Hiyalparas يوللانغان ۋاقتى 2015-3-18 19:37:20

ساقلاۋاتىمەن سۆيگۈمگە ماتەم تۇتۇشنى

   ساقلاۋاتىمەن سۆيگۈمگە ماتەم تۇتۇشنى

ئاچچىق ئىكەن بۇ ھاياتنىڭ چاقچىقى،
بىلمەي قالدىم يىغلىشىم يا كۈلۈشنى.
سەلدەك تاشتى يۈرىكىمدىن دەرت-ئەلەم،
ئارزۇ قىلدىم گاھى ھەتتا ئۆلۈشنى.

مەرھەمىتى دەپتىكەنمەن تەقدىرنىڭ،
ئاشىقلىقنى، ساراڭلارچە كۆيۈشنى.
كۈتۈپ كەلدىم بىر كۈن بەختىم ئېچىلسا،
ۋىسال تېپىپ لەۋلىرىڭگە سۆيۈشنى.

ئەمما ئۈمىد نۇرلىرىنى كۆرۈپلا،
كۈتۈۋالدىم يەنە قارا زۇلمەتنى.
نېمە چارە تارتماي باشقا ئامال يوق،
باشقا كەلگەن بۇ ئوقىبەت-كۈلپەتنى.

توي قىلىمەن، ئاسرا دېدىڭ ئۆزۈڭنى،
سىلكىندىم-يۇ، نەم قىلمىدىم كۆزۈمنى.
بىراق، يول- يول تىلىندى بۇ يۈرۈكۈم،
يۇتىۋەتتىم تىلىمدىكى سۆزۈمنى.

قانداق گۇناھ قىلغان ئىدىم ئەي رەببىم!
نېمە بۇنچە زارلىتىسەن كۆڭۈلنى؟
ئۆزۈڭ سالغان مۇپتىلالىق، سەۋدالىق،
داۋا بەرمەي سۇلدۇرامسەن بۇ دىلنى؟

بەلكىم گۇناھ گاداي بولۇپ قالغىنىم
نامراتلىقىم بۇغدى ئارزۇ، غايەمنى.
مۇھەببەتمۇ بېقىنىپتۇ ئۇنىڭغا
پۇلسىز بەلكى كۆرەلمەسمەن سايەمنى.

بەختلىك بول دېيەلىدىم ئارانلا،
چۈشەنمەيتىڭ شۇ دەقىقە قەلبىمنى.
سەنغۇ بىغەم بولىۋالدىڭ ئۆزۈڭچە،
«كىملەر كېلىپ ئالار مېنىڭ دەردىمنى».

شۇندىن بۇيان مۇردىغىلا ئوخشايمەن،
خىيال بىلەن بىدار قىلدىم تۈنۈمنى.
خوددى ئەجەل كۈتىۋاتقان مەھبۇستەك،
ئازاب بىلەن ئۆتكۈزىمەن كۈنۈمنى.

راست، ھەقىقەتەن ساقلاۋاتىمەن،
ساقلاۋاتىمەن ئاشۇ كۈننى_تويۇڭنى.
توي كېچىسى ماتەم تۇتۇپ سۆيگۈمگە،
سېنى مەڭگۈ يۈرىكىمگە كۆمۈشنى.

         _خىيالپەرەس.      2015-يىل 18-مارت.

ask007 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-18 20:46:24

ۋاھ ئالامەت يېزىپسىزمەنغۇ بىر كۇبلىت قوشاقمۇ قاتالمايمەن.ئەمدى ساقلاۋەرمەي باشقىنى تېپىڭ   ھى ھى ھىچاقچاق

Ayshemgul يوللانغان ۋاقتى 2015-3-18 21:37:24

ئىنسان بىلمەس ئەتە نىمە بولۇشنى،
بىلىۋىلىڭ بىر ئاللاھقا قويۇشنى.
ئەتە ئۈچۈن تەشۋىشلەنمەڭ ئورۇنسىز،
تىلەڭ ئاۋال ساق - سالامەت قوپۇشنى.


ئۆلدۈم دەپمۇ ياشايمىزكەن داۋاملىق،
ئەجەل توشۇپ ئەزرائىل كەپ قويمىسا.
سۆيەركەنمىز بىرنى ئۇنتۇپ باشقىنى،
كۆڭۈل دىگەن ئازار يەپمۇ تويمىسا.

