تۆھپىكارلار مۇكاپات نەتىجىسى ئېلان قىلىندى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تورداشلار !ھەممىمىزگە مەلۇم 2010-يىل 9-ئاينىڭ 26-كۈنى روھلان تور بېكىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 2 يىللىق قۇتلۇق كۈنى.
مۇناسىۋەتلىك تېما
روھلان تورى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 2 يىللىق قۇتلۇق كۈنى يېتىپ كەلدى!!!
http://bilim.rohlan.biz/thread-3400-1-1.html
بىز بۇ ئىككى يىل جەريانىدا روھلان تور بېكىتىمىز ئۈچۈن ئۈن-تىنسىز تۆھپە قوشىۋاتقان تۆھپىكارلارنى مۇكاپاتلاش ئۈچۈن نامزات كۆرسىتىش پائالىيىتى ئويۇشتۇرغان ئىدۇق .
مۇناسىۋەتلىك تېما
تۆھپىكار ئەزالارغا نامزات كۆرسىتىش باشلاندى .
http://bilim.rohlan.biz/thread-3503-1-1.html
تۆھپىكارلارغا بېلەت تاشلاڭ
http://bilim.rohlan.biz/thread-3556-1-1.html
بېلەت تاشلاش بۈگۈن كەچ سائەت 0 دە خۇلاسىلەندىھەمدە بارلىق بېلەت نەتىجىسى تىزىملىنىپ Excel غا كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن سىتاتىستىكا قىلىنىپ دەرىجىگە تۇرغۇزۇلدى .
نەتىجىسى تۆۋەندىكىدەك:
بىز بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بارلىق تۆھپىكارلارنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز .
نامزات كۆرسىتىش، بېلەت تاشلاش جەريانىدا ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بىر قىسىم تۆھپىكارلار نامزاتلار قاتارىدىن چۈشۈپ قالغان بولۇشى، شۇنداقلا كۆپ بېلەتكە ئېرىشەلمىگەن بولۇشى مۇمكىن، ئەمما بىزنىڭ بۇ خىلدىكى پائالىيتىمىز بۇنىڭلىق بىلەنلا تۈگىمەيدۇ، بىز يەنە بۇندىن كېيىن ھەرخىل شەكىل، ھەرخىل مەزمۇندىكى رەڭدار مۇسابىقىلەرنى، پائالىيەتلەرنى داۋاملىق ئۇيۇشتۇرۇپ تۇرىمىز، شۇڭا مۇكاپاتقا ئېرىشەلمىگەن ئەزالار ۋە باشقۇرغۇچىلارنىڭ بۇندىن كېيىن يەنە داۋاملىق تىرىشىپ روھلان تور بېكىتى ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھەسسىسىنى قوشۇشىنى ئۈمىت قىلىمىز .
روھلان تور بېكىتىنىڭ بۇ قېتىملىق قۇتلۇق كۈننى تەبرىكلەش پائالىيتىنى پەخرىم شىركىتى ۋە ئەقلىم خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى ئالاھىدە قوللىدى .
تارقىتىلىدىغان مۇپاكات تۈرى ۋە بۇيۇملار:
1-دەرىجىلىك مۇكاپات 1دانە
مۇكاپات بۇيۇمى : قىممىتى 98 يۈەنلىك ئەقلىم ھەممىباب يۇمشاق دېتالى ، قىممىتى 60 يۈنلىك پەخرىم 2010 شوپۇرلۇق ئىمتىھان سىستېمىسى
2-دەرىجىلىك مۇكاپات 2دانە
قىممىتى 98يۈەنلىك ئەقلىم ھەممىباب يۇمشاق دېتالى ۋە قىممىتى 60 يۈەنلىك كومپيۇتېر 1-دەرىجە ئىمتىھان سىستېمىسى
3-دەرىجىلىك مۇكاپات 3 دانەقىممىتى 98يۈەنلىك ئەقلىم ھەممىباب يۇمشاق دېتالى
تۆھپىكار باشقۇرغۇچى مۇكاپاتى:2 دانە
مۇكاپات بۇيۇمى: قىممىتى 60 يۈنلىك پەخرىم 2010 شوپۇرلۇق ئىمتىھان سىستېمىسى
تۆھپىكار ئەزا مۇكاپاتى: 1 دانە
مۇكاپات بۇيۇمى: قىممىتى 60 يۈەنلىك كومپيۇتېر 1-دەرىجە ئىمتىھان سىستېمىسى
ئۇنىڭدىن باشقە يەنە ئۈستىدىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگىنىدەك پائالىيەتتە نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن 20 نەپەر ئەزانىڭ ھەممىسىگە بىردەك تۆھپە مېدالى تارقىتىلىدۇ ۋە تەڭگە، ئىناۋەت، قىزغىنلىقنىڭ ھەر بىرىدىن 50 تىن قوشۇپ مۇكاپات بېرىلىدۇ .
