hawas يوللانغان ۋاقتى 2015-3-19 16:53:56

قېرى كاككۇك سايرىغان باغدا

ئۇۋا سالار يۈرەككە ئەلەم،
تاشلاپ كەتكەچ بىۋاپا سەنەم،
يىغلاپ تۇرار قەغەزدە قەلەم،
قېرى كاككۇك سايرىغان باغدا.

دەردتە قۇيار جۇدالىق تۈنى،
كۆڭۈل ناخۇش خوشلاشقان كۈنى،
ياڭراپ تۇرار پىغانلىق ئۈنى،
قېرى كاككۇك سايرىغان باغدا.

ئەسكە چۈشەر شېرىن خاتىرە:
سېلىپ جانان بوينىغا گىرە،
تۈمەن يۇلتۇز چاقنىغان خىرە،
قېرى كاككۇك سايرىغان باغدا.

قىزىپ كېتەر لەۋلەر ساماسى،
ئۇچۇپ لەرزان شادلىق ناۋاسى،
جانغا ھۇزۇر كۆكلەم ھاۋاسى،
قېرى كاككۇكسايرىغان باغدا.

ئاشىق جاندىن ئۆرلەيدۇ پىراق،
ۋىسال پەسلى ئۆچۈرۈپ چىراق،
سۆيگۈ دېگەن يىراقتۇر-يىراق،
قېرى كاككۇك سايرىغان باغدا.

سىھىر يوللانغان ۋاقتى 2015-3-19 19:02:22

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سىھىر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-3-19 19:07

بولدى كۈتمە بىۋاپا يارنى
سەنمۇ باشلا يېڭىھاياتنى
ساقلا سەنمۇ مەشۇق نىگارنى
قېرى كاككۇك سايرىغان باغدا


قاملاشمىسىمۇ ئازراق ئەگىشىپ قويدۇم سىزنىڭ شىئىرىڭىزدىن ئىلھاملىنىپ:ow

hawas يوللانغان ۋاقتى 2015-3-19 19:14:04

رەھمەت، تولىمۇ ياخشى چۈشۈپتۇ، ياقتۇرۇپ ئوقىغىنىڭىزغا رەھمەت!

Ayshemgul يوللانغان ۋاقتى 2015-3-19 19:41:38

ئولتۇرىدۇ بىر ياش غەم بىلەن،
ئەسكە يەتتى بەلكىم ئۇز لىۋەن،
ئۆرتەر دىلنى چەيلەنگەن چىمەن،
قېرى كاككۇك سايرىغان باغدا.

بىراق نىمىشقا قېرى كاككۇك سايرىغان باغدا؟ نىمىشقا ياش كاككۇك ئەمەس سايرىغىنى؟كاككۇك قانچە يىل ئۆمۈر كۆرىدۇ؟قانچە ياشقا كىرگەندە قېرىغان ھېساپلىنىدۇ؟قېرى كاككۇك قانداق سايرايدۇ دىگەن سوئاللار كاللامغا كىرىۋالدى:L

نەۋرۇز يوللانغان ۋاقتى 2015-3-19 20:04:24

شىئېر تىلى شۇنداق ئويناق چىقىپتۇ. بولۇپمۇ ھەر بىر كۇبلىتنىڭ ئالدىنقى ئۈچ مىسراسى. ئەمما نىمىشقىدۇر ئاخرقى مىسرا كۆڭۈلنى غەش قىلىدىكەن. مەنمۇ ئايشەمگۈل ئويلىغان سۇئال كاللامدا. نىمىشقا ھەر بىر كۇبلىتنىڭ ئاخىردا ‹‹قېرى كاككۇك›› تىلغا ئېلىنىپ قالدى؟ ئۇستاز بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرەرمۇ دىگەن ئۈمۈتتىمەن......

نۇرلان يوللانغان ۋاقتى 2015-3-19 20:46:22

ھەۋەس ئەپەندىمنىڭ قەلىمى يەنىمۇ ئۆتكۈر بولغاي.
شېئىرنىڭ 4-كۇبلىتىدا مەسلە بارمۇ قانداق؟

ئەلتۈرگ يوللانغان ۋاقتى 2015-3-20 14:12:11

مەنمۇ ئويلاپ قالدىم، بولسا قېرى كاككۇكنى ئالماشتۇرۇپ باقساق، تېىخمۇ يېقشلىق بولارمۇ...

زىبا. يوللانغان ۋاقتى 2015-3-20 20:21:53

تۈن كىچىدە ئازاپ ھۇۋلايدۇ ،
ھەسرەتلىرىم روھنى شورايدۇ،
يۈرەكلەردىن قان تامچىلايدۇ ،
ئاشىق كاككۇك سايرىغان باغدا .

‹‹قېرى كاككۇك سايرىغان باغدا ››دىگەن ئۇقۇمنىڭ تېگىگە ئازراق يەتتىم ،ئەمما مەن ئۇنى ئىشلەتمىدىم.

nuri يوللانغان ۋاقتى 2015-3-23 13:17:43

شېئىرنىڭ تىل گۈزەللىكىگە تەسىر يەتكۈزگەندەك قىلىدۇ «قېرى كاككۇك سايرىغان چاغدا» دېگەن مىسرادىكى« قېرى » سۆزى ، شۇنداقتىمۇ ئاپتۇرنىڭ قەلەم قۇۋۋىتىنىڭ كۈچلۈكلىكىگە ئاپىرىن دېمەي بولمايدۇ. يەنە شۇنىمۇ دېمەي بولمايدۇكى ، شېئىر يازغاندا مەسئۇلىيەتچان بولۇپ ھەممە جەھەتتىكى گۈزەللىككە ئەھمىيەت بەرسەك.
بەت: [1]
: قېرى كاككۇك سايرىغان باغدا