زىبا. يوللانغان ۋاقتى 2015-3-19 13:18:46

زىبا :قانداق قىلغاندا ساۋادىنى تىز چىقارغىلى بۇلىدۇ؟

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زىبا. تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-3-19 13:21

تىل ئەدبىيات دەرىسلكىدە قانداق قىلغاندا تۈۋەن يىللىقلارنىڭ ساۋادىنى تىز چىقارغىلى بۇلىدۇ؟
ئامانگۇل ئابدۇكېرەم زىبا

   ساۋات چىقرىش –مەكتەپ ئۇقۇ –ئۇقۇتۇش خىزمىتىنىڭ جان تۇمۇرى ،باشلانغۇچ مەكتەپ تىل –ئەدبىيات دەرىسلكىنىڭ دەسلەپكى ئاساسى ،بارلىق پەنلەرنىڭ ئۇڭۇشلۇق ئېلىپ بېرلىشىدكى بىر كۆۋرۈك .شۇڭا ھەر قايسى مەكتەپلەر 1-يىللىقنىڭ ئانا تىل ئۇقۇتقۇچىللىرىنى ئۇرۇنلاشتۇرغاندا چۇقۇم ئۇقۇتۇش مىتودى ياخشى ،مول بولغان ئۇقۇتۇش تەجرىبىسىگە ئىگە ،كۆپ ئىقتىدارلىق ،جۇشقۇن ،ھاياتى كۈچى ئۇرغۇپ تۇردىغان ،مەسئۇلىيەتچان ئۇقۇتقۇچىلارنى تاللاپ بىكتىش كىرەك .
      نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە «قوش تىل »ئۇقۇتۇشى ئالاھىدە تەكىتلىنۋاتقان بولغاچقا باللارنىڭ مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇنقى تەربىيلىنىشى ئاساسەن خەنزۇتىلى بىلىملىرى بۇلىدۇ .شۇڭا يېڭىلا مەكتەپكە كىرگەن ئۇقۇغۇچىلاردا دەسلەپكى قەدەمدە ئانا تىل دەرسىگە قىززىقماسلىق ،ئانا تىل دەرسىنى يەكلەش پىسخكىسى كۆرلىدۇ.
ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا تۈۋەن يىللقلارنىڭ ساۋادىنى تىز چىقارغىلى بۇلىدۇ ؟
1-        ئۇقۇتۇش ئۇسۇلىنى توغرا تاللاش:
(1) ئۇقۇتقۇچى دەرىس ئۈتۈشتىن ئاۋۋال دەرىس لايھىسىنى ئەتراپلىق ياخشى تۈزۈپ، ئاددىيلقتىن مۇرەككەپلىككە باشلاپ يەتكۈزۈش كىرەك.
(2)يېڭى دەرىسكە باشلاپ كىرىشتە ماھىرلىق بىلەن ئەڭ ياخشى ئۇسۇللارنى تاللاپ ،ئۇقۇغۇچىلارنى دەسلەپكى قەدەمدىلا دەرىسكە قىززىقتۇرۇش ،قوزغۇتۇش كىرەك .شۇ ئارقىلىق بىر سائەتلىك دەرسىتە يەتمەكچى بولغان نىشان ئەمەلگە ئاشۇرلۇپ دەرىسنىڭ باللارغا ئۆزلىشىش نىسبىتىنى يۇقۇرى كۈتۈرۈش كىرەك .
(3)دەرىس پىلانى بۇيىچە ئۇقۇتۇش ئېلىپ بېرىش ،ئۇقۇتۇش سۈرئىتىنى ھەدىدىن زىيادە تىزمۇ قىلۋەتمەسلىك ،بەك ئاستىمۇ قىلماسلىق كىرەك ،سىنىپتىكى بارلىق ئۇقۇغۇچىلارغا يۈزلىنىپ تەكشىلكىنى قولغا كەلتۈرۈش لازىم .1-يىللىق ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىليىتى بىر قەدەر تۈۋەن بولغاچقا قاتلاممۇ –قاتلام تەكرارلاشنى چىڭ تۇتۇش كىرەك .
