aysajan1972 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-16 22:49:16

نورۇز شۇنداق دەيدۇ - ئەيساجان تۇردى ئاچچىق

نورۇز شۇنداق دەيدۇ
(نەسىر)
ئەيساجان تۇردى ئاچچىق
       ۋۇجۇدىدىن شىجائەت جىلۋىسى بالقىپ تۇرغان ياش دوستلار، چېھرىدىن گۈزەل كېلىچەكنىڭ ئاپئاق نۇرلىرى تۆكۈلۈپ تۇرۇۋاتقان ئوماق بالىلار سىلەر مېنى بىلەمسىلەر؟! مەن سىلەرنى بەكمۇ سېغىندىم. بەزىلىرىڭلار مېنىڭ كىملىكىمنى؟ خارەكتىرىمنى؟ خاسيىتىمنى؟ تارىخىمنى؟ ئادېرىسىمنى؟........
بىلمەيدىكەنسىلەر. مەن بۇنىڭدىن تولىمۇ ئەپسۇسلاندىم. ئالقانلىرىدىن بەرىكەت، ئاپئاق ساقاللىرىدىن ھېكمەت جىلۋىلىنىپ تۇرىدىغان خىزىر سۈپەت بوۋاڭلاردىن، بىر قولىدا بۆشۈكنى، بىر قولىدا دۇنيانى تەۋرىتىۋاتقان، باغىرى جەنئەت باغلىرىدىنمۇ كەڭرى، مۇلايىم، مېھرىبان، پەرىشتە سۈپەت موماڭلاردىن مەن ھەققىدىكى رىۋايەتلەرنى ئاڭلىغانسىلەر؟! بۇ يىل يېنىڭلارغا يەنە كەلدىم. مەن بىلەن سىردىششنى، مېنى چۈشۈنىشنى خالامسىلەر؟! .....
      مېنىڭ ئىسمىم ‹‹نورۇز›› بولۇپ ئىسمىمنىڭ ‹‹ باش باھار، باھار مەزگىلى، كۆكلەم، يېڭى يىل كۈنى›› دېگەنگە ئوخشاش مەنىلىرى بار. بەزىلەر مېنى ئەركىلىتىپ ‹‹نەۋرۇز›› ‹‹نورۇز بوۋاي›› دەپمۇ ئاتىشىدۇ.
      مېنىڭ ئانام-تەبىئەت. دادام- ئەجدادلىرىڭلار ئىمىش. مەن ئەجدادلىرىڭلار كۆك تەڭرىگە چوقۇنىۋاتقان دەۋرىدە، جەمشىت زامانىسىنىڭ ئالدى-كەينىدە تەۋەللۇت بولغان ئىكەنمەن. مېنىڭ يېشىم خېلى بىر يەرگە بېرىپ قالغان بولسىمۇ، مېنى ‹‹ قېرى ئىكەن›› دەپ قالماڭلار. مەن ئاسانلىقچە قېرىمايمەن.
‹‹ئۆلۈم›› دېگەن سۆز مېنىڭ ‹‹لۇغىتىم›› گە كىرگۈزۈلمىگەنىكەن.
      مېنىڭ يەنە‹‹ نورۇز گۈلى››، ‹‹ نورۇز ئېشى››، ‹‹ نورۇز چېىي››، ‹‹نورۇز بېغى››، ‹‹ نورۇز ناغرىسى››، ‹‹نورۇز راۋىپى››، ‹‹نورۇز ئويۇنى››، ‹‹نورۇز سەيلىسى››، ‹‹نورۇز مەشرىپى››، ‹‹ نورۇز قوشىقى››، ‹‹نورۇز كۆكى››، ‹‹نورۇز تازىلىقى››، ‹‹نورۇز مۇسابىقىسى››، ‹‹نورۇز داستىخېنى››، ‹‹نورۇز قىزى››، ‹‹نورۇز يىگىتى››، ‹‹نورۇز تىلىكى››، ‹‹نورۇز ۋەدىسى››....... قاتارلىق نەۋرە-چەۋرەلىرىممۇ بار تېخى. نۆۋەتتە ‹‹ نورۇز كىتاپخانىسى››، ‹‹نورۇز كومپىيۇتېر مەركىزى››، ‹‹نورۇز سەيلىگاھى››، ‹‹نورۇز مەدەنىيەت شىركىتى››، ‹‹نورۇز شىپاخانىسى››.......... قاتارلىق پەرزەنتلىرىم دۇنياغا كۆز ئېچىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ. بىراق سىلەر ئاڭلىغان ‹‹ نوزۇر خوگوخانىسى››، ‹‹نوزۇر ھاراقخانىسى››، ‹‹ نورۇز ياتاقخانىسى››، ‹‹ نورۇز چايخانىسى›› ...... دېگەنلەر مېنىڭ پۇشتۇم ئەمەس.
      ئاشۇ يىراق قەدىمى زاماندا ئىجادكار ئەجدادلىرىڭلار زامانىۋى ئۇچۇر ۋاستىلىرىدىن خالى ھالدا ئىككى مۈرىسنىڭ ئۈستىدىكى ئەزالىرىنى كۆپرەك ئىشلىتىپ، تۇيغۇ ۋە تەسەۋۋۇرىغا تايىنىپ، تەبىئەت دۇنياسىنىڭ قانۇنيىتى ۋە سىرلىرى ئۈسىتىدە دادىل ئىزدىنىپ، قۇياش بىلەن يەرنىڭ ئۆز ئوقى ئەتراپىدا تەكشى كېسشكەن، قۇياش نۇرىنىڭ يەرشارى ئېكۋاتورىغا ئەڭ تىك چۈشكەن، كېچە بىلەن كۈندۈز دىمگوراتىك ھالدا 24 سائەت ۋاقىتنى تەپمۇ-تەڭ بۆلۈشۈۋالغان ئاشۇ كۈندىن ئەجەپلىنىپ ۋە زوقلىنىپ ئاخىرى مېنىڭ نامىمدا ھەر يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى قۇتلۇق بايرام ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلىغان ۋە بۇنداق بىر يىلدا پەقەت بىرلا قېتىم كېلدىغان بۇنداق خاسيەتلىك كۈندە بايرام ئۆتكۈزۈشنى مەڭگۈ ئەۋلادمۇ- ئەۋلاد داۋام قىلدۇرۇش ھەققىدە ۋەدىلەشكەن. قانداق، ئەجدادلىرىڭلار ئەقىللىقمىكەن؟ ئەجدادلىرىڭلارغا قايىل بولدۇڭلارمۇ؟!
      
