نۇرۇز شادلىقى
نۇرۇز شادلىقىمۈگدەپ ياتقان تاغلار،باغلارنى،
سۆيۈپ ئۆتتى ئىللىق بىر ھاۋا.
كۆكتە ئەركىن پەرۋاز قىلىشىپ،
بوز تورغايلار قىلىشتى ناۋا.
كۈز كەينىدىن كەتكەن تۇرنىلار،
قايتىپ كەلدى شاد چۇقان سېلىپ.
قۇياش كۈلدى، قارا بۇلۇتلار ،
يىراقلاشتى جۇدۇننى ئېلىپ.
سەھرادىكى دېھقان قىزلىرى،
گۈل تېرىدى ئىشىك ئالدىغا.
دەستە تۇتتى نازلىنىپ ئۇماق،
يۈرىكىدىن سۆيگەن يارىغا.
ھەممە جايدا قاينىدى ھايات،
باغدا بۇلبۇل سايرىدى زەپ شوخ.
ئايام كەلدى ئامەت ئېلىپ شاد،
شۇڭا بۇيىل ئىنسان كۆڭلى توق
(بۈگۈن نۇرۇزنىڭ كەلگەنلىكىدىن خۇشال بۇلۇپ، ھويلامغا كۆچەت تىكىش بىلەن ئالدىراش بۇلۇپ كېتىپ ، نۇرۇزنامە يېزىشقا ۋاقتىم يەتمەپتۇ. تورداشلىرىنىڭ يوللىغان نورۇز ھەققىدىكى شىئېرلىرىنىكۆرۈپ ، 1999-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى خۇتەن گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ئىجادىيىتىمنى يوللاپ قويدۇم.) نۇرۇزنامە ھەققىدىكى شىئىرىڭىز ياخشى چىقىپتۇ ، ئىجادىيىتىڭىزگە بەرىكەت تىلەيمەن ! ئالدى بىلەن نورۇزنامىڭىزنىڭ مۇۋەپپىقىيىتىنى تەبرىكلەيمەن.
تەكلىپىم: گەرچە شېئىرىڭىزنىڭ تىلى يىنىك بولغان بىلەن، بىر قىسىم سۆزلەر قاپىيە زۆرۆرىيىتىدىنلا ئىشلىتىلىپ قاپتۇ. شۇڭا بۇ نۇقتىغا دىققەت قىلسىڭىز. ياخشى تېمىدىكى ياخشى شئېر . سىنىپ مۇدىرىم ئۇستازىم سىزنى بۇ مۇنبەردە ئۇچراتقىنىمدىن تولىمۇ خۇشالمەن رەھمەت سىلەرگە
بەت:
[1]