ياردەم لايىقىدا بولسۇن! !!
ھەر بىر ئادەم ئىنسانىيەت دۇنياسىغا قەدەم بېسىشتىن بۇرۇنلا ، تەغدىر ئۇنىڭغا ياردەمگە ئېرىشىش ھوقۇقى ۋە ياردەم بېرىش مەجبۇرىيىتىنى يۈكلىگەن بولىدۇ . دىمەك – ئىنسانىيەت دۇنياسىدا ياشاۋاتقان ھەر بىرىمىزنىڭ ئىمكانىيىتى بارلاردىن ياردەم سوراش ھوقۇقىمىز ، ئىمكانىيىتى يوقلارغا ياردەم بېرىش مەسئۇلىيىتىمىز بار . كىشىلىك ھايات پەقەت ئۆز – ئارا ياردەم بېرىش ئارقىلىقلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ . بىراق بۇ يەردىكى مەسىلە شۇكى — قانداق ئەھۋالدا ياردەم سوراش ، قانداق ئەھۋالدا ياردەم بېرىش .ياردەم سوراش :
تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە خىل ئادەمنىڭ تەكرار ياردەمگە ئېرىشىش مۇمكىنچىلىكى تولىمۇ ئاز ، ھەتتا يوق .
بىرىنچى ؛ ھورۇنلۇققا ئادەتلەنگەنلەر - بەزىلەر بار قۇدۇقنىڭ بويىدا تۇرۇۋىلىپ باشقىلارنىڭ سۇ تارتىپ ئىچكۈزۈپ قويۇشىنى تەلەپ قىلىدىغان ؛ يەنە بەزىلەر بار تۆگە مىنىۋىلىپ تۆگە ئىزدەيدىغان ؛ ئېسىڭىزدە بولسۇن ، ياردەم سوراش ئۈچۈن چوقۇم دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ قۇربىتى يېتىدىغان دائىرىدىن ھالقىپ كەتكەن بولۇشى ۋە تىرىشچانلىقىڭىز ئۈنۈم بەرمىگەن بولۇشى لازىم . ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن بولسۇن ، ياكى ئەخلاق نۇقتىسىدىن بولسۇن ، ئازراقلا ھەرىكەت قىلسىڭىز قۇتۇلۇپ كېتەلەيدىغان ئەھۋالدا باشقىلاردىن ياردەم سوراش ھوقۇقىڭىز بولمايدۇ . ھەر قانداق ئادەمنىڭمۇ بۇنداق ئەھۋالدا ياردەم بەرمەسلىكى ، ھەتتا نەزەر سالماسلىقى نورمال ئىش .
ئىككىنچى ؛ ئېلىشنى بىلىپ قايتۇرۇشنى بىلمەيدىغانلار - بەزىلەر بار ياردەمگە مۇھتاج بولغاندا ئۇدۇل باشقىلارنىڭ ئۆيىگە چاپىدىغان ، ئەمما باشقىلار ياردەمگە مۇھتاج بولغاندا سايىسىنىمۇ كۆرسەتمەيدىغان ؛ يەنە بەزىلەر بار ياردەم قىلغۇچىغا رەھمەت ئېيتىشنى بىلمەيدىغان ( خۇددى باشقىلارنىڭ بۆشۈكىنى تەۋرىتىپ قويغاندەك ) ؛ ئېسىڭىزدە بولسۇن – ئالماقنىڭ بەرمىكى بار . ياردەمگە ئېرىشكەن ئىكەنسىز ، جەزمەن تېگىشلىك جاۋاپ قايتۇرۇشىڭىز كېرەك . بولمىسا كىيىنكى نۆۋەت مۇھتاج بولغىنىڭىزدا ئاسمان يىراق ، يەر قاتتىق بولۇپ قالىدۇ .
ئۈچىنچى : باشقىلارنى مەنسىتمەيدىغانلار : بەزىلەر بار باشقىلاردىن ياردەم سورىغاندىمۇ كىبىر كۆرسىتىدىغان ؛ يەنە بەزىلەر بار باشقىلار ياردەملىشىپ ئىشىنى قىلىپ بېرىۋاتسا ، بىر ياندا تۇرۇپ بويرۇق سوقىدىغان ؛ ئېسىڭىزدە بولسۇن – ھەر قانداق بىر نورمال ئادەم ئۆزىنى ھۆرمەتلىگەن ۋە ئۆزى ھۆرمەت قىلغان كىشى ئۈچۈن زۆرۈر تېپىلسا جېنىنى قۇربان قىلالىشى مۇمكىن . بىراق ئۆزىنى كۆزگە ئىلمىغان ، مەنسىتمىگەن كىشى ئۈچۈن كىيىمىگە چاڭ قۇندۇرۇشنىمۇ خالىمايدۇ . ياردەمگە مۇھتاج بولغان ئىكەنسىز ، ياردەم قىلغۇچىنىڭ ئالدىدا بىر دەرىجە تۆۋەن ئورۇندا تۇرۇشىڭىز كېرەك . باشقىلار ياردەم قىلىۋاتقاندىمۇ ھەم قولىڭىزدىن كېلىشىچە ھەرىكەت قىلىشىڭىز كېرەك . چۈنكى ئۇ سىزنىڭ مالىيىڭىز ئەمەس ، بەلكى سىزنى مۈشكۈلاتتىن قۇتقۇزغۇچى .