      مەن تەبىئەت بايرىمى بولۇپلا قالماستىن بەلكى مىللىي بايرامدۇرمەن، ئىناقلىق بايرىمىدۇرمەن، ساغلاملىق بايرىمىدۇرمەن، يېڭى يىل بايرىمىدۇرمەن، باھار بايرىمىدۇرمەن،گۈل-چېچەك بايرىمىدۇرمەن، شئىر-قوشاق، ساز-مۇزىكا بايرىمىدۇرمەن، مەڭگۈ تاشلىۋېتىشكە بولمايدىغان ئۆرىپ-ئادەت بايرىمىدۇرمەن.
      ھەممىڭلارنىڭ قېشىدا ۋە يېشىدا، ھەممىڭلارنىڭ دىلىدا ۋە قېنىدا، ھەممىڭلارنىڭ يولىدا ۋە قولىدا مەن بار. مەن ھەممىڭلارنىڭ ئۆتمۈشىڭلارغا سىڭىپ كەتكەن، بۈگۈنىڭلاردا داۋام ئېتىۋاتىمەن، كېلىچېگىڭلاردا تېخىمۇ جەۋلان قىلىمەن.
      مەن ھەريىلى يېنىڭلارغا يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن ئەلۋەتتە سىلەرگە شەپە بېرىمەن.
دالا-قىرلاردىكى قار-مۇزلارنىڭ يوقۇلىشى، جۇد-سوغۇقنىڭ قوغلىنىشى، ئېتىز-ئىرىقلاردىكى سۇلارنىڭ شىلدرىلىشى، باغلاردىكى گۈل-چېچەكلەرنىڭ مەيىن شامالدا يەلپۈنۈپ سىلەرگە سالام بېرىشلىرى، ئۇچار-قۇشلارنىڭ ئاللىقاياقلاردىندۇ قاتار-قاتار ئۇچۇپ كېلىشىپ يېقىملىق سايراشلىرى، قوزا-ئوغلاقلارنىڭ قوتاندىن چىقىپ نازلىق مەرەشلىرى ۋە يىنىك تاقلاشلىرى....... دىمەك زېمىننىڭ كۆك لىباس كىيىپ ۋە ئۆزگىچە پۇراق چىقىرىپ سىلەرگە يېقىملىق تۇيغۇ ئاتا قىلىشى..... مېنىڭ كەلگەنلىگىمدىن بىشارەت ئەمەسمۇ؟! مېنىڭ قېشىڭلارغا كەلگەن كۈنۈم دەل ھەممە قىشلىق ئۇيقۇسىدىن ئويغانغان كۈنىدۇر، كۆكلەم ناخشىسىنىڭ توۋلانغان كۈنىدۇر، سوغۇقنىڭ قوغلانغان كۈنىدۇر، باھارنىڭ تۇنجى قەدىمىنى باسقان كۈنىدۇر، كىشلەرنىڭ قىشلىق ئۆيدىن يازلىق ئۆيىگەكۆچكەن كۈنىدۇر، قارا زىمىستاننىڭ ئىزنالىرى تۇلۇق ئۆچكەن كۈنىدۇر، يېڭى بىر يىلىنىڭ باشلانغان كۈنىدۇر.
      شۇڭا بۇ كۈندە يەتتە ياشتىن يەتمىش ياشىقىچە ئەر-ئايال، قېرى-ياش ھەممەيلەن ئاۋال قىشلىق كىيىم-كېچەكلىرىنى سېلىپ ئۇچىسىنىيېڭىلايدۇ، ھويلا-ئاراملارنى تازىلايدۇ، نورۇز ناغرىسى چېلىنغاندىن كېيىن ئەڭ مۇۋاپىق بىريەرگە جەم بولۇشۇپ تەنتەنىلىك ھالدا كونا بىر يىلنى ئۇزۇتۇپ، يېڭى بىر يىلنى كۈتۈۋېلىش، ئەڭ ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشىش مەقسىتىدە كاتتا بايرام ئۆتكۈزىدۇ. شۇ بايرام دەل مەندۇرمەن.
      ئاشپەزلەر يەتتە خىل زىرائەت دېنىدىن نورۇز ئېشى تەييارلايدۇ، شائىرلار مەخسۇس تېىمىدىكى نورۇز نامىلەرنى ئوقۇيدۇ، ئۇسۇلچى قىزلار ئۇزۇن چاچلىرىنى قىرىق ئۆرۈم ئۆرۈپ لەرزان ئۇسۇل ئوينايدۇ، سازەندىلەر زوق-شوخ بىلەن ساز چالىدۇ، پالۋانلار چېلىشىدۇ، يىگىتلەر نورۇزلۇق قوشاق توقۇيدۇ، مەدداھلار غەزەل، داستان، قىسسەلەرنى ئوقۇيدۇ، بالىلار ئۆزلىرىگە ماس كېلىدىغان تۈرلۈك بالىلار ئويۇنلىرىنى ئوينىشىدۇ. ھەركىم ئۆز ئىقتىدارىنى