلارغا جىددى تەكلىپ