(4)ئوقۇغۇچىلارغا ھەرىپ تۇنۇتۇشتا رەسىم ۋە ئەتراپىمىزدىكى جانلىق ،جانسىز شەيئىلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ تۇرۇپ تۇنۇتۇش ،شەيئلەرنى تۇتۇش ،قاراش ،نامىنى ئېيتىپ بېقىش ،قايسى ھەرىپ بىلەن باشلىندىغانلقىنى سوراش ئارقىلىق ئۇقۇغۇچىلاردا جانلىق تەپەككۇر ئويغۇتۇپ ئېلىپە دەرسىنىڭ رەڭدارلقىنى ھەم جەلىپكارلىقىنى ئاشۇرۇش كىرەك .
(5)بۇغۇم ،سۆز ۋە جۈملە ئۆتكەندە ئوقۇغۇچىلارنى ئاددىيلقتىن مۇرەككەپلىككە باشلاپ ئۈگەنگەن سۇزۇق تاۋۇش ۋە ئۈزۈك تاۋۇشلاردىن بۇغۇم تۈزۈپ بېقىش ،بۇغۇمدىن سۆز تۈزۈپ بېقىش ،سۆزلەردىن جۈملە قۇرشتۇرۇپ بېقىشقا يىتەكلەش ئارقىلىق ئۇقۇغۇچىلارنىڭ بىر قېلىپقا كىرۋېلىش ،يادلىمكەش بۇلۋېلىش چۈمپەردىسىنى ئېچىپ تاشلاپ،ئۆز تەپەككۇرىغا تايىنىپ خاسلىق يارتىپ بىلىم قۇرۇلمىسىنى مۇستەھكەملەشكە ئەھمىيەت بىرىش كېرەك .
2-        ئوقۇش مەشىقى بىلەن يېزىش مەشقىنى زىچ بىرلەشتۈرۈش كىرەك .
(1)دەرسىنى مۇۋاپىق ئۇقۇتۇش ئۇسۇلىنى تاللاپ ئۈتۈش .
(2)ئۇقۇش مەشىقى ئېلىپ بارغاندا ئوقۇتقۇچى ئەڭ ئاۋۋال ھەرىپلەرنىڭ 4خىل ياكى 8 خىل شەكلىنىڭ پەرقىنى ،كىلىش ئورنىنى ھەرىپ ئارقىلىق بۇغۇم تۈزۈشنى ناھايتى ئەتراپلىق چۈشەندۈرۈش ،سۆز –جۈملىلەرنى ئۇقۇتقاندا مەنسىنى چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق شۇ سۆز-جۈملىلەرگە نىسبەتەن ئوقۇغۇچىلارنى مۇئەييەن چۈشەنچىگە ئىگە قىلىپ سەۋىرچانلىق بىلەن قېتىرقىنىپ تەكرار –تەكرار ئۈگتىش كىرەك .
(3)گۇرۇپپىلار بۇيىچە ،نەپەرلەر بۇيىچە ئوقۇتۇپ ئەڭ ياخشى گۇرۇپپا ،ئەڭ ياخشى ئۈگەنگۈچىنى تاللاپ چىقىپ «مەنمۇ مۇئەللىم »بوپ باقاي ئۇيۇنىغا تەشكىللەپ ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇتۇپ بېقىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ باللاردا ئۆزىگە ئىشىنىش پىسخىكىسى يىتىلدۈرۈپ ،ئاكتىپچانلقىنى قولغا كەلتۈرۈپ ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش كىرەك .
(4)يېزىش مەشىقى ئېلىپ بارغاندا چۇقۇم خەتلەرنى قۇرغا چۈشۈرۈپ ،يېزلىش تەرتىۋى بۇيىچە يېزىشقا تەشكىللەش .خەت يېزىشقا قۇلى كەلمىگەن ئوقۇغۇچىلارغا سەۋىرچانلىق بىلەن ئۈگتىش ،قۇلىنى تۇتقۇزۇپ يازدۇرۇش ،بارا –بارا مۇستەققىل يېزىشقا ئۈندەپ ئوقۇغۇچىلارغا جاپاغا چىداپ ئۈگنىش ،قېتىرقىنىپ ئۆگنىش رۇھىنى يىتىلدۈرۈش .
