قاراقاش يوللانغان ۋاقتى 2015-3-13 17:06:58

ئوقۇغىن - مۇختەر سۈپۈرگى

ئوقۇغىن
مۇختەر سۈپۈرگى
تەقدىرىڭگە جەڭ ئوقى ئاتماق بولساڭ ئوقۇغىن،
كائىناتنىڭ سىرىنى ئاچماق بولساڭ ئوقۇغىن،
ئەل- ۋەتەنگە تۆھپىلەر قاتماق بولساڭ ئوقۇغىن،
نىسىۋەڭنى ئىلكىڭگە ئالماق بولساڭ ئوقۇغىن،
ئەيىپىڭنى ئىلىمدە ياپماق بولساڭ ئوقۇغىن.

《ساۋاتسىزلىق شەرەپ ئىش》 دېگەنلەرگە مىڭ لەنەت،
ئەل غېمىنى يالغاندىن يېگەنلەرگە مىڭ لەنەت،
تىرىكتاپقا ئاش بەرگەن لىگەنلەرگە مىڭ لەنەت،
نادانلارنى ئېشەك قىپ مىنگەنلەرگە مىڭ لەنەت،
بەيگىلەردە ئۆزگىدىن ئاشماق بولساڭ ئوقۇغىن.

ئەجدادىمىز ياراتقان قەغەز، كومپاس، مەتبەئە،
چىققان بىزدە روياپقا دورا ئاتلىق مۆجىزە،
نەسلى ئىدۇق ئەشۇنداق زېرەكلەرنىڭ ئەسلىدە،
بىز جاھانغا تۇنۇلغان ئىلىم بىلەن دەرۋەقە،
كەلگۈسۈڭنى ئەجدادقا چاتماق بولساڭ ئوقۇغىن.

كۈلپىتىڭدىن ۋايسايسەن، 《نە ئۈچۈن》 دەپ باقمايسەن،
قاراڭغۇ دىل خانەڭگە ئىلىم نۇرى ياقمايسەن،
ئۆزگىلەرگە ئۆزۈڭدىن خۇشپۇراقلار چاچمايسەن،
تۇرۇپ بىر دىل، بىر تىللىق، بىر كوچىغا پاتمايسەن،
خىسلىتىڭدىن نۇر- زىيا چاچماق بولساڭ ئوقۇغىن.

نىجاتلىقنى ئىلىمگە باغلىغانلار باياشات،
ئۇچتى ئايغا، مارسقا، بولدى ئاڭا پەن قانات،
ئەمما سېنى يالمىدى ۋاقتى ئۆتكەن خۇراپات،
ھەل بولمىدى تىلىكىڭ قىلىپ شۈنچە مۇناجات،
باياشاتلىق تۆرىدە ياتماق بولساڭ ئوقۇغىن.

مەكتەپ دېسە داجىيسەن، قىيامەتتىن قاچقاندەك،
گويا ساڭا زاۋاللىق ئاغزىنى چوڭ ئاچقانداك،
قېنى روھىڭ، جۈرئىتىڭ، ئەجداد بەرگەن قاپلاندەك،
يېتىپ كەتتىڭ نادانلىق بۆشۈكىدە مېھماندەك،
قورغىنىنى غەپلەتنىڭ، چاقماق بولساڭ ئوقۇغىن.

بۇ دۇنياغا تۇغۇلۇپ، ئۇ دۇنيا دەپ ياشايسەن،
بىساتىڭنى، بالاڭنى كىملەرگىدۇر ئاتايسەن،
ماڭىسەنۇ ماڭىسەن، لېكىن قىردىن ئاشمايسەن،
مۇشۇ ھالىڭ- تۇرقۇڭدىن سەن كىملەرگە يارايسەن،
ياراتقۇچى ئىگەمگە ياقماق بولساڭ ئوقۇغىن.

يارالغاندا لاي- خاكى ئەسلى بىردۇر ئىنساننىڭ،
يىراق ئېرا- ئۆتمۈشتە نەسلى بىردۇر ئىنساننىڭ،
بېقىپ كەلدى يەر شارى، يەسلى بىردۇر ئىنساننىڭ،
سەن، مەن ۋە ئۇ بولمىقى بەلكى سىردۇر ئىنساننىڭ،
يىلتىزىڭنى- ئەسلىڭنى تاپماق بولساڭ ئوقۇغىن.

يىراق قىلما دىلىڭنى ئىلىم نۇرى- خىسلەتتىن،
ئالماي ساۋاق يۈرەمسەن شۇنچە ئاچچىق ئىبرەتتىن،
كىم قۇتقۇزار سېنى بۇ ئۆزۈڭ تاپقان كۈلپەتتىن،
يارىلىشىڭ قىسمەتتىن، يارالمىشىڭ ھېكمەتتىن،
دەرياسىدا ھېكمەتنىڭ ئاقماق بولساڭ ئوقۇغىن.

《يېڭى قاشتېشى》ژۇرنىلى 2014-يىل 4-سانىدىن

نەۋرۇز يوللانغان ۋاقتى 2015-3-13 21:11:33

بىلىم چىندا بولسىمۇ ئۆگۈنۈڭلار دىگەن ئىدى بىر زات. ھەم شۇ زاتقا ياراتقۇچىنىڭ پەرىشتىسىمۇ تۇنجى بولۇپ دىگەن سۆزى ‹‹ئوقۇ›› ئىدى. تولىمۇ ياخشى ئەھەر يوللاپسىز. رەھمەت سىزگە

ئەزھەر36 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-13 22:15:30

مەزمۇنى بەك ياخشى ئىكەن ، ئەجرىڭىزگە رەھمەت .

ئىدرسجان يوللانغان ۋاقتى 2015-3-13 23:48:02

ياخشى يىزىلغان شىئر ئىكەن رەھمەت سىزگىمۇ.

نۇرلان يوللانغان ۋاقتى 2015-3-14 13:29:51

شېئىرنى يوللىغۇچى مۇختەر سۈپۈرگى ئەمەسقۇ دەيمەن؟

قاراقاش يوللانغان ۋاقتى 2015-3-14 16:55:35

شۇنداق. ماڭا يېقىپ قالغاچقا يوللىدىم بۇ شېئىرنى.ئەسكەرتىشمۇ بەردىم.

Merzuq يوللانغان ۋاقتى 2015-3-14 17:11:48

ھەقىقەتەن جايىدا يېزىلغان بەلەن شېئىركەن. تېخىمۇ تىرىشىڭ!

قاراقاش يوللانغان ۋاقتى 2015-3-14 19:17:49

بۇ شېئىرنىڭ ئاپتورى مەن ئەمەس. مەن ياقتۇرغاچقاروھلانداشلارمۇ ياقتۇرىدۇ دەپ ئويلاپ يوللىدىم.

كەمتۈك يوللانغان ۋاقتى 2015-3-14 21:46:35

ماڭابەكيارىدى

muhemmed يوللانغان ۋاقتى 2015-3-15 01:14:09

ياخشى ئەسەر ئىكەن، مەن بەك ياقتۇردۇم، شېئىرنىڭ تىلى ھەقىقەتەن ئۆتكۈر ، ئاممىباب بولۇپ چۈشىنىشلىك ئىكەن
بەت: [1]
: ئوقۇغىن - مۇختەر سۈپۈرگى