تاۋباۋ دىن مال سېتىۋېلىشتا كىرىم-چىقىم توغرا ئەمەس
ئەسسالامۇئەلەيكۇم! روھلاندىكى قېرىنداشلار.قايسى كۈنى تاۋباۋ تورىدىن مال سېتىۋالغان ئىدىم. باھاسى 9.80 يۈەن، پوچتا ھەققى ئىچىدە دەپ تۇرىدۇ . پوچتا بانكىسىنىڭ كارتىسىنى ئىشلەتكەن،500 يۈەن بارتتى ئىچىدە . مالنى ئېلىپ بولۇپ، تىلفۇنغا كەلگەن ئۇچۇرغا قارىسام "460.20 يۈەن قالدى، 9.80 يۈەن مۇئامىلە قىلىندى "دەپ تۇرىدۇ. ئارلىقتا 30 يۈەننىڭ نەگە كەتكىنى ئېنىق ئەمەس.
تۇنجى قېتىم توردىن مال سېتىۋېلىشم بولغاچقا نېمە سەۋەپلىگىنى بىلەلمىدىم. تورداشلارنىڭ ياردەم قىلىشىنى سورايمەن!
erkin يوللىغان ۋاقتى2015-3-18 17:02 static/image/common/back.gif
30 يۈەنگە قىممەتلىك بىر بىلىمگە ئىگە بولدۇم، دەپ بىلىڭ!...
ماڭىغۇ ئۇنچىلىك پۇلنىڭ كارايىتى چاغلىق. ئەمما شۇ يۇقاپ كەتكەن سەۋەبىنى بىلىۋالسام قايتا شۇنداق خاتالىقنى ئۆتكۈزمەسلىككە پايدىسى بار.
ئادەم ھەرقانداق ئىش قىلغاندا ھەربىر قەدىمىنىڭ قانداق بېسىلغىنىنى بىلىۋېلىشى كىرەك.
تېلفۇنىڭىزغا كەلگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغانداا، كارتىڭىزدا ئەسلى ئەسلى 500 يۈەن يوق ئوخشايدۇ. بارتى دېگەن تەغدىردىمۇ ئارلقتىكى يوقاپ كەتتى دېگەن پۇلنى چىقىم قىلغان ئىش بولۇپ قالغان ئوخشىمامدۇ؟مەن شۇنداق قاردىم.
پۇچتا بانكىسنىڭتۇر بىتىگە كىرىپ پۇل چىقىم ئەھۋالىنى تەكشۇرۇپ بىقىڭ سادا0998 يوللىغان ۋاقتى2015-3-17 18:47 static/image/common/back.gif
تېلفۇنىڭىزغا كەلگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغانداا، كارتىڭىز ...
ياقەي.مال ئېلىشتىن ئىككى كۈن بۇرۇن بىجىرىپ نەق 500 يۈەن سالغان.ھېلىقى پۇل ئالىدىغان نەرسىدە قالدۇقنى تەكشۈرسەم ساق 500 دەپ چىققان
ياخشى بوپتۇ hukumran يوللىغان ۋاقتى2015-3-17 23:10
ياخشى بوپتۇ
ياخشىبوپتۇ دىگەن قانداقگەپ ئۇ ئەمدى hukumran يوللىغان ۋاقتى2015-3-17 23:10
ياخشى بوپتۇ
قېرىندىشىم بىلسڭىز جاۋاپ بىرىڭ ،بىلمسڭىز قالايمقان ئىنكاس يازماڭ !باشقىلار بىلسە بۇ يەرگە ياردەم تېمسى يازامتى ،ھەر ھالدا ئىنسانپەرۋەرلىك يۈزدىن بولسمۇ ،ھېسداشلىق قىلمامسىز ،باشقىلار زىيان تارتسا سىز خوشبۇلدىغاندەك ! سىز ئالغان مالنىڭ بەلكىم تۇشۇش ھەققى بار ئوخشايدۇ ، ساتقۇچى بىلەن ئالاقىلىشىپ بېقىڭ.
كارتىنىڭ بىر يىللىق ئۇچۇر ھەققىنى تۇتۇش قائىدسى بارمۇ -يە ؟ 30 يۈەنگە قىممەتلىك بىر بىلىمگە ئىگە بولدۇم، دەپ بىلىڭ! مەن ئۇنىڭدىن كۆپ زىيانغىمۇ ئۇچرىغان، بىرەر ھەپتىدىن كېيىن ئۇنتۇپ كەتتىم. ئاشۇنداق ئورۇنسىز زىياننى ئويلاۋەرگەندە ئادەمنىڭ روھىي پاراكەندە بولىدۇ. زېھنى چېچىلىدۇ. يەھۇدىيلار شۇڭا قېرىغاندا پالاكەتكە ئۇچراشتىن ياش ۋاقتىدا، ئۇچراشنى ئەۋزەل دەپ بىلىدىكەن. چۈنكى، ياش ۋاقتىدا ئۇچرىغان پالاكەت، كېيىنكى ھاياتى ئۈچۈن قىممەتلىك تەجرىبە - ساۋاق بولۇپ قالىدىكەن.
بەت:
[1]
2