(5)خەتنى توغرا ،چىرايلىق ،ئۆلچەملىك يازغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەپتىرىنى كۆرگەزمىگە قۇيۇپ باللارنى ئىلھاملاندۇرۇش ،ئۆلگە كۆرسىتىش ئارقىلىق يىتەكلەش شۇ ئارقىلىق باللاردا رىقابەت ئىددىيسى تۇرغۇزۇپ «مەنمۇ ئەڭ ياخشسى بۇلالايمەن »دەيدىغان ئىرادە تىكلەتكۈزۈپ،شۇ ئارقىلىق ئالغا ئىلگىرلتىپ يېزىش مەشقىنىڭ تەلۋېنى ئورۇنداش .
3 -ئوقۇغۇچىلارنى تۈرلەرگە ئايرىپ تەربىيلەش ئېلىپ بېرىش :
    (1) يېڭىدىن مەكتەپكە قۇبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەقىلى ئىقتىدارى بارا –بارا يىتلۋاتقان ،بىلىم قۇرۇلمىسى مۈكەممەل ئەمەس ،ئۈگنىشكە نىسبەتەن ئىددىيسى تۇلۇق ئايدىڭلاشمىغان بولغاچقا ئۇلارنى ئايرىپ يىتەكلەش ئارقىلىق پەرىقنى ئازايتىش ،ئەلالىرىنى سەرخىللاشتۇرۇش ،ياخشىللىرنى ئەلالاشتۇرۇش ،ئارقىدا قالغانلارنى ياخشىلار قاتارىغا كىرەۈزۈش خىزمىتىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىش كىرەك .
    (2) كىچىك گۇرۇپپا مەسئۇللىرىنى سايلاپ چىقىپ ئۆز گۇرۇپپسىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا دەرىستىن سىرىتقى ۋاقىتلاردا كۆپلەپ تەكرار قىلىپ بىرىشكە يىتەكلەش ،ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن ئوقۇتقۇچى ئايرىپ تەكرار قىلىپ بىرىش ،ئايرىپ تاپشۇرۇق بىرىش ،پات –پات سۆھبەتلىشىش ،ئارقىلىق ئاكتىپچانلقىنى قولغا كەلتۈرۈپ دەرىستە ئالغا باستۇرۇش كىرەك .
      4- قەرەرلىك ھالدا ئاتا –ئانىلار يىغىنى ئېچىپ مەكتەپ تەربىيلەش بىلەن ئائىلدە يىتەكلەشنى بىرلەشتۈرۈش كىرەك .
بىرىنچى يىللىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېشى بىر قەدىر كىچىك بولغاچقا ئۇلار يىتەكلەشكە ،كۈڭۈل بۈلۈشكە تۇلىمۇ مۇھتاج ،ئۇلاردا تېخى مۇستەققىل ،ئۆزلكىدىن ئۆگۈنۈش ئىرادسى تۇرغۇزۇلمىغان شۇڭا ئوقۇتقۇچىلار قەرەرلىك ھالدا ئاتا –ئانىلار يىغىنى ئېچىپ ئاتا –ئانىلارنىڭ ماسلىشىشنى قولغا كەلتۈرۈش ،پەرزەنتىللىرىنىڭ ئۈگىنىش ئەھۋالىدىن ۋاختى –ۋاختىدا خەۋەردار قىلىپ كىسەلگە قارتا دۇرا بىرىش ئوسۇلىنى قوللنۇپ ئوقۇغۇچىلاردا بار بولغان ئارتۇقچىلقلارنى بايقاش بىلەن بىرگە ساقلانغان مەسىللەرنىمۇ تېپىپ چىقىپ ،ئۆز ۋاقتىدا تۈزتىش ،ئۇلارغا ئانا تىل دەرسىنىڭ مۇھملقىنى تۇنۇتۇپ ساۋات چىقىرىش قىزغىنلقىنى يۇقۇرى كۈتۈرۈش كىرەك .

