مەكتەپ قوڭغۇراق سېستىمىسى
多任务定时器 بۇ بولسا بىر ھەقسىز بولغان مەكتەپ قوڭغۇراق باشقۇرۇش سېستىمىسى بولۇپ، ئىشلىتىش قولاي، ئاددى ھەر قانداق ۋاقىتقا ، كۆپ خىل ۋاقىتقا بىراقلا تەڭشەپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ، ۋقىت بەلگىلەپ كومپىيوتېرنى ئۈچۈرۈش،قايتا قوزغىتىش، ئېكراننى تاقاش، ئۈن- سىن ھۆججەتلىرىنى قويۇش، ئېكراندا ئەسكەرتىشنى كۆرسىتىش، تور بەتنى ئېچىش قاتارلىق كۆپ خىل ئىقتىدارلارغا ئىگە.
(يىتەرسىزلىكى سائەت ۋە مېنۇتنى تەڭشىگىلى بولىدۇ، ئەمما سكونتىنى تەڭشىگىلى بولمايدۇ، پەقەت «wav.*» ئاۋاز ھۆججىتىنىلا ئوقۇيدۇ. ئەگەر بۇ سېستىمىنى قايتا قاچلىسىڭىز بارىلىق تەڭشەلگەن ۋاقىت يوقاپ كېتىدۇ، ۋاقىتنى قايتا تەڭشەشكە توغرا كىلىدۇ، شۇڭا سېستىمىنىڭ قاچىلاش ھۆججتىنى قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن ئامال بار يوشۇرۇن ھالەتكە ئەكىلىپ قويۇشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.). لىكىن بۇ سېستىما سىزنىڭ ھۆددىڭىزدىن تامامەن چىقالايدۇ.
بۇ سېستىمىنىڭ ئىشلىتىش ئۇسۇلى سېستىما قاچلىغاندىن كىيىنكى «تەڭشەش» تۈردە ئىنتايىن تەپسىلى چۈشەندۈرۈلگەن(خەنزۇچە)، خەنزۇتىلىدىن ئازراق ساۋادىڭىز بولسىلا ئىشلىتىشنى تامامەن چۈشىنىسىز. بىزمۇ ئۈچ يىلىدىن كۆپرەك ۋاقىت بولدى مۇشۇ سېستىمىنى ئىشلىتىپ كىلىۋاتىمىز.
شۇنداقتىمۇ ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى قىسقىچە چۈشەندۈرۈپ ئۆتەي:
سېستىمىنى قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن چىققان كۆزنەكتىن 任务模式 نى تاللاپ 添加任务 دېگەن ئاستىدىكى تۈرنى ئىجرا قىلىسىز. چىققان كۆزنەكتىكى 基本设置 دېگەن تۈردىن任务名称 ۋە 启动方式 دېگەن ئىككى تۈرنى تەڭشەيمىز باشقا تۈرنى تەڭشىمىسەكمۇ بولىدۇ، ئاندىن ئوڭ تەرەپتىكى 动作设置 دېگەن تۈرنى چىكىپ مائۇسنى بوش ئورۇنغا توغۇرلاپ ئوڭ كونۇپكىسىنى چېكىپ添加 تۈردىن مۇناسىۋەتلىك تەڭشەكلەرنى ئېلىپ بارىمىز (ئادەتتە “播放音乐” دېگەن تۈرنى تاللاپ ئاندىن “选择文件” دىن موزىكىنىڭ ئورنىنى كۆرسىتىپ بېرىپ مۇقۇملاشتۇرۇشنى بېسىۋەتسەكلا بولىدۇ) ئىككىنجى قېتىملىق ۋاقىتنى قوشۇشمۇ ئالدىنقى باسقۇچ بىلەن ئوپمۇ- ئوخشاش. بارىلىق ۋاقىتنى تەڭشەپ بولغاندىن كېيىن بۇ كۆزنەكنى تاقىۋەتسەك بولىدۇ، ئۈستىدىكى سېرىق رەڭلىكۋاقىت كۆزنىكى ئارقىلىق بۇ سېستىمىنىڭ قوزغىتىلغان ياكى قوزغىتىلىمىغانلىق ھالىتىنى بىلگىلى بولدۇ، ئەگەر سېستىمىنى ۋاقىتلىق ئىتىۋەتمەكچى بولسىڭىز ( مەسىلەن، بەزى پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرۋاتقىنىمىزدا دەرسىتىن چۈشۈش ۋە دەرسكە كېرىش قوڭغۇرقى چېلىشنىڭ ھاجىتى يوق ھەم بۇ پائالىيەتكە تەسىر كۆرسىتىشى مومكىن)بۇ كۆزنەكنىڭ ئۈستىگە مائۇسىنى توغىرلاپ ئوڭ كونۇپكىسىنى چېكىپ “退出程序” نى ئىجرا قىلىۋەتسىڭىزلا بولىدۇ، قايتا قوزغاتماقچى بولسىڭىز ئەلۋەتتە ئۈستەل يۈزىدىكى تېز قوزغىتىش سىن بەلگىسى ئارقىلىق قايتا قوزغىتالايسىز.
ئەسكەرتىش: بۇ سېستىمنىڭ تونۇيدىغان ئاۋاز ھۆججىتىنىڭ تىپى «*.wav » شەكىلدە بولۇپ، mp3قاتارلىق باشقا ئاۋاز ھۆججىتىنى ئوقۇيالمايدۇ، شۇڭا تەڭشىمەكچى بولغان ئاۋاز ھۆججىتىڭىزنى ئاۋۋال «wav. *» ھۆججتىگە ئايلاندۇرۋېلىشىڭىز كېرەك. بۇنېڭدا ھۆججەت تىپىنى ئۆزگەرتىشتە « 格式工厂» دېتالى ناھايتى ئەپلىك .
بۇ سېستىما توردىمۇ بولىشى مومكىن، ئىزدەپ چۈشۈرۋالساڭلارمۇ بولىدۇ، لىكىن بۇنىڭدا بىز ئشلىتىپ كىلۋاتقان دەرسكە كىرىش ۋە دەرسىتىن چۈشۈش، ھەر خىل گىمناستىكا قاتارلىقلارنىڭ ئاۋاز ھۆججىتى قوشۇلغان، مۇشۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ئىشلەتسىڭىز بىر قەدەر قولاي.
mul-mission.rar
555 下课铃声.wav ھە ئاداش بەك ياخشى قىپسىلە ، ئىھتىياجلىقلار ئىزدەپ يۈرمەي ئىشلەتكۈدەك ئەمدى ... مۇشۇ مۇنبەردە موشۇنداق سېستېمىنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى كۆرگەندەك قىيلغان ئەمما ئىزدەپ تاپالمىدىم
بەت:
[1]