ئەزھەر36 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-15 19:46:07

سىرلار يەشمىسى - ئوغلۇمنىڭ ماقالە دەپتىرى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەزھەر36 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-3-15 19:48

سىرلار يەشمىسى − ئوغلۇمنىڭ ماقالە دەپتىرى
http://pic2.qnpic.com/doimg/adilahtam/42ef05a0/
بىر كۈنى چوڭ ئوغلۇمنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلەش ئەھۋالىنى ئىگىلىمەكچى بولۇپ مەشىق دەپتىرىنى كۆزدىن كەچۈردۈم، شۇ ئارىلىقتا ماقالە دەپتىرى قولۇمغا چىقىپ قالدى. دەپتەردىكى «مېنىڭ ئاتا - ئانام»، «كۆڭۈللۈك ساياھەت»، «ئەپسۇسلىنارلىق ئىش» قاتارلىق بىر نەچچە پارچە ماقالىلىرىنى ئوقۇپ چىقتىم. ھەر بىر پارچە ماقالە ئۆزىگە خاس مەزمۇنى، چىنلىقى، قايىل قىلارلىقى بىلەن مېنى شۇ چاغدىكى كەيپىيات، شارائىت، تۇيغۇغا باشلاپ كىردى، چېھرىمگە مەمنۇنلۇق كۈلكىسى يامراتتى، كۆزلىرىمدىن ئىسسىق ياشلار ئاققۇزدى. «مېنىڭ ئاتا - ئانام» تېمىسىدا يېزىلغان ماقالىسىدە ئۆزى ياخشى كۆرگەن ۋېلىسىپىت، تېيىلىش تاختىسى قاتارلىق چېنىقىش ئەسلىھەلىرىنى ئالغان چاغدىكى خۇشاللىقلىرى، ئاتا - ئانىغا بولغان رەھمىتى، كۆيۈنۈشلىرىمىزدىن ئۆزىنى شۇنچىلىك بەختلىك ھېس قىلغانلىرى، ئۆگىنىشىگە يارىتىپ بېرىۋاتقان شارائىت، ئىمتىھانلاردىن كېيىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ساياھەتلەردىن دىلىنىڭ شۇنچىلىك سۆيۈنگەنلىكى توغرىسىدىكى مىننەتدارلىقلىرى شۇنچىلىك تاتلىق قىلىپ يېزىلغانىدى. «ئەپسۇسلىنارلىق ئىش» تېمىسىدىكى ماقالىسىنى ئوقۇپ كۆز ياشلىرىم مەڭزىمگە دومىلاپ چۈشتى. ماقالە مومىسىنىڭ تۈگەپ كەتكەنلىكى توغرىسىدا يېزىلغان بولۇپ، مېنىڭ ھەم ئۆزىنىڭ قانچىلىك ئازابلانغانلىقى يېشىغا ماس كەلمىگەن دەرىجىدە تەسىرلىك يېزىلغانىدى. ئوغلۇم ماقالىنى «مومامنىڭ تۈگەپ كېتىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن، ئەسلىي يازلىق تەتىلدە ئۇنىڭ يېنىدا كۆپرەك ئولتۇرۇۋالغان بولسام، چىرايىغا ئۇزاقراق قارىۋالغان بولسام بوپتىكەن، بۇنىڭ ئۈچۈن تولىمۇ ئەپسۇسلىنىمەن» دەپ، قەلب سۆزىنى ئۆزىگە خاس چۈچۈك تىللىرى بىلەن ئىپادىلەپ ئاخىرلاشتۇرۇپتۇ. ئەينى چاغدا مەن ئوغلۇمنى تېخى كىچىك، بۇ ئىشلارنى ھېس قىلالمايدۇ، مېنىڭ ئازابلىرىمنى تېخى چۈشەنمەيدۇ، دەپ خاتا قاراشتا بوپتىكەنمەن. بۇ سىرلار ئوغلۇمنىڭ ماقالە دەپتىرىدە يېشىلدى.
  دېمەك، ئاتا - ئانىلار پەرزەنتلىرىمىزدىن بەزىدە ئاغرىنىپمۇ قالىمىز، ئاتا - ئانىسىغا، ئەتراپتىكى كىشىلەرگە بولغان مىننەتدارلىق تۇيغۇسىنىڭ بارلىقىدىن گۇمانلىنىپمۇ قالىمىز. ئاتا - ئانىلاردىكى بۇنداق قاراشلار بەزىدە ئورۇنسىز بولۇپ، ئۆزلىرىنى بىھۇدە ئازابلاۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. بۇ دەل ئاتا - ئانىلارنىڭ پەرزەنتىگە نىسبەتەن چۈشىنىشىنىڭ تولۇق بولمايۋاتقانلىقىنى، يەنىلا «بالام تېخى كىچىك» دېگەن قاراشتىن چىقىپ بولالمىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئاتا - ئانىلار پەرزەنتلىرىمىز بىلەن ئۇلارنىڭ ئۆگىنىشى توغرىسىدا كۆپرەك پاراڭلاشقاندىن سىرت، ئۇلارغا يەنە ئەخلاق، ئۆرپ - ئادەت، كىيىنىش، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت توغرىسىدىمۇ تەربىيە قىلىمىز، مۇڭدىشىمىز، پىكىر ئالماشتۇرىمىز، ئەلۋەتتە. شۇ ۋەجىدىن بىر قىسىم ئاتا - ئانىلار پەرزەنتلىرىگە بەزى ئىشلارنى تەپسىلىي دېمىسەكمۇ بولىدۇ، ئۇلار تېخى كىچىك، كېيىنچە چۈشىنىدۇ، دەپ ئۇلارغا تەپسىلىي چۈشەندۈرۈشكە، ھېس قىلدۇرۇشقا ئېتىبار بەرمەيدۇ.
  بىز پەرزەنتلىرىمىزنى چۈشىنىشتە ئىنچىكە، سەزگۈر، تەجرىبىلىك بولۇشىمىز، پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى، قىزىقىشلىرىنى، گۈزەل ئارزۇ - ئارمانلىرىنى، ۋۇجۇدىدىكى مىننەتدارلىق تۇيغۇسىنى، دىلىدىكى نازۇكلۇقلارنى ھېس قىلالىشىمىز لازىم. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پەرزەنتلىرىمىزگە ئىشەنچ تۇيغۇسى ئاتا قىلىپ، ئۇلاردا ساغلام پىسخىكا شەكىللەندۈرۈپ، كەيپىياتىنى توغرا تەڭشىيەلەيدىغان، ئىشلارغا توغرا، سالماق مۇئامىلە قىلالايدىغان ئىقتىدارنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشىمىز زۆرۈر.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتىنىڭ 2015-يىل 1-ئاينىڭ 26-كۈنى سانىدىن

