ئابلەت008 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-17 00:53:56

XS مۇزىكا قويغۇچ ئۆزگەرتىلىپ تارقىتىلدى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تورداشلار
كەمىنە مۇشۇ مۇنبەردە بۇندىن بۇرۇن Xplayerۋە uymusicplayer قاتارلىق ئىككى دىتالنى 0دىن باشلاپ ئۈزەم يېزىپ تارقاتقان ئىدىم ، شۇجەرياندا تورداشلار ناھايىتى ياخشى بولغان پىكىرلەرنى بەردى
مەنمۇ شۇجەرياندا تورداشلارنىڭ پىكىرىگە ھۆرمەت قىلىپ ئەسلىدىكى ئىككى قويغۇچ پۈتۈن ئىقتىدارىنى بىر دىتالغا يىغىپ ،يەرلىكتىكى مۇزىكا،سىن ھۆججەتلىرىنى قۇيۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا توردىن مۇزىكا ۋە كىنولارنى ئىزدەپ قۇيۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان قويغۇچنى دەسلەپكى قەدەمدە ياساپ تورداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندۇم .تەكلىپ پىكىرىڭلارنى ئايىمىغايسىلەر.
بۇ دىتالدىكى ئۆزگەرتىشلەر
1.        دىتال نامى ئەسلىدىكى ئۇيغۇر مۇزىكا قويغۇچ دىگەن نامدىنXS قۇيغۇچقا ئۆزگەرتىلدى .
2.        ئەسلىدىكى كىنو ئىزدەپ قۇيۇش دىتالى بىلەن مۇزىكا ئىزدەپ قۇيۇش دىتالى بىرلەشتۈرۈلدى.
3.        دىتالنىڭ خالىغان يەرگە يوتگىلى بولماسلىق ، ئارقا سۇپىدا ئىجرا بولماسلىق ،كۆزنەك تىزىملىكى بولماسلىق قاتارلىق تەرەپلەر تۈزىتىلدى .
4.        دىتالنىڭ كۈرۈنمە يۈزى ھازىرقى مودا بۇلۇۋاتقان دىتاللار كۈرۈنمە يۈزىگە ئاساسەنقايتىدىن تەڭشەلدى .
5.        دىتال ساندان ئۇلىنىشى ئىلغارلاشتۇرۇلدى ، دىتال ساندانىدىكى كىنو ۋە ناخشىلارنىڭ سانى سۈپىتى قايتدىن تەكشۈرۈلدى ۋە يىڭىلاندى .
6.        ناخشىلار ئارقىمۇ ئارقا ئۇلىنىپ قۇيۇلۇش ،ئاۋاز ئىگىزلىكىنى تەڭشەش قاتارلىق بىر قاتار ئاددى بولغان ئىقتىدارلار قۇشۇلدى.
7.        ئالدىغا كەينىگە تىز ئۆتكۈزۈش كۇنۇپكىلىرى ئورنىغا سىرىلما تاياقچە ئىشلىتىلدى .
بۇندىن كىيىنكى نەشىرلىرىدە ئىقتىدارلار بارغانچە مۇكەممەللەشتۈرىلىدۇ . بۇھەم تورداشلارنىڭ قوللىشى نەتىجىسىدە....
دىتالكۈرۈنمە يۈز كەسمە رەسىملىرى( بوشلۇق چەكلىك بولغاچقا ئاساسلىق كۈرۈنمە يۈزىدىن بىر نەچچە پارچە تەمىنلىدىم)
چۈشۈرۈش ئادىرىسى
http://300kino.com/xsrasim/1.jpg
http://300kino.com/xsrasim/2.jpg
http://300kino.com/xsrasim/3.jpg
http://300kino.com/xsrasim/4.jpg
http://300kino.com/xsrasim/5.jpg
http://300kino.com/xsrasim/6.jpg
http://300kino.com/xsrasim/7.jpg

bayawat يوللانغان ۋاقتى 2015-3-17 09:55:26

قايسى خىل فورماتتىكى ناخشا ياكى كىنولارنى قۇيۇش ئىقدارىغا ئىگە ئىكەنلىكنىتىلغا ئالماپسىز ، بۇ تۈرمۇ مۇشۇ قويغۇچنىڭ چۈشەندۈرشىدە بۇلۇشقا تىگىشلىك مۇھىم تۈرلەرنىڭ بىرى،،،

شىرى يوللانغان ۋاقتى 2015-3-17 11:46:47

ياخشى ھەم كۆركەم چىقىپتۇ چۈشۈرۈۋالدىم رەخمەت

aynuri213 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-17 12:42:37

كۆپ رەخمەت مەنمۇ ئىشلىتىپ باقاي.

alxir يوللانغان ۋاقتى 2015-3-17 14:51:53

بايا سىناپ باقتىم. بىرى، قايسى فورماتتىكى ھۆججەتلەرنى قوللايدۇ ئەسكەرتىپ قويسىڭىز. يەنە بىرى، ئاۋۇ مەجبۇرىي قاچىلىنىدىغان تور كۆرگۈچنى بىز تاللاپ قاچىلايدىغان قىلىپ قويسىڭىز. سىزمۇ بەلكىم ئاز تولا ئىقتىساد يارىتىشنى مەقسەت قىلغانسىز. لېكىن بىز ئادەتتە مۇشۇنداق سورىمايلا بىر نېمىلەرنى قاچىلاپ قويىدىغان دېتاللارنى لۈكچەك دېتال دەپ قوياتتۇق. بۇ دېتالىڭىزمۇ شۇنىڭغا ئوخشاپ قالمىسۇن دەيمىنا.

ئابلەت008 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-18 01:19:08

mp3,avi,mp4,wav,mpeg   swf قاتارلىق مىدىئا پىلايىر قوللايدىغان تىپلارنىڭ ھەممىنى قوللايدۇ .

ئابلەت008 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-18 01:19:44

چۈشۈرۈش ئادىرىسى تەڭشەلدى ،
2345 چىقىرىپ تاشلاندى .
كەلتۈرگەن قۇلايسىزلىقىم ئۈچۈن كەچۈرۈم سۇرايمەن.

ئوقۇ0 يوللانغان ۋاقتى 2015-4-27 17:12:55

چۈشۈرگىلىبولمىدى.

قالۇن يوللانغان ۋاقتى 2015-4-28 11:07:46

ياخشى ھەم كۆركەم چىقىپتۇ چۈشۈرۈۋالدىم رەخمەت
بەت: [1]
: XS مۇزىكا قويغۇچ ئۆزگەرتىلىپ تارقىتىلدى