Merzuq يوللانغان ۋاقتى 2015-3-15 18:25:20

مۇنبەرگە دېتال يوللاشتا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Merzuq تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-3-15 18:29

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم روھلان تورىدىكى بارلىق تورداشلار!

مۇنبەرگە دېتال يوللاشتا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار ھەققىدەكۆز قارىشىمنى ئوتتۇرىغا قويماقچىمەن

      1. ئۆتكەندە مىنىڭ كومپىيوتېرىمدىكى مۇھىم يومشاق دېتال ۋە ھۆججەتلىرىم ئىھتىياتسىزلىقتىن ئۆچۈرىلىنىپ كەتتى. ئەسلىگە كەلتۈرۈش دېتاللىرى بىلەنھەممىسىنى تولۇق دىگۈدەك ئەسلىگە كەلتۈرۋالدىم. لېكىنRAR. ZIP شەكىلدە پىرىسلانغان بەزى دېتاللار بۇزۇلۇپ ئېچىلماس بولۇپ قاپتۇ.توردىكى بۇزۇلغان ھۆججەتنى ئوڭشاش دېتاللىرىنىڭ نۇرغۇنلىرىنى چۈشۈرۈپ سىناپ باقسام ھەل بولمىدى. ( ئىلگىرى نەچچە قىتىم بۇزۇلغان ھۆججەتنى ئوڭشىغان دېتالمۇ ئوڭشىيالمىدى) .
بۇزۇلغان يومشاق دېتاللىرىمنى توردىن چۈشۈرەي دېسەم مەن ئىلگىرى چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزگەنىكەنمەن. مەسلەن مىسال قىلىپ ئۆتەي: يەنى 超级硬盘数据恢复软件_2.7.1.5 ناملىق ئەسلىگە كەلتۈرۈش دېتالىنى كىين ئۇقالماي قالماي دەپ، خەنزۇچە نامنىڭ ئورنىغا Eslige Kelturush Ditali دەپ ئىسىم قويۇپتىمەن. چاتاق شۇكى بۇ دېتالنى توردىن ئىزدەپ تاپاي دېسەم دېتالنىڭ ئەسلى ئىسمىنى بىلمەيمەن. دېمەك دېتال يوق بولدى.
   
      2. روھلان مۇنبىرىگە سەرخىل ياخشى دېتال يوللىنىدۇ. دېتالنىڭ چۈشەندۈرىلىشىنى ئوقۇغان كىشى چوقۇم چۈشۈرۋېلىشى ئېنىقلا گەپ. لېكىن شۇنداق ياخشى دېتاللارنى چۈشۈرۋالاي دەپ خوشال بولساق، بەزىدە دېتال يوللانغان تور دىسكا ئۇلىنىشى ئەمەلدىن قالغان بوپ چىقىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە يوللانغان بەزى دېتاللاردا دېتالنىڭ ئەسلى نامى يوق، پەقەت تېما يوللىغۇچىنىڭ قويغان نامى بار. (مەسلەن: ئىلغار ئەسلىگە كەلتۈرۈش دېتالى دېگەندەك). بۇنداق نامدىكى دېتاللاردىن ئىزدەش ماتورى نۇرغۇننى تېپىپ بېرىدۇ.ئاپتۇر تەۋسىيە قىلىپ يوللىغان ۋە بىزگە بىزگە لازىملىقى قايسى دېتال بىلگىلى بولمايدۇ.

   3. ئالدىنى ئېلىش ۋە ھەل قىلىش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:

كومپىيوتېردىكى دېتاللارنىڭ دېتال ياسىغان ئورگان تەرەپ قويغان نامى ۋە نەشىرىنى چوقۇم ساقلاپ قالغان ئاساستا ئۆزىمىز باشقا نام قويساق ياخشى بولىدۇ. مەسلەن:مەن ئىشلەتكەن ئەسلىگە كەلتۈرۈش دېتالىنىڭئورگان تەرەپ قويغان ئەسلى نامى ۋە نەشىرىمۇشۇ نام شۇ: 超级硬盘数据恢复软件_2.7.1.5

مەن بۇ دېتالنىڭ ئەسلى نامى ۋە نەشىرىنى ساقلاپ قالغان ئاساستاEslige Kelturush Ditali- 超级硬盘数据恢复软件_2.7.1.5 دەپ نام قويدۇم. دېمەك باش تەرىپىگە ئۆزىمىز خالىغان نامنى قويۇپ، كەينىگە دېتال ئەسلى نامى ۋە نەشىرىنى يېزىپ قويساق بولىدۇ. بۇنداق قىلساق ناۋادا دېتالىمىز بۇزۇلۇپ قالسا، لاتىنچە ھەرىپنىڭ كەينىدىكى خەنزۇچە خەتنى Baidu غا بېسىش ئارقىلىق دېتالىمىزنىڭ ئۆزىنى تاپالايمىز دېگەن گەپ.
   
مۇنبەرگە يوللىماقچى بولغان دېتال ۋە باشقا ھۆججەتلەرگىمۇ مۇشۇ ئۇسۇلدا نام قويساق، ناۋادا تور دىسكىسى ھەمبەھىرلەشنى توختاتسا، دېتال نامى ۋە نەشىرىنى ئىزدەش ماتورىدىن بىردەمدە ئىزدەپ تاپالايمىز. دېمەك مۇنبەر ساندانىنى ئاۋارە قىلغانغا چۇشلۇق ئىش بولىدۇ دېگەن گەپ.
تورداشلار مۇنبەرگە تېما يوللىغاندا مۇشۇ نوقتىغا دىققەت قىلساق دېگەن ئۈمۈتتىمەن.چۈنكى بەزى ياخشى دېتالنىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسى ئۆچۈرۈلگەن، ئىزدەپ تاپاي دېسە ئۇنىڭ ئورگان تەرەپ قويغان نامى بولمىغان. نەتىجىدە ئاشۇ ياخشى تېمىنىڭ پايدىلىنىش قىممىتى يوقالغان بوپ قالىدىكەن.

ئەسكەرتىش:
ناۋادا سىناپ باقىمەن دېسىڭىز، مەن قالدۇرغان لاتىنچە ھەرىپنىڭ كەينىدىكى خەنزۇچە خەتنى ئىزدەش ماتورىدىن ئىزدەش ئارقىلىق ئەسلىگە كەلتۈرۈش دېتالىنى ئىزدەپ تاپالايسىز. بۇ دېتال مۇشۇ مۇنبەردە بار بولغاچقا چۈشۈرۈش ئادرىسىنى يوللىمىدىم. لازىم بولغانلار بايامقى ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ چۈشۈرۋالسائڭلار بولىدۇ. ياكى مۇنبەرگە قارىساڭلارمۇ بار.

سانغۇن01 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-15 21:01:08

ناھايىتى ئەتراپلىق پىكىر قىلىپسىز. %100 قوللاشقا تېگىشلىك...ئىزدىنىشىڭىزگە ئاپىرىن..

كەمتۈك يوللانغان ۋاقتى 2015-3-15 23:07:20

ياخشىپىكىربوپتۇ

مۇڭلۇق888 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-16 07:51:33

راستىنلا ياخشى پىكىر جۇمۇمەن قوللايمەن
بەت: [1]
: مۇنبەرگە دېتال يوللاشتا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار