Hiyalparas يوللانغان ۋاقتى 2015-3-18 14:14:24

مۇخەممەس

                     مۇخەممەس

بۇ زامان بوھرانىدىن بېشىمغا كەلدى كۆپ كۈلپەت،
ناھايەتكى، قىسمەتكە ھېچ يوق ئىكەن سۈلھى-سۆھبەت.
يۈرەكىم لەختە قان بولدى،پەلەكتىن كۆرمىدىم شەپقەت،
تىرىشتىم غايە-ئارمان دەپ،بىراق ھەمرا ھامان ھەسرەت،
بۇ مەھزۇن ھالىمە نەدە؟ قارار تاپماس تېنىم شىرمەت.

مۆدۈرۈپ تۈز يولدىمۇ بۇ تېنىم ئەبگا، لاكات بولدى،
قىسمىتىم ھەدىيەسى، ھەر قەدەمدە بىر كاچات بولدى.
نەتىجە چىقمىدى ئەسلا، قىلغان ھەر ئىش كاسات بولدى،
ئەتمىشىم ئاغزىدا خەقنىڭ تامام پىتنە-پاسات بولدى.
نېمە دەي؟_تەگمىدى زادى، كاچاتتىن ئۆزگە ھېچ ھىممەت.

نالايىق ئوخشايمەن توۋا! مۇھەببەت بەرگىنى سەۋدا،
ئاشىق بولسا كىشى كىم، كۆيەر بەلكىم مەنچىلىك ئوتتا.
بىراق،ئوت ئىچرە كۈل بولدۇم، ۋىسالدىن شەپە يوق ھەتتا،
ۋاقىتسىز ئۈششىدى قەلبىم گويا ياپراق كەبى جۇتتا،
ئۈمۈدنى ئۆلتۈرۈپ ۋاقت، ئەلەم باشلاپ كىلۇر دەھشەت.

سىزىمەن گاھى پەرۋانە ئۆزۈمنى ئوت قوينىغا ئاتقان،
ھالاكەت بولسىمۇ قىسمەت، ئۇنىڭسىز مەن ھامان سەرسان.
ئاخىر تىغ سانجىدى يارەب! كۆكسىمگە مەن سۆيگەنجانان،
تىرىك قالدى تىنىم ئەمما، روھىم قاتتىق قىلار غەليان.
بىلىپ يەتتىم ياشاش قانداق، ئازابنى تونۇتۇپ قىسمەت.

زىرىكتىم ھەممىدىن بۈگۈن، جاھاندىن، بى ئەزىز جاندىن،
كەلمىسە زەررىچە رەھمە، كۆڭۈلدىن سۆيگىنىم_ ياردىن.
بولالماي ياخشىچاق ئۆزگە-ئۆزۈمگە يەتكۈچە ھاردىم،
تېپىلماس جاھاندا، يەنە ماڭا ئوخشاش دىلى خاردىن.
ئۆلگىنىم ياخشىغۇ تەقدىر كۈلۈشكە بەرمىسە پۇرسەت.

            _خىيالپەرەس.

Hiyalparas يوللانغان ۋاقتى 2015-3-18 14:23:20

شېئىرنىڭ ئالدىنقى ئۈچ كۇبلىتى، بۇندىن ئۈچ ئاي ئىلگىرى، بىر قېتىملىق سەپەر ئۈستىدە يېزىلغان. شۇندىن بېرى قانچە ئايىغىنى چىقىرۋېتىشنى ئويلىساممۇ، ئەمما شۇ چاغدىكى ھېس تۇيغۇنى قانچە قىلىپمۇ تاپالمىدىم. شۇڭا ئاخىرىنى يازالمىدىم. بۈگۈن ئاغرىپ قېلىپ بىكار بوپتىمەن. شۇڭا ئايىقىنى يېزىۋېتەي دېدىم. بىراق،روھىمنى چۇلغىۋالغانئازاب دەستىدىن ھېچنىمىگە رايىم يوق. خېلى ئۇزۇن زورۇقۇپ ئاران ئىككى كۇبلىت يازدىم. ئەمما بۇ قېتىم قەلبىمدىكى ھېسلىرىمنىڭ ھەممىنى بۇ مىسرالارغا تۆكىۋەتتىم دەپ ئويلايمەن.

ئەلتۈرگ يوللانغان ۋاقتى 2015-3-18 16:44:34

كلاسسىك شىئرلاردەك چىقىپتۇ، قەلمىڭىزگە بەرىكەت تىلەيمەن!