كۆرسىتىشكە تىرىشىدۇ، دېمەك ھەممە بىرلىشىدۇ، يايرىشىدۇ، ئۆز-ئارا ياخشىلىق قىلىشىدۇ، ئازارلىشىپ قالغانلار ياراشتۇرۇلىدۇ، ئاجىز-ئۇرۇقلار، يېتىم-يىسىرلار ياردەمگە ئېرىشىدۇ. كېسەللەرنى يوقلاشنى،قەھرىمانلار ۋە ئۇلۇغلارنىڭ قەبرىگاھىنى تاۋاپ قىلىشنى ھىچكىم ئۇنتۇپ قالمايدۇ. ھەممە ھەمكارلىشىپ يېڭى يىلدا گۈزەل ئارزۇ ئارمانلىرىغا يېتىشنىڭ يېڭى پىلانىنى تۈزۈشىدۇ. ياخشى تىلەكلەرنى تىلىشىدۇ. ھەممە ياقتىن ئىناقلىق ھەم خۇشاللىق كۈلكىلىرى قۇلاققا ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ. كوللىكىتىپ مۇسابىقە ۋە كوللىكتىپ نۇرۇز ئېشى يېيىش پائالىيىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن تەڭ ياشتىكىلەر ئۆز ئارا بىرلىشىپ سەيلە قىلىش، پىكىرلىشىش، پەتىلەش، سوۋغا تەقدىم قىلىش پائالىيەتلىرىنى باشلىۋېتىدۇ. مەن مۇشۇ رەۋىشتە ئۆتكۈزۈلىمەن. ئۆتكۈزۈلۈش ۋاقتىم بىر كۈندىن تۆت كۈنگىچە بولىدۇ، زۆرۈر تېپىلغاندا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپرەك داۋام قىلىمەن. مەن مەشرەپ ۋەدۇئا تىلاۋەت بىلەن ئاخىرلىشىمەن.
مەن ھەممىڭلارنىڭ ماڭا بولغان سۆيگۈسىنى مەقبۇل كۆرىمەن.مەن سىلەرنى بەكمۇ سۆيىمەن. مەن سۈيۈڭلاردا ئاقىمەن، ئوتۇڭلاردا كۆيىمەن، سىلەردىن يۈز ئۆرۈشنى مەڭگۈ راۋا كۆرمەيمەن. ھەريىلى مۇشۇ كۈندە يېنىڭلاردا پەيدا بولىمەن. مەن ۋەدەمگە مەڭگۈ ئاسىيلىق قىلمايمەن، چۈنكى ۋۇجۇدۇمدا سىلەرنىڭ قېنىڭلار بار ئەمەسمۇ؟! ئىشقىڭلاردا يۈرۈگۈم گۈلخان ئەمەسمۇ؟!
      مەن بەزىدە سىلەردىن‹‹ مېنى ئۇنتۇپ كېتەرمۇ، مېنى تۇنۇماس بولۇپ قالارمۇ، سالامىمنى ئىلىك ئالماي قالارمۇ، مېنى تەبرىكىلىمەس بولۇپ قالارمۇ؟!؟››
دەپ ئەنسىرەيتتىم، چۈشكۈن خىياللارغا غەرىق بولۇپ كۆزلىرىمدىن ياش قويۇلاتتى...
      ياق، ياق..... دەۋرىڭلار يېڭىنىلىپتۇ، مەنىۋىيىتىڭلار بېيىپتۇ، ئىقتىسادىڭلار تەرەققى قىلىپتۇ، ئىناقلىق ھەربىرىڭلارنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئاپتۇ، يېڭى ۋەزىيەت سىلەرگە يېڭىچە پۇرسەتلەرنى ئاتا قىلىپتۇ ئەمەسمۇ؟
      مەن يۈكسەك ئىشەنچ ۋە ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى بىلەن سىلەرگە شۇنداق دەيمەن.
بۇ يېڭى بىر يىلدا ھەممىڭلارنىڭ ماڭغان ئىزىدىن قىزىل گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلغاي!
تۇتقان نەرسەڭلارنىڭ ھەممىسى ئالتۇن –كۈمۈشكە ئايلىنىپ كەتكەي! ھاياتلىق سەپىرىڭلار ئاقيوللۇق بولغاي! ئىناقلىق، تىرىشچانلىق، خۇشاللىق، باياشاتلىق ھەربىرىڭلارنىڭ چېھرىدىن، يۈرۈگىدىن، قەدىمىدىن ئورۇن ئالغاي! بىزنىڭ رىشتىمىز مەڭگۈ ئۈزۈلمەي، يېڭى مەنالاربىلەن يېڭى مىلودىيەلەرنى مەڭگۈ ياڭراتقاي!.....