ياردەم بېرىش
: ياردەم بېرىش – كىشىلىك دۇنيادا ئارىلىقنى يېقىنلاشتۇرغۇچى كۆۋرۈك ھېساپلىنىدۇ . ئاددىيغىنە بىر ياردەم ئۈزۈلمەس بىر رىشتىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشى مۇمكىن . كىچىككىنە بىر ياردەم ئارقىلىق ياردەمگە ئېرىشكۈچىنىڭ قەلبى ئىللىسا ، ئۇنىڭ رەھمەت سۆزى ئارقىلىق ياردەم بەرگۈچىنىڭ دىلى سۈيۈنىدۇ . ئەمما ياردەم بېرىشنىڭ مەقسىدى ۋە ئۇسۇلى مۇۋاپىق بولمىسا ، ئۇ ھالدا مۇھتاج كىشى ئۆزى كۈتكەن ياردەمگە ئېرىشەلمەستىن ، بەلكى دىلى ئازار يەپ قېلىشى مۇمكىن . ياردەم بەرگۈچى بولسا ياردىمىگە لايىق رەھمەت سۆزىنىڭ ئورنىغا ، ئۆزىگە پېشكەلچىلىك تېپىۋىلىشىمۇ مۇمكىن . شۇڭا ياردەممۇ جايىدا ، ئورۇنلۇق بولسۇن .
بىر كىشى بىر تاغار يۈكنى تولىمۇ تەستە يۈدۈپ دۆڭدىن چىقماقچى بولغاندا ، سىز ئۇنىڭغا ياردەم قىلماق ئۈچۈن تاغارنىڭ بىر بۇرجىكىنى تۇتۇپ يوقىرىغا كۆتۈردىڭىز . ئويلىمىغان يەردىن تاغارنىڭ ھېلىقى سىز تۇتقان بۇرجىكى يىرتىلىپ ئىچىدىكى نەرسىلەر چېچىلىپ كەتتى … ئىشىنىمەنكى ، سىز مۇشۇ ئاق كۆڭۈللۈكىڭىز بىلەن چوقۇم تاغاردىن چېچىلغان نەرسىلەرنى بىرمۇ بىر تېرىپ بېرىشكە ، بۇزۇلغان بولسا تۆلەپ بېرىشكە مەجبۇر بولدىڭىز . ئۇنىڭغا ياندىشىپ بىر مۇنچە تاپا – تەنە بار تېخى ………. ئوبدان بولدى ! كىم سىزنى ياردەملىشىشكە چاقىرغان ؟
بىر سودىگەر تونۇشىڭىزنىڭ دۇكىنىغا كىرىشىڭىزگە ئۇ جىددىي ئىشى چىقىپ قېلىپ سىرتقا چىقىپ كەتتى ھەم بىر ئاز ھايال بولۇپ قالدى . ئۇ كەلگىچە سىز دۇكانغا قاراپ تۇردىڭىز . خېرىدار كەلسە ئانچە – مۇنچە سودا قىلىپ ، پۇلنى غەللىگە سېلىپ قويدىڭىز ھەقىچان ……
بىراق ئۇ قايتىپ كېلىپ دۇكىنىدا بىر نەرسە يوقتەك ھېس قىلىپ قالدى . ياكى غەللىسىدىكى پۇل كەملەپ كەتكەندەك ھېس قىلدى …… ئۇ سىزدىن قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى . بىراق سىز ھېچنىمىگە چېقىلمىغان تۇرسىڭىز نىمىشقا تۆلىگۈدەكسىز ؟ ھالبۇكى بۇ يەردە سىزگەھېچنىمىگە چېقىلمىغان تۇرسىڭىز نىمىشقا تۆلىگۈدەكسىز ؟ ھالبۇكى بۇ يەردە سىزگە گۇۋاھ بولىدىغان ھېچكىم يوق . دەردىڭىزنى ئىچىڭىزگە يۈتۈپ تۇرۇپ تۆلەشكە مەجبۇر بولىسىز …… بۇمۇ ئوبدان بولدى . كىم سىزنى « دوست » ىڭىزنىڭ دۇكىنىغا قاراپ بەرسۇن دەپتىكەن ؟ كىم سىزنى دۇكاندىكى ماللارنى ساناپ – تىزىملاپ ئۆتكۈزۈۋالمىسۇن دەپتىكەن ؟
باشقىلارغا ياردەم قىلىڭ . بىراق باشقىلارنىڭ ھەقىقىي ياردەمگە مۇھتاج ئىكەنلىكىنى بىلگەندە ، ياكى باشقىلار سىزدىن رەسمىي يوسۇندا ياردەم سورىغاندا ئاندىن ياردەم قىلىڭ . ھەرگىزمۇ باشقىلاردا سىز چوقۇم شۇنداق قىلىشقا تېگىشلىكتەك , باشقىلارنىڭ سىزدە ھەققى باردەك تۇيغۇ بېرىپ قويماڭ .
مەزكۇر يازمىنىڭ مۇئەللىمگە بەرگەن تەربىيىۋى ئەھمىيىتى ناھايتىمۇ چوڭقۇر بولغاچ ، تۇرمۇش بىلوگىدىن كۆچۈرۈپ كىلىندى . ياقتۇرۇپ ئوقۇدۇم، ئەجرىڭىزگە رەھمەت. ياخشى تېما بوپتۇ، ئىشنىڭ يولى شۇ.
چاپىقىنى ئالىمەن دەپ كۆزىنى قارىغۇ قىلىپ قۇيغاندەك ئىش بۇلغان ئۇخشايدۇ دەپتىمەن
بەت:
[1]