نەۋرۇز يوللانغان ۋاقتى 2015-3-18 19:36:50

ھايات ھەققىدە تولىمۇ ئۇستىلىق بىلەن يېزىلغان بۇ يازمىڭىزنى سۈيۈپ تۇرۇپ ئوقۇدۇم. قەلىمىڭىزنىڭ كۈچىنى ئۈنسىز نامايەن قىلىپ تۇرۇپتۇ بۇ شىئېرىڭىز. بۇندىن كىينكى ئىجادى ھاياتىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن

Hiyalparas يوللانغان ۋاقتى 2015-3-18 19:49:34

نەۋرۇز يوللىغان ۋاقتى2015-3-18 19:36
ھايات ھەققىدە تولىمۇ ئۇستىلىق بىلەن يېزىلغان بۇ يازمى ...

بەرگەن باھايىڭىزغا كۆپ رەھمەت. «ھايات بىر ئۇستازدۇركى، ئۇ ساڭا دەرس بەرمەستىن ئىمتىھان ئالىدۇ». ئىلگىرى مەن مۇشۇنداق بىر جۈملە سۆزنى ئاڭلىغان. دەرھەقىقەت، ئۇنىڭ رەھىمسىزلىكى تۈپەيلى مەن توپىدىن پىششىق خىشقا ئايلاندىم. ئەمما بىلدىمكى پىششىپ چىققان خىشمۇ ئورۇپ-سوقۇش، شاللاشلاردىن مۇستەسنا بولالمايدىكەن.

arkzat يوللانغان ۋاقتى 2015-3-18 20:12:00

چۈيۈئەننىڭ «جۇدالىق زارى»دىن ئەنداز ئالغاندەك يېزىۋېتىپسىز. بەدئىيلىككە يەنىمۇ كۈچەش كېرەك. مۇناسىپ ماۋزۇ قويۇلىشى كېرەك.چۈنكى قويۇپ قويغىنىڭىز ماۋزۇ ئەمەس، شېئىرىي شەكىلدىن بىرىنىڭ نامى.

Hiyalparas يوللانغان ۋاقتى 2015-3-18 20:17:22

arkzat يوللىغان ۋاقتى2015-3-18 20:12
چۈيۈئەننىڭ «جۇدالىق زارى»دىن ئەنداز ئالغاندەك يېزىۋې ...

ئۇنى بىلىمەن، ئەمما ماۋزۇنى قانداق قويۇشنى بىلمىدىم.

سىھىر يوللانغان ۋاقتى 2015-3-18 21:33:05

بەك ياخشى يىزىپسىز جۇمۇ ،،،،،:ow،(ئازراق ئاتىكاچىلىق قىلاي )مىنىڭچە بۇ تىمىغا ھايات دەپ ماۋزۇ قويسا بولغىدەك دەپ ئويلىدىم،،،،

Ayshemgul يوللانغان ۋاقتى 2015-3-18 21:44:31

سىھىر يوللىغان ۋاقتى2015-3-18 21:33
بەك ياخشى يىزىپسىز جۇمۇ ،،،،،،(ئازراق ئاتىكاچىلىق قى ...

مەنچە ھايات دەپ قويسا ئانچە ياخشى بولمايدۇ دەپ تالىشىپ كېتەي ئاپتور بىر ياندا قېلىپ ھې ھې.....

Ayshemgul يوللانغان ۋاقتى 2015-3-18 21:48:48

راست بەك ياخشى يېزىپسىز. ئاللاھىم سەۋىر تاقەت بەرسۇن. بوپتۇ، سىناق كەلمىگۈچە ئادەم پىشمايدۇ ئەمەسمۇ. بىركۈنلەردە شۇ جانانغا رەھمەت ئېيتامسىز تېخى. ھېلىمۇ مېنى تاشلىۋىتىپتىكەنسەن دەپ. ئاللاھىم ئۇنىڭدىنمۇ ياخشىسى بىلەن تولدۇرۇپ بەرسۇن. نەچچە قېتىم ياندۇرۇپ ئوقۇغۇدەك شېئىر بولۇپتۇ. مەن ياقتۇردۇم ئىشقىلىپ. بىراق ئۇستازلار دىگەندەك تېمىدىن بىرنى قويمىسىڭىز بولماپتۇ. ما ھېسلىرىڭىز يوقاپ كەتمەستە گاچچىدە قويىۋىلىڭ.
بەت: [1] 2
: مۇخەممەس