مەنبە: ‹‹ كۈسەن مەدەنيىتى›› 2007-يىللىق 2 –سانىدىن ئېلىندى.
ئىزاھات: بۇ نەسىر شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى ‹‹مەشرەپ ›› پىرۇگىراممىسىدا مەخمۇت مەخسۇت تەرىپىدىن ئوقۇلۇپ تارقىتىلغان (2008-يىلى)
2-يىللىقلار (قوش تىللىق سىنىپلار ئۈچۈن) تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلگەن .

ئەزھەر36 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-16 23:16:54

نورۇز ھەققىدىكى بۇ نەسىرىڭىز ناھايىتى ياخشى يېزىلىپتۇ ، قەلىمىڭىزگە تېخىمۇ قۇت تىلەيمەن !
بۇ نەسىرنى شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى ‹‹مەشرەپ ›› پىرۇگىراممىسىدا مەخمۇت مەخسۇت تەرىپىدىن ئاڭلاپ بەكمۇ ھاياجانلانغان ئىدىم .
ياخشى ئىجادىيەت مۇنەۋەر ئورۇنلىغۇچىنىڭ قولىدا ھەقىقىي جۇلالىنالايدۇ .

ئ‍ويغاق يوللانغان ۋاقتى 2015-3-17 14:36:24

ھەقىقەتەن ياخشى يىزىلىپتۇ نورۇز مۇ كىلىۋاتىدۇ مەنمۇ تەييارلىقنى باشلىسام بولغۇدەك

زىبا. يوللانغان ۋاقتى 2015-3-18 00:15:54

ئەسسالام-ئەلەيكۇم،بۇنەسىرشۇنچىلىكياخشىيېزىلغان .بىزنىڭتىل-ئەدەبىياتكىتاۋىمىزدابار .سىزنىڭنورۇزھەقىقدىكى يازمللىرڭىزنى داۋاملىق ئۇچۇرتۇپتۇرىمەن .ئىجادىيەتلىرڭىزگە قۇتتىلەيمەن .
بەت: [1]
: نورۇز شۇنداق دەيدۇ - ئەيساجان تۇردى ئاچچىق