ماددى بۇيۇم مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن تورداشلارنىڭ بۇ تېمىنى كۆرگەندىن كېيىن، مەن بىلەن ئالاقىلىشىپ، ماڭا ئۆزىنىڭ بارلىق ئۇچۇرلىرىنى يوللاپ بېرىشىنى ئۈمىت قىلىمەن (يوللايدىغان ماتىرىياللار--كىملىكتىكى ئىسىم ، كىملىك نۇمۇرى،كىملىكتىكى تەپسىلىي ئادرىسى، يانفۇن نۇمۇرى، ئۆي تېلىفۇن نۇمۇرى، مۇقىم ئىشلىتىلدىغان ئېلخەت ئادرىسى، ...بۇلارنى بىر دانە txt تېكىست ھۆججىتىگە ھەر بىر ئۇچۇرنى بىر قۇرغا يېزىپ چ چ ئارقىلىق ماڭا يوللاپ بەرسەڭلار بولىدۇ) بۇ ئۇچۇرلار يۇقارقى 3 تۈرلۈك ھەقلىق يۇمشاق دېتالنى سىزگە تىزىملىتىپ بېرىشتە ئىشلىتىلىدۇ .
قىممىتى 60 يۈنلىك پەخرىم 2010 شوپۇرلۇق ئىمتىھان سىستېمىسى ۋە قىممىتى 60 يۈەنلىك كومپيۇتېر 1-دەرىجە ئىمتىھان سىستېمىسىمۇكاپاتىغا ئېرىشكەن تۆھپىكارلار تۆۋەندىكى مۇناسىۋەتلىك ئۇلانمىغا كىرىپ دېتالنى چۈشۈرۈپ، كومپيۇتېرىڭىزغا قاچىلاپ تۇرسىڭىز بولىدۇ، باشقىسىنىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسى ئايرىم ئەۋەتىلىدۇ .
قىممىتى 60 يۈنلىك پەخرىم 2010 شوپۇرلۇق ئىمتىھان سىستېمىسىنى چۈشۈرۈش
قىممىتى 60 يۈەنلىك كومپيۇتېر 1-دەرىجە ئىمتىھان سىستېمىسىنى چۈشۈرۈش
دىققەت: بۇ ھەقلىق دېتاللارنىڭ ھەممىسى پەقەت بىرلا كومپيۇتېرغا تىزىملىتىپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ، شۇڭا دېتالنى تىزىملاتقاندا ئۆزىڭىزنىڭ مۇقىم ئىشلىتىدىغان كومپيۇتېرىڭىزغا قاچىلاپ تىزىملاپ ئىشلىتىشىڭزنى تەۋسىيە قىلىمىز، سىز بۇ دېتالنى تىزىملىتىپ ئىشلەتكەندىن كېيىن دېتال تەمىنلىگەن شىركەتنىڭ باشقا خېرىدارلىرىغا ئوخشاش بارلىق مۇلازىمەتلەردىن بەھرىمان بولىسىلەر .
