قاراقاش يوللانغان ۋاقتى 2015-3-19 18:44:03

نورۇزنامە

نورۇزنامە
ۋاقىت ئۈچۈن كۈن بىلەن تۈن تۈزدى دوئېل- جەڭ بۈگۈن،
سىلجىدى كۈن، داجىدى تۈن، كۈن بىلەن تۈن تەڭ بۈگۈن.

مانا نۇسرەت كۈنگە باقتى، كۈن ئۇزاردى يۈتتى جۇت،
ئەجىر قىپ نۇرۇز ئېشىنى پاك- ھالاللاپ يەڭ بۈگۈن.

تاغۇ- تۈزلەڭ، باغۇ- تېرىم، ئوت- گىياھقا باق يەنە،
قىرغا باق، قىرلارغا باق كۆرگەنلىرىڭ كۆك رەڭ بۈگۈن.

ئەلمىساقتىن كۆك نىجاتلىق ئالىمىدىن خۇشخەۋەر،
كەلدى پۇرسەت تەر تۆكۈشكە ھەم تۈرۈشكە يەڭ بۈگۈن.

بولما غاپىل تىك كۆچەت، بوش قالمىسۇن ھاققۇلىرىڭ،
يۇل بېغىڭدىن چىڭگىلىك، يۇلۇش- تىكىشتە جەڭ بۈگۈن.

كەلدى نورۇز، كەلدى كۆكلەم، كەلدى بىشارەت ئەتىدىن،
قۇتلىبان بۇ كۈننى كەل، ساما سالايلى تەڭ بۈگۈن.

سورىسا كىم ئەنۋەرىنى نە ئىش بىلەن مەشغۇل شۇدەم؟
ئات سېلىپتۇ قەلىمىدە- بەيگىدىكەن، دەڭ بۈگۈن!
مەنبە: ئەنۋەرى
مەن ياقتۇرۇپ قالغاچقا يوللىدىم. روھلانداشلارنىڭمۇ ياقتۇرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!

نۇرلان يوللانغان ۋاقتى 2015-3-20 00:18:50

ئايرىم مىسرالىرىنى ھىسابقا ئالمىغاندا، ياخشى يېزىلغان شېئىر ئىكەن، مەن ياقتۇردۇم. رەھمەت.

نەۋرۇز يوللانغان ۋاقتى 2015-3-20 09:08:52

نەۋرۇز ھەققىدە يېزىلغان بۇ شىئېرنى ياختۇردۇم. بۇ ھەقتە مەن بىرەر نەرسە يازاي دىسەممۇ يازالمىدىم ئەپسۇس

پاراڭچى يوللانغان ۋاقتى 2015-3-20 13:17:08

ئىسىل شېئىركەن، بارىكاللا!

ئەلتۈرگ يوللانغان ۋاقتى 2015-3-20 14:04:41

ئەجىرىڭىزگە رەخمەت، ياقتۇردۇم...

زەبىرە يوللانغان ۋاقتى 2015-3-20 16:43:26

رەخمەت سىزگە،مەنمۇ ياقتۇردۇم   

زىبا. يوللانغان ۋاقتى 2015-3-20 20:25:33

نەۋرۇز يوللىغان ۋاقتى2015-3-20 09:08
نەۋرۇز ھەققىدە يېزىلغان بۇ شىئېرنى ياختۇردۇم. بۇ ھەقت ...

يازالمىدىم ئەمەس بىزدە ھازىر يازغىلى ۋاقىت يوق .خىزمەت بېسىمى شۇنداق ئېغىر ،ئولتۇرۇپ زىھنىنى قۇيۇپ بىر نەرسە يازغىلى ئاساسەن ۋاقىت يوق .

ياخشى يېزىلغان شئېركەن ،تىما ئىگىسىگە رەھمەت .
بەت: [1]
: نورۇزنامە