ئاجايىپكەن بۇ دۇنيانىڭ ئىشلىرى،
ھەرخىل بولغاچ ياشاۋاتقان كىشلىرى.
شۈكرى ئېيتىپ، سەۋىر قىلساق كەپ قالار،
ئاللاھىمنىڭ رەھمەت قىلغان كۈنلىرى.
( بولمىساھەر بىر كۈنغۇ ئاللاھنىڭ رەھمەت قىلغان كۈنلىرى ئىدى. بىز ئاددىي كۆزىمىز بىلەن كۆرۈپ بولالمايدىكەنمىز ئۇ رەھمەتلەرنى.)

ئەزھەر36 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-18 22:04:02

شىئىرىڭىز ياخشى چىقىپتۇ ،
بولۇپمۇ

ئاچچىق ئىكەن بۇ ھاياتنىڭ چاقچىقى،
بىلمەي قالدىم يىغلىشىم يا كۈلۈشنى.
سەلدەك تاشتى يۈرىكىمدىن دەرت-ئەلەم،
ئارزۇ قىلدىم گاھى ھەتتا ئۆلۈشنى.

ماڭا بەك يارىدى .

نۇرلان يوللانغان ۋاقتى 2015-3-18 22:21:46

خىيالپەرەسنىڭ شېئىرىنىڭ تىلى ناھايىتى يېقىملىق چىقىپتۇ، مەزمۇنىمۇ چۈشىنىشلىك بولۇپتۇ. قەلىمىڭىز يەنىمۇ بەرىكەتلىك بولسۇن.

Hiyalparas يوللانغان ۋاقتى 2015-3-18 22:32:40

نۇرلان يوللىغان ۋاقتى2015-3-18 22:21
خىيالپەرەسنىڭ شېئىرىنىڭ تىلى ناھايىتى يېقىملىق چىقىپ ...

بەرگەن باھايىڭىزغا رەھمەت ئۇستاز

زىبا. يوللانغان ۋاقتى 2015-3-19 11:18:49

چىن   ھىسسىيات   شۇنچىلىك   يارقىن   ئىپادىلنىپتۇ،بۇشېئىرنىيازغان   ئاپتۇرنىڭھەم   ئۇقۇرمەننىڭ   راسلا   ئىچ   -باغرىتىلغاندى .ئاپتۇرقانچىلىكھاياجاندا   يازسا   ئۇقۇرمەننىمۇ   شۇنچىلىكھاياجانغاسالىدۇ .

كىرەم133 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-19 20:22:12

روھلان شائىرلار جەمگاھى ئىكەن               راسلاياخشى يىزىپسىز

نەۋرۇز يوللانغان ۋاقتى 2015-3-19 20:30:04

ھېسياتنى ئەركىن ئىپادىلەشتە ماھارىتىڭىزنى تۇللۇق نامايەن قىپسىز. قايىل بولدۇم. قەلىمىڭىز بەركەتلىلك بولسۇن

Hiyalparas يوللانغان ۋاقتى 2015-3-20 00:07:36

زىبا. يوللىغان ۋاقتى2015-3-19 11:18
چىن   ھىسسىيات   شۇنچىلىك   يارقىن   ئىپادىلنىپتۇ،بۇش ...

بەرگەن باھايىڭىزغا رەھمەت، ئەمما ئۇ چاغدىكى ھېسياتىم ھاياجان ئەمەس، بەلكى ئازاب.گەرچە ئۇنىڭغا يەنىلا ھېسداشلىق قىلىۋاتقان، ئۆزىمگە ئۇنىڭغا نەپرەتتلىنىش ئۇنىڭ ئۈچۈن ئادىلسىزلىق دەپ ئەسكەرتىپ كېلىۋاتقان بولساممۇ، ئەمما يەنىلا بۇ شېئىرنى ئۇنىڭغا ئەۋەتتىم. بىچارىنىڭ ئازابلانغانلىقىنى قايتۇرغان ئىنكاسىدىن بىلىنىپ تۇراتتى. مەقسىدىمگە يەتتىم. ئەمما خۇشال بولمىدۇم. تۇرۇپ ئۆزۈمنى بەك رەزىل ھېس قىلىپ قالدىم. ھەم بۇ ئىشلارنى نىمىشقا بۇ يەردە يېيىپ يۈرىيدىغانلىقىمنىمۇ چۈشەنمەيمەن.
بەت: [1]
: ساقلاۋاتىمەن سۆيگۈمگە ماتەم تۇتۇشنى