قىممىتى 98يۈەنلىك ئەقلىم ھەممىباب يۇمشاق دېتالى ھەققىدە تەپسىلي چۈشەنچە
قىممىتى 60 يۈنلىك پەخرىم 2010 شوپۇرلۇق ئىمتىھان سىستېمىسى ھەققىدە تەپسىلىي چۈشەنچە
قىممىتى 60 يۈەنلىك كومپيۇتېر 1-دەرىجە ئىمتىھان سىستېمىسى ھەققىدە تەپسىلىي چۈشەنچە بۇ تېمىنى ئاخىرىدا arwah تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2010-9-27 03:20
مائىشنى كۆرۈڭ،مەنمۇ مۇكاپاتقا ئېرىشىپ قاپتىمەنغۇ.....
ئاتامان،باشقۇرغۇچىلارنىڭ،بارلىق مۇنبەرداش،تورداش دوستلارنىڭ مېنى قوللىغىنىغا كۆپ رەھمەت.
بولسا تور بىكىتىمىزدە موشۇنداق پائالىيەتلەرنى داۋاملىق ھەرخىل شەكىل،ھەرخىل مەزمۇندا رەڭدار ئۆتكۈزۈپ تۇرساق،تۇرسۇن007،بۇلاق باشلىق بارلىق مۇنبەرداشلار موشۇنىڭدەك ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەرنى كۈچىمىزنىڭ يىتىشىچە قوللايمىز!
ئاخىرىدا روھلان تور بىكىتىنى يېقىندىن قوللىغان ئەقلىم شىركىتى تور بىكىتى ۋە پەخرىم شىركىتى تور بىكىتىگە ،بۇ پائالىيەتنى ئويۇشتۇرۇپ بىزگە سەھنە يارىتىپ بەرگەن روھلان تور بىكىتىگە ئالاھىدە رەھمتىمنى بىلدۈرىمەن.بولسا موشۇنداق قېرىنداش تور بىكەتلەر ئۆزئارا قوللىشىپ ھەمدەمدە بولساق مائارىپ،كومپىيۇتىر،ئەدەبىيات.... قاتارلىق ساھەلەردەتېخىمۇ ئالغا ئىلگىرىلەپ چوقۇمقابىلىيىتىمىزنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرۇپ مۆجىزىلەرنى يارىتالايدىغىنىمىزغا ئىشەنچىم كامىل.تورداشلارغا رەھمەت.
http://www.xjaklim.com/soft/Hammibab%20%203d2.jpg
http://pahrim.com/soft/chanpin/files/computer%20diezi.gif
http://pahrim.com/soft/chanpin/files/computer.gif
http://pahrim.com/soft/chanpin/files/shopurluk%20day.gif
http://pahrim.com/soft/chanpin/files/shopurluk.gif مۇكاپات بۇيۇمى ياخشىكەنتۇق...لېكن بىز قاچىلىساق ئىشلىتەلمەيمىزدە.... مەن يەنىلا مۇكاپاتلاش پائالىيىتنىڭ ئادىل ئېلىپ بېرىلىشنى ئۈمىت قىلمەن،超人将军007مىنڭدىن يۇقىرى ئاۋازغا ئېرىشىپ تۇرۇپ قېلىپ قاپتۇ،ئادىل ئەپەندىمنىڭ مۇشۇنى قايتا ئۆزگەرتىپ قۇيۇشنى ئۈمىت قىلىمەن،ئادىل ئەپەندىم روھلان تور بىكىتىنى راۋاجلاندۇرۇپ كەڭ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھاجىتىدىن چىقىش يولىدا ھەم بۇ قېتىمقى قۇتلۇق توي مۇناسىۋىتى بىلەن جېىق جاپالارنى تارتتى،بۇنىڭدىن كېيىنكى يول تېخىمۇ ئۇزۇن،روھلاننىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن بولسىمۇ بۇ پائالىيەتنى يەنىلا يۇقىرىدىن تۆۋەنگە سىرىپ مۇكاپاتلاش ئېلىپ بېرىشنى ئۈمىت قىلىمەن.