ئانا مىھرى (شېئىر)
ئانا مىھرىشۇنچىلىك سىپايە خۇشخۇي سىمايىڭ،
نۇر چاچار ھەرقاچان ئىللىق چىرايىڭ.
مەن ئۈچۈن زور بەخىت كۈلگەن شۇ چىھرىڭ،
سۆزلىسەم تۈگىمەس يەتكۈزگەن مىھرىڭ.
ھاياتىمدا بارلىغىم ئانامسەن ئانام …
ئاپىرىدە بولغىنىمدا يورۇق دۇنياغا،
خۇشاللىق سالغىنىمدا كۈتكەن دىللارغا.
تۇنجى رەت چىققىنىمدائەگرى يوللارغا،
يىقىلىپ ياتقىنىمدا يۆلەر قوللارغا.
ئىرىشتىم سىنىڭدىن ھەممىگە ئانا…
خۇشپۇراقلىق غۇنچە ئىدىڭ گۈلشەنىڭدە،
ئاتام بىلەن بەخىت ئىچىدە يۈرەرىڭدە.
يۈك بولدۇم مەن ياشلىق پەيزى سۈرەرىڭدە.
كۆپ قاقشاتتىم گاھ يىغلاتتىم كۈلەرىڭدە.
ساڭا جەبرى-جاپا سالدىم كەچۈر ئانا…
كەلدى ئانا راھەت كۆرەر چاغلىرىڭمۇ،
ياشارغۇسى سۇسىز قالغان باغلىرىڭمۇ.
قەت كۆتۈرۈپ گۈل چىمەنلىك تاغلىرىڭمۇ،
ئويغاندىغۇ يۈك بولغان شۇ باللىرىڭمۇ.
سىنى مەڭگۈ قەدىرلەيمەي باغرىم ئانا…
2014-يىلى 15-مارتقاغىلىقتا يىزىلدى.
- مامۇتجان ئويغاق ئۇيغۇرى
ئويغاق ئەپەندىمىنىڭ شىئىرلىرى بارغانسېرى پىشىپ يېتىلىۋاتىدۇ ، سىزگە تېخىمۇ كۆپ ئېلھاملاريار بولغاي .
ئانىلارنى كۆيلەيلى ! ئانىلار تېمىسىدا قانچىلىك يازساق ئازلىق قىلىدۇ . رەھمەت ،روھلان غا يوللىغان تۇنجى ئىجادىيتىم بولغاچق،ا يىتەرسىز تەرەپلىرىمنى ئۇستازلار كۆرسىتىپ بەرسە دىگەن ئۈمىتتىمەن…
ئەڭ تاتلىق تېما ئانا بىلەن بولسۇن. ئەڭ ئالىي تېلەكلەر ئانىلارغا بولسۇن. ئەڭ سۈيۈملۈك ناخشا ئانىلارغا ئېيتىلسۇن. ئەڭ ئۆتكۈر قەلەم ئانىلارنى كۈيلىسۇن!!!!!!!!!!
ياخشى يېزىپسىز ، تولىمۇ ھاياجانلاندىم. تەكلىۋېم شىئېرى تىلغا ئەھمىيەت بېرىڭ. شىئېر يېزىشتا تىل ئىشلىتىش بەك مۇھىم. مىسال ئالساق مەن ھازىر ئىشلەتكەن بەك مۇھىم سۆزىدىكى بەك نىڭ ئورنىغا ئىنتايىن سۆزىنى ئىشلەتسەكمۇ بولىدۇ. ئەمما سۆز مەنىسىنىڭ چوڭقۇرلۇق دەرىجىسى ئوخشىمايدۇ. سىز بۇنى بىلىسىز.
بۇندىن كىينكى ئىجادى ھاياتىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن. كىينكى ئىجادى ھاياتىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن! بۇبىرياخشىقەدەم، مۇشۇقەدەمئېلىنغاندىنكىيىنچوقۇمئالدىغاماڭىسىزماڭىغۇيارىدى ، رەھمەت تىرىشىمەن،
بەت:
[1]