نەۋرۇز يوللانغان ۋاقتى 2015-3-15 21:04:48

ياخشى تېما يوللاپسىز. ئەۋلاد ھەققىدە سەگەكلىك بىلەن پىكىر قىلىش، قانداق قىلغاندا ياخشى ئەۋلاد تەربىيلىگىلى بولدىغانلىق ھەققىدە ئىزدىنش ھەر بىر ئاتا ئانا بولغۇچىنىڭ بۇرچى.

ئىدرسجان يوللانغان ۋاقتى 2015-3-15 21:17:28

ھەقىقەتەن ياخشى تىما يوللاپسىز ،دىمسىمۇ نورغۇن ئاتا -ئانا بولغۇچى بارلارنىڭ نىمىش قىلۋاتىدۇ نىمە ئويى بار بۇلارغا قىلچىك ئىتبار بەرمەيدۇ ئاخىردا بالىردىن ئاغىرنىدىغان ئىشلار كۆپ كۆرلىۋاتىدۇ.

زىبا. يوللانغان ۋاقتى 2015-3-15 22:10:27

      ئۈزى قىسقا ئەمما ئىنتايىن ئەھمىيتى بار .ھەر بىر ئاتا -ئانا بولغۇچى ئوقۇپ قويسا بولغۇدەك ماقال ئىكەن .
بۇ قېتمقى قەشقەردە ئېلىپ بېرىلغان (ئاتا -ئانىلار مەكتىۋى )تايانچىلىرنى تەربىيلەش كۇرسىدا مۇشۇ ھەقتەناھايتى قىممەتلىك لىكسىيەلەرنى ئاڭلىدىم شۇنچىلىك تەسىرلەندىم ھەم بۇ ھەقتەخېلى كۆپ ھاسىلاتقا ئىگە بولدۇم .

كەمتۈك يوللانغان ۋاقتى 2015-3-15 22:55:23

ھەممىمىز ئ‍اتائ‍انابۇلىمىز،بۇسامۇشۇنداقتېمىلائ‍ايىقىئ‍ۈزۈلۈپقامىسا

پەرۋىش123 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-17 12:28:55

ناھايىتى ياخشى تېما يوللاپسىز.ئاتا-ئانىلار ئۆزىنىڭ تولىمۇ ئالدىراشلىقىنى باھانە قىلماي،پەرزەنتلىرى بىلەن كوپرەك پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرسا ،ئۇلار بىلەن بولغان چۇشنىشنى چۇڭقۇرلاشتۇرغىلى،مېھىر-مۇھەببەتنى چۇڭقۇرلاشتۇرغىلى بولىدۇ.
بەت: [1]
: سىرلار يەشمىسى - ئوغلۇمنىڭ ماقالە دەپتىرى