ئادىل ئەپەندىمنىڭ «سۆزىڭىز باشقىچە تۇرامدۇ»دىگىن ئۇچۇرنىڭ تىگىگىمۇ ئەمدى يەتكەندەك بولدۇم،مەن روھلانغا كېرگىلى ئاران ئىككى ئاي بۇلدى شۇڭا مۇكاپاتقا ئېرىشمىسەممۇ ئەمما تورداشلارنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرشى مەن ئۈچۈن ئەڭ چوڭ مۇكاپات،
مىنىڭ ئۈمىت قىلىدىغىنىم ھەم تەلەپ قىلدىغىنىم مۇكاپاتلاش يەنىلا ئادىل بولسۇن
ئاخرىدا روھلان ئۈچۈن جاپا تارتىۋاتقان بارلىق باشقۇرغۇچىلار غا ھەم روھلاننى قوللاپ قۇۋۋەتلەپ كەلگەن تور بىكەتلىرى.ھەم تورداشلارغا كۆپلەپ رەھمەت ئېيتىمەن.روھلاننىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن مۇكاپات ئادىل ئېلىپ بېرىلسۇن. دوستلارنىڭ مىنى قوللىغىنىغا رەھمەت، مەن گەرچە ئۇقۇشتا بولساممۇ بىراق ئۆز بىكىتىم ۋە روھلان تورىنىڭ يەنىمۇ گۈللەپ تەرەققى قىلىشى ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھەسسەمنى قۇشىمەن. :handshake كۆپچىلىككە رەھمەت، ئەمما مېنىڭ ئورنۇمغا دولانى چىقىشى كېرەك ئىدى. ( ئالماشتۇرۇشقا بولا...) ئىنكاس قايتۇرۇش alogli نىڭ تېمىسى
بېلەت تاشلاش ئادىل ئېلىپ بېرىلغان بولسىلا تارقتىش مېنىڭچە ئادىل بولدى، 超人将军007 ئەپەندىنىڭ سىزدىن كۆپ بېلەتكە ئېرىشىپ، مۇكاپاتقا ئېرىشەلمىگەنلىكىگە كەلسەك، مۇكاپات بۇيۇمىنىڭ سانى چەكلىك بولغاچقا مۇكاپاتلىنىدىغانلارنىڭمۇ سانى چەكلىك بولۇپ قالدى، ھەر ئىككىڭلار ئالدىنقى 6 نىڭ ئىچىدە ئەمەس، ئەمما تۆھپىكار باشقۇرغۇچى بولۇشقا 超人将军007 نىڭ بېلەت سانى كەملەپ قاپتۇ، تۆھپىكار ئەزا شەرتىگە سىز ئەڭ ئاۋال چۈشۈپسىز، شۇڭا مۇكاپاتنى شۇ بۇيىچە تەقسىم قىلغان ئىدىم، 超人将军007 ئەپەندىمۇ بۇنى توغرا چۈشىنىدۇ .
ئەگەر يۇقارقى مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەر قوشۇلسا ، مۇكاپاتلاش لايىھەسىنى ئۆزگەرتىپ ھازىرقى 9 ئادەم مۇكاپاتلىنىدىغان شەكىلدىن 11 ئادەم مۇكاپاتلىنىدىغان شەكىلگە ئۆزگەرتسەكمۇ بولىدۇ، گەرچە مەن مۇشۇنداق 11 ئادەم مۇكاپاتلىنىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىشنى ئويلىغان بولساممۇ ئەمما مۇكاپاتلاش لايىھەسىنى ئاۋال ئېلان قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن ئۆزۈم بىلىپلا ئكزگەرتىۋېتىشنى توغرا كۆرمىدىم ، شۇڭا تورداشلار بۇنىڭغا قانداق قارايدىكىن؟
مۇكاپات لايىھەسىنى ئۆزگەرسەكمۇ مۇكاپات بۇيۇمىنىڭ قىممىتىدە كۆپ ئۆزگىرىش بولمايدۇ.