ئاپتۇر :مەكىت ناھيە قۇمقىسار يېزا مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچسى .
قەشقەر گىزىتى 2015-يىلى3-ئاينىڭ 6-كۈندىكى ساندىن ئېلىندى

مەرىپەت يوللانغان ۋاقتى 2015-3-19 13:27:50

قارىغاندا تىل-ئەدەبىيات دەرسىنى بېرىدىكەنسىز-دە:lol

زىبا. يوللانغان ۋاقتى 2015-3-19 13:40:00

مەرىپەت يوللىغان ۋاقتى2015-3-19 13:27
قارىغاندا تىل-ئەدەبىيات دەرسىنى بېرىدىكەنسىز-دە

شۇنداق .بۇماقالىنى ئۈزۈمنىڭخىزمەت ئەملىيتىمدە توپلىغان تەجرىبىللىرىمگە ئاساسەن يازغان ،گېزىتكەبىرىمەن دەپ يازغاچقابەزى مەزمۇنلارنى يىغىنچاقلاپ يازسام ،بۇلار تېخىمۇ قىسقارتىپ بېسىپتۇ . بەلكىم بەت يۈزىگە كۆپرەك ماقال بىرىش ئۈچۈن ،بەت يۈزىنى تىجىگەن چېغى دەپ ئويلۇدۇم .

elturuk يوللانغان ۋاقتى 2015-3-19 13:58:46

رەھمەت سىزگە، بۇ پەقەت مۇئەللىمنىڭلا ئەمەس بەلكى بىزدەك ئاتا -ئانىلارغىمۇ بولغىدەك.

ئ‍ويغاق يوللانغان ۋاقتى 2015-3-19 14:51:45

بۇ ياخشى تىما بوپتۇ …
كۆپ تىللىق بولۇش شەرەپ، ئانا تىلنى بىلمەسلىك نۇمۇس ، مۇشۇنداق تىمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاي…

ask007 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-19 15:31:31

ھازىر باشلانغۇچ مەكتەپلەردە تىل ئەدەبىياتتىن باشقا ھەممىسى دېگىۈدەك خەنزۇچە تۇرسابالىلار قانداقمۇ ئانا تىلنى ياخشى ئۆگىنەلىسۇندېمەكچىمەنكى تەلەپپۇزلىرى ۋە باشقا ئوقۇش يېزىش دېگەندەك

hawas يوللانغان ۋاقتى 2015-3-19 16:48:05

ماقالىدا ئوقۇملار ئارىلىشىپ كېتىشتەك لوگىكىلىق خاتالىقلار يۈز بېرىپتۇ، بۇنىڭدىن كىيىن دىققەت قىلسىڭىز...

زەبىرە يوللانغان ۋاقتى 2015-3-19 17:10:49

ناھايىتى ياخشى يېزىلغان ماقالە ئىكەن. ساۋات چىقرىشتا مەكتەپكىلا ئارتىپ قويماي ئاتا-ئانىلارمۇ ماسلىشىشى كېرەك .

زىبا. يوللانغان ۋاقتى 2015-3-19 17:11:00

hawas يوللىغان ۋاقتى2015-3-19 16:48
ماقالىدا ئوقۇملار ئارىلىشىپ كېتىشتەك لوگىكىلىق خاتال ...

مەسلەن......

ياخشىتەكلىپ   بەرگىنىڭىزگە   رەھمەت

hawas يوللانغان ۋاقتى 2015-3-19 17:44:29

مەسىلەن: «ئەدەبىيات» دېگەن ئوقۇم بىلەن «ئېلىببە» دېگەندەك......
بەت: [1] 2 3
: زىبا :قانداق قىلغاندا ساۋادىنى تىز چىقارغىلى بۇلىدۇ؟