[ شېئىر ] سىمايىڭ بوپ كۆرىنەر دۇنيا
سىمايىڭ بوپ كۆرىنەر دۇنيامەيلى باقاي قەيەرگە، كىمگە،
سىمايىڭ بوپ كۆرىنەر دۇنيا.
شاماللارمۇ ئاۋازىڭ دوراپ،
قۇلىقىمغا پىچىرلار گويا.
«ئۇ يوق!» دىدى، مەن دەيمەن:«باردۇر»،
سەن شامالدا، ئېقىن سۇلاردا.
چۈشلىرىمدە ھەمرا سەن يەنە،
تەڭ يۈرىمىز ئەگىم يوللاردا.
سەن بولغاچقا ھاياتىم مېنىڭ،
تولغانىدى چەكسىز مەناغا.
جىسمىڭ سېنىڭ قەيەردە بولسۇن،
بار دەپ شۈكۈر ئېيتاي ئاللاھقا.
يانلىرىمدا تۇرغاندەك مەڭگۈ،
ۋەدە بېرەي ئەسلەپ تۇرماققا.
سەنمۇ ئاسرا ئۆزۈڭنى ھەرچاغ،
ئۈمۈد ئۈزمەي، ۋىسال تاپماققا. شېئىرنى ياقتۇردۇم. ئەگىشىپ باقتىم ئۆزۈمچە:lol
مەن يېنىڭدا خاتىرجەم بولغىن،
ئارلىقىمىز بولسىمۇ يىراق.
قەلبىم ساڭا تۇتىشىپ كەتكەن،
ئۆچكىنى يوق مەندىكى پىراق.
شاماللارغا ئېيتتىم سۆزۈمنى،
سالىمىمنى سۇلاردىن بىلگىن.
چۈشلىرىڭگە كىرسەم ناۋادا،
سېغىنىپتۇ مېنى دەپ كۈلگىن. alxir يوللىغان ۋاقتى2015-3-19 10:45
شېئىرنى ياقتۇردۇم. ئەگىشىپ باقتىم ئۆزۈمچە
مەن يېنىڭ ...
شېئىرىمنى ياقتۇرغىنىڭىزغا ، ئەگەشكىنىڭىزگە ۋە تەڭگىللىرىڭىزگە كۆپ رەھمەت!;P
كەلتۈرۈپ قويىسىز جۇمۇ زادى:lol. ئىككىلى كوپلىتى شۇنداق ياخشى چىقىپتۇ.
مەنمۇ داۋام ئەمسە:
ئىشەنچ بولغاچ ماڭا يار- يۆلەك،
خاتىرجەممەن ھەر ۋاقىت سەندىن.
ئۈمۈدسىزلىك يېقىن يولالماس،
چىقمىسا جان بۇ ئەزىز تەندىن. Ayshemgul يوللىغان ۋاقتى2015-3-19 11:38
شېئىرىمنى ياقتۇرغىنىڭىزغا ، ئەگەشكىنىڭىزگە ۋە تەڭگى ...
ئەمدى ئەگەشمەيمەن;P alxir يوللىغان ۋاقتى2015-3-19 11:44
ئەمدى ئەگەشمەيمەن
:lol ياخشى گەپ! ئاق بايراقنى تۇتۇپ ، ئىككى قولىڭىزنى ئېگىز كۆتىرىڭە ئەمسە ;P
چاخچاق جۇمۇ. زورلاپ يازغىلى تۇرماڭ ئەمدى. Ayshemgul يوللىغان ۋاقتى2015-3-19 11:50
ياخشى گەپ! ئاق بايراقنى تۇتۇپ ، ئىككى قولىڭىزنى ئېگ ...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا زىبا. تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-3-19 12:52
سمايىڭ بوپ كۈرىنەر دۇنيا
ئامانگۇل ئابدۇكېرەم زىبا
http://www.misranim.com/gul/bizak0828/40.gif
بىر ناخشا يازدىم كېچە قوينىغا،
ئاھاڭى بولسا سېغىنىشكۈيى .
دۇنيا ئۇخلىسا ئۇخلىماس كۈڭۈل،
رېتمسىز ئاقاريۈرەكنىڭ قېنى.
/bizak/3.gif
ئەتراپ قاراڭغۇ،ئۈنلەيدۇ ھېجران،
سىمايىڭ نۇر چاچارخىياللىرىمدا .
ئۆتمۈشكە ئايلاندىڭ سۆيگۈم بېتىدە،
ئۇقۇلدۇڭ ئەمما داستانلىرىمدا .
/bizak/3.gif
يۈرەك قاغجراپ ياش تۆكتى بۈگۈن ،
سىمايىڭ بوپ كۈرۈندى دۇنيا .
لىۋىم شىۋىرلاپ ئىسمىڭنى نەچچە ،
يېنىڭغا كەتتى شامال بوپ زىبا.
/bizak/3.gif
2015-يىلى 3-ئاينىڭ 19-كۈنى مەكىتتە يېزىلدى .
شېئرڭىزنى كۈرۈپ ھاياجان ئىلكىدە مۇنۇ قۇرلارنى پۈتۈپ قالدىم ياقتۇرغايسىز . پاھ پاھ.... نىمانچە لىرىكىغا تويۇنغا مىسرالار بۇ. ھەجەپ ياخشى يېزىپسىز. ھەر بىر كوپلىت، ھەر بىر مىسرالىرى شۇنچىلىك ياقتى ماڭا. رەھمەت! قوللىرىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن! گۈللەر تىزىۋىتەي دىگەن تېلفوندا بولماي قالدى. گۈزەل لىرىكىللىرىڭىزنى ئۈزمىگەيسىز! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مەرىپەت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-3-19 13:22
alxir يوللىغان ۋاقتى2015-3-19 12:06
يانداشما شئېرىڭىز ياخشى يېزىلىپتۇ، لېكىن تەسلىم بولسىڭىز بولمايتتى.:lol دوستۇم سىزنىڭ يازغان شئېرىڭىزنىڭ ياخشىلىقىغا گەپ كەتمەيدۇ. :lol