بۇمۇ ياخشى بوپتۇ، ئەمىليەتتىمۇ 超人将军007 نىڭ تۆھپىسى ھەقىقەتەنمۇ بار. ھازىر پەقەت ئۈرۈمچىدە ئۇقۇشتا بۇلۇپ قالغانلىقى سەۋەپلىك ۋاقىتدا كىرەلمىدى، توغرا چۈشۈنۈشكە بۇلىدۇ.
شۇڭا ئادىل ئەپەندىنىڭ بۇ پىكىرى ئۇرۇنلۇق، قېتىشقا توغرا كەلسە 2-قاتماي 1 ئەزانى قاتايلى، 超人将军007 ئەپەندىنى قۇشايلى.
مۇكاپات مەسىلىسىگە كەلسەك دوستلارنىڭ كەمىنە بۇلاقجاننى تۆھپىكار ئەزا دەپ كۆرسەتكىنىگە رھمەت، كۆڭلۈڭلار ھەقىقەتەنمۇ تىگىل بولدى ھەم خوش بولدۇم سىلەرگە رەھمەت.
بىراق سىلەرمۇ بىلىسىلەر، مەن ھازىر خۇتەن مائارىپ ئىنىستوتىدا قوشتىل تەربىيلەش كۇرسىدا ئۇقۇغۇچى بۇلۇپ تۇرۇۋاتىمەن. ھازىرقى نىشانىم خەنزۇتىلىنى ياخشى ئۈگـۈنۈپ ماتىماتىكا كەسپىنى يەنىمۇ پۇختا ئىگەللەشتىن ئىبارەت. ئۇندىن باشقا ئىزدىنىشچانلار مۇنبىرى ۋە روھلان مۇنبىرى ئۈچۈن ھەسسە قۇشۇش.
شۇنداق بولغاچقا مۇكاپات بۇيۇملىرى ماڭا راسلا ئارتۇقچە. قۇبۇل قىلغان تەقدىردىمۇ ئىشلىتىدىغانغا ۋاقىت مەسلىسى بار. ئىشلىتىشكە راسلا ۋاقتىم چىقمايدۇ. شۇڭا مەن ئۆز ئىختىيارىم بىلەن مۇكاپاتتىن ۋاز كەچمەكچى، مۇكاپاتنى يىڭى قېتىلغان تۆھپىكار ئەزاغا بىرەيلى. يەنە ئەزا قۇشۇپ پەخرىم تورى ۋە ئەقلىم خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتىگە يەنە بىر ئاز بوسلىمۇ بېسىم بولمىسۇن. دوستلارنىڭ كۆڭلى ماڭا تىگىل بولدى، ئۇندىن ئارتۇق مۇكاپات ئالغاندەك بولدۇم. مەن دوستلار ئۈچۈن ئازراق بولسىمۇ ئىش قىلىپ بىرەلىسەم شۇنىڭغا خوش.
شۇنداق قىلايلى. ئارتۇقچە تالاش-تارتىش قىلمايلى. نۆۋەتتىكى ئەمىلى ئەھۋالنى ئاساس قىلىپ مىنى يەنە بىر قېىتم قوللىشىڭلارنى، مىنىڭ بۇ بىر تۈرلۈك پىكىرىمگە قۇشۇلىشىڭلارنى سوراپ
ھۆرمەت بىلەن: بۇلاقجان.
مەن دوستلارنىڭ مىنى قوللايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. :handshake گەرچە مەن بۇ مۇكاپاتقا لايىق روھلان ئۈچۈن ئىش قلىپ بېرەلمىگەن بولساممۇ،روھلان تورنىڭ مېنى قوللاپ قۇۋەتلىگىنىگە كۆپتىن كۆپ رەخمەت! بۇندىن كىيىن ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ مىللى مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن تۆھپە قۇشۇشقا تېخىمۇ تىرىشمەن!مېنڭچە بولسا بۇ مۇكاپاتنى مەندىنمۇ ياخشىراق روھلان ئۈچۈن تۆھپە قۇشۋاتقان تورداشلارغا بەرسەك دېگەن ئۈمۈدۈم بار!!!!
